logo

trugen jacn

بارسېلونا ۋە قەشقەر: مۇستەقىللىق ئۈچۈن بېلەت تاشلاۋاتقان كاتالانلار ۋە دۆلەت تېررورىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار

5614defc-8827-422d-b76b-0e661f138bab

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كاتالونىيە خەلقى ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، بۈگۈن قەشقەر شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 22 نەپەر ئۇيغۇرغا جازا ھۆكۈم قىلغان

4437e68d893a15a6e2b04b

كاتالونىيەدە 80% تىن كۆپرەك بېلەت تاشلىغۇچى ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۆز ئىرادىسىگە قارشى ھالدا ئاتالمىش «مۇقىملىق ئەھدىنامىسى» گە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا

بارسېلونا شەھىرى كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل كاتالونىيە ئۈچۈن ھۆرىيەت ئالقىشلىرىغا چۆمۈلگەن بىر پەيتتە، ئەزىزانە قەشقەر ئۆز خەلقىنىڭ ئېغىر قىسمەتلىرىگە شاھىت بولماقتا

ب ب س ۋە گاردىيان گېزىتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونى 9-نويابىر كۈنى ئومومىي خەلق رايىنى سىناش بويىچە غەيرىي رەسمى بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

نەتىجىدە ئىختىيارى بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان 2 مىليوندەك كاتالانلارنىڭ 80% تىن كۆپرەكى مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشىدىن كېيىن ئىسپانىيەگە قارام كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇشى ئىكەن

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى ئومۇمىي ئېقىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىدىكى ئەركىن ئاۋاز بېرىشنىڭ نەتىجىسى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە كاتالانلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ۋە مۇقەررەر تاللىشىدىن ئېنىق بېشارەت بەرگەن. بۇ بېشارەت مادرىد بىلەن بارسېلونانىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن. ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىيانو راجوي كاتالونىيەنىڭ ئىسپانىيەنىڭ قوينىدا قەپ قېلىشىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شوتلاندىيەنىڭ تاللىشىنى ئۆرنەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان

ۋەھالەنكى، كاتالان مىللىي رەھبىرى ئارتۇر ماس بۇ قېتىملىق سىناق خاراكتېرلىك ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىنىڭ كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا تاشلانغان «بۈيۈك قەدەم» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى گەرچە ھازىرغا قەدەر كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى «قانۇنسىز» دەپ قاراۋاتقان، ئىسپانىيە ئالىي سوتى رەسمىي ھالدا كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشىنى تەستىقلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گەۋدىسى ئىچىدىكى ئىسپانىيە ئۈچۈن كاتالانلارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا ھۆرمەت قىلماقتىن باشقا يول يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

مەمەت توختى ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ

مەلۇمكى، كاتالونىيە ئىسپانىيە تەۋەسىدىكى مىللىي خاسلىققا ۋە قويۇق يەرلىك مەدەنىيەتكە ئىگە بىر ئاپتونوم رايون. تارىختا كاتالونىيە ئىسپانىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالىشىش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. كۆپ قېتىم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇش ياكى فىرانسىيەنىڭ ۋە ياكى ئىسپانىيەنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئالاھىدە رايون بولۇشتەك تارىخىي كەچۈرمىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. 1930-يىللاردىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن دىكتاتور فرانكو كاتالونىيەنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلغان. 1970-يىللاردىن كېيىن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى كاتالونىيەگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن

fft64_mf1119767

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كاتالانلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ كەلگەن. نۆۋەتتە كاتالونىيە ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇرتقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئورۇن تۇتقان. ئۇنىڭ مەركىزى بولغان بارسېلونا شەھىرى ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا

كاتالونىيەنىڭ يەر مەيدانى 32 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەر مەيدانىنىڭ 50 دىن بىرىگە، تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىغا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە كاتالونىيەدە كاتالان تىلىدا سۆزلەيدىغانلار 37% نى، ئىسپان تىلىدا سۆزلەيدىغانلار 45% نى ئىگىلەيدىكەن. مۇسۇلمانلار كاتالونىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 7% نى تەشكىل قىلىدىكەن

مەمەت توختى ئەپەندى ئاخىرىدا، كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خەلقلەرگە ئۈمىد ۋە ئىلھام بېغىشلىسا، خىتاي دائىرىلىرىگە دېموكراتىيە دەرسى بولۇپ قالىدۇ، دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-besimi-11112014141416.html

Share
2021 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.