logo

trugen jacn
29 ئاپرېل 2014

ئاقسۇ قاراتالدا «4 خىل پېشقەدەم» لەرنىڭ مېيىت نامىزىنى مەسچىتتە چۈشۈرۈش چەكلەندى

 

گۈلچېھرە

يېقىنقى كۈنلەردە ئاقسۇ شەھەر قارتال بازارلىق كومىتېتنىڭ چىقارغان «4 خىل پېشقەدەم» كادىرلارنىڭ دەپن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر جازا ئۇقتۇرۇشى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىپ غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئۇقتۇرۇش قارتال بازاردىكى «4 خىل پېشقەدەم» كادىر نۇردۇن تۇردى قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مېيىتى باشقۇرۇش چارىسى بويىچە ئۆز ھويلىسىدا چۈشۈرۈلمەي، مەسچىتتە چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن، نۇردۇن تۇردى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بېرىلىدىغان 3000 سوم دەپن پۇلى ۋە ئالتە ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى بەرمەسلىكنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدە چىقىرىلغان بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەر دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان يولسىز، قانۇنسىز تەدبىرى جامائەتچىلىكتە زور غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق قوزغىغانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.

رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلار، قارتال بازار 23-كەنتى (دولان كەنتى) دە ئولتۇرۇشلۇق پېشقەدەم كادىر نۇردۇن تۇردى، 2014-يىلى 31-مارتتا تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ھويلىسىدا چۈشۈرمەي مەسچىتتە چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتتىن بېرىلىدىغان بارلىق تەمىناتلاردىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ئەل جامائەت ئىچىدە ناھايىتى تېز تارقىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان بۇ خىل چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلماقتا.

بىز بۇ ھەقتە ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسەن قاراتال بازىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ جايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاتالمىش دەپن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق،

بازاردىكى دەم ئېلىشقا چىققان بىر ئايال ئوقۇتقۇچى، بازاردا بىر كادىرنىڭ مېيىت نامىزى ھويلىسىدا چۈشۈرۈلمەي مەسچىتتە چۈشۈرۈلگىنى ئۈچۈن، مۇسىبەت ئىگىلىرىنىڭ ۋە مەسئۇل كادىرلارنىڭ جازاغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلا ۋە ھەر خىل نارازىلىق پىكىرلىرىنىڭ بەكمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
-دولاندا بىرەيلەننىڭ نامىزىنى رۇخسەتسىز مەسچىتتە چۈشۈردى دەپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە جەرىمانە قويۇپ، خېلى جىق ئىشتىن مەھرۇم قىپتۇ، پۇللىرىنى تۇتۇپ ھەممىنى بىكار قىپتۇ، دەپ ئاڭلىدۇق.

ئەمدى بىز مۇسۇلمان ئۇيغۇر بولغاندىكىن، بۇ، بەك كۈچلۈك غۇلغۇلا بولۇۋاتىدۇ، پىكىر بولسىمۇ ئېيتالمايدىغان گەپ، ئۇيغۇرلارغا بېسىم قانچە جىق بولغانچە قارشىلىقمۇ كۈچىيىپ كېتىدىغان گەپ، ھۆكۈمەت قانداق ئويلايدىكىن…
بىز يەنە بازارلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق، بازارلىق ياشانغانلار پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى تۇرخان ئىسىملىك بىر كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇ دەسلەپ ئۆزىنىڭ بۇلتۇر دەم ئېلىشقا چىققانلىق سەۋەبىدىن ھازىرقى باشقۇرۇش چارىلىرىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئەگەر بۇ خىل چارە يۈرگۈزۈلگەندە ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قانداق باھا بېرىش كېرەكلىكىنى سورىغىنىمىزدا بولسا، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالمىدى:
-ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن، دىنغا ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىك، ئۇنداق ئىشلىرىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن.، ئەگەر ئۇنداق ھۆججەت بولغان بولسا 28 كەنتنىڭ ھەممىسىگە تارقىلاتتى. بىزنىڭ قارتال بازار ۋىلايەت بويىچىمۇ چوڭ بازار ھېسابلىنىدۇ ھازىر ھەر بىر دادۈيدە بىر مەسچىت بار. ئۇنداق ھۆججەت چىقمىغاندۇ جۇمۇ، ئەگەر بولغان بولسا ئاڭلايتتىم.
-ئەگەردە شۇنداق بىر ھۆججەت چىققان بولسا، سىزنىڭچە بۇ يوللۇقمۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى توغرا بولامدۇ؟
-ئۇنىڭدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن.

بىز يەنە ئۇيغۇرلاردا زور غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان، بۇ «4 خىل پېشقەدەملەرنىڭ دەپن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ ئاقسۇ قارتالدىن باشقا جايلاردىمۇ يۈرگۈزۈلگەن-يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى دائىرىلىرىدىن سوراپ كۆردۇق، تەڭرىتاغ رايونى مىللىي ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قارتالدىكى بۇ خىل چەكلىمىدىن ئۈندىدار ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەمما ئۈرۈمچىدە بۇنداق قانۇنسىز بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە قاراتالدىكى دەپن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىلىرى يەرلىك كادىرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان باشقۇرۇش چارىلىرى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-olem-04282014163344.html

 

Share
2157 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.