logo

trugen jacn

د.ر. مەمەت ئىمىن: باشقىلارنى ئەيىبلەش ۋە ياكى ھاقارەتلەش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟

د.ر. مەمەت ئىمىن

ھەممىمىز بىلگەندەك، بىزدىكى بەزى ئايىغى چىقمايدىغان تالاش تارتىش ۋە ئەيىبلەشلەر، خەلقىمىزنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئېنېرگىيىسىنى زۆرۈر بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا سەۋەب بولاۋاتىدۇ. بىز بىر تەرەپتىن، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇ تالاش تارتىشلارنىڭ چوڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بىز بىلىپ بىلمەي شۇنداق تالاش تارتىشىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتىمىز، ۋە ئايىغى چىقمايدىغان تالاش تارتىش ۋە ئۆز ئارا ئەيىبلەشلەر ئارقىلىق ئۆز ئارا بىر بىرىمىزنى رەنجىتىۋاتىمىز.
بىلىشىمىز كېرەككى ئىنسانلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. ئۇلار پەقەتلا زامان ئاخىرى بولغاندا تۈگەيدۇ؛ بىراق ئۇنداق دېگەنلىك ئىنسانلار زىددىيەت ۋە ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتە دەل شۇ زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؛ نەتىجىدە جەمئىيەت تەرەققى ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ؛ تەرەققىيات جەريانىدا كونا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ھەل بولۇپ، يىڭى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇندىن كىيىن ئىنسانلار ئۇ يىڭى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت تىخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ. يەنى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ، پەقەت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ.
مەسىلەن ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە خەلقىمىزنى ھۆرلۈككە چىقىرىش ۋە ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىش بولۇپ، ئۇنداق دېگەنلىك خەلقىمىز ھۆرلۈككە چىقسا، ۋەتەن مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار تامامەن ھەل بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ چاغدا ھازىرقىدىن پەرقلىق يىڭى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپنى ئىنكار قىلىشنىڭ، ئۇنى يوققا چىقىرۋىتىشنىڭ، ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن بەك قايغۇرۇپ كېتىشنىڭ ۋە ياكى ئۇنى كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن بەك قورقۇپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق. زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ يالغۇز بىزدە ئەمەس، ھەممە مىللەتلەردە مەۋجۇت نەرسە. مەسىلە بىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىزدا ۋە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىزدا.
باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ياكى باشقىلاردا بار يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىز باشقىلارنى قايىل قىلىشىمىز كېرەك. ئىنساننى قايىل قىلىدىغان ۋە ياكى ئىنسانلارنى گەپ ئاڭلاتۇرىدىغان نەرسە، بىرى سۆيگۈ مۇھەببەت، يەنە بىرى پايدا مەنپەت، ئۈچىنچىسى قانۇن تۈزۈم. بىز باشقىلارنى قايىل قىلىپ، ئۇلارنى گېپىمىزگە كۆندۈرىمەن دەيدىكەنمىز، بىز چوقۇم باشقىلارغا سۆيگۈ مۇھەببەت بېرىشىمىز ياكى ئۇلارغا پايدا مەنپەت يەتكۈزەلىشىمىز كېرەك. بولمىسا، بىز باشقىلارنى ئەيىبلەش، باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش ۋە ياكى باشقىلارغا تەھدىت قىلىش ئارقىلىق، ھېچكىمگە ئۆز كۆز قارىشىمىز ۋە ئوي پىكىرلىرىمىزنى زورلاپ تاڭالمايمىز. ئەگەر بىز چىرايلىق گەپ سۆزلەر ۋە ياكى پايدا مەنپەت بىلەن باشقىلارنى ئۆزىمىزگە قارىتالمىساق، بىزنىڭ مۇكەممەل قانۇن تۈزۈمىمىز ۋە جازالاش سىستېمىسىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھېچكىم بىزنىڭ گىپىمىزگە قۇلاق سالماسلىقى ۋە ياكى سۆزىمىزنى ئېتىبارغا ئالماسلىقى مۇمكىن. بىز ھەرقانچە سۆزلىسەكمۇ، ئۇ سۆزلەر ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا كىرمەسلىكى، سۆزىمىزنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماسلىقى مۇمكىن.
بىز باشقىلارغا تەربىيە بەرگەندە، باشقىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەيلى دېگەندە ۋە ياكى ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، چوقۇم باشقىلارغا بۇيرۇق ۋە تەھدىت تەلەپپۇزىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشىمىز، كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چىچىش ئۇسۇلىنى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن باشقىلار قوبۇل قىلغىدەك تەلەپپۇزدا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشىمىز، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر ئامال تاپالمىساق، ئەڭ ياخشىسى تەخىر قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ تىنەپ، ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چىچىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا تەخىر ۋە سەۋر قىلىش بەك مۇھىم. تەخىر ۋە سەۋر قىلىش، بىزنىڭ ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىشىمىزدا، بىزگە ۋاقىت قازاندۇرىدۇ؛ نەتىجىدە بىز سالماقلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، مەۋجۇت مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ توغرا بولغان چارە تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقالىشىمىز مۇمكىن. ئادەم ئالدىرىغاندا، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغاندا، ئاچچىقلانغاندا، ئاسانلىقچە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇشى، نەتىجىدە ئاسان خاتالىشىپ قىلىشى مۇمكىن.
Görüntünün olası içeriği: ayakkabılar, şunu diyen bir yazı 'The more you point out someone else's Alaws, the more you emphasize your own. JCabral abral'
Share
2525 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.