logo

trugen jacn

ئەھۋال ئېغىر نېمە قىلىش كېرەك؟

 

بۇ كۈنلەردە ۋەتەندىن كىلىۋاتقان خەۋەرلەر ئىنتايىن خەتەرلىك، ۋەھىم ئىكەنلىكىدە ھېچكىمنىڭ ئىختىلاپى يوق. بۇلاۋاتقان زۇلۇم، تەڭسىزلىك، تۇتۇپ كېتىلگەن بىگۇنا ئىنسانلارنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق.  ھەرمىنۇت – سىكۇنۇتتا يېقىنلىرىمىزدىن بىرى ئاتا-ئانامنى تۇتۇپ كېتىپتۇ دېسە، بىرى ئاكا-ئۇكىلىرىمغا ئون يىللىق، ئون بەش يىللىق ئۆي كىسىپتۇ دەۋاتقان. نېمە سەۋەپتىن دېسە سەۋەپنىڭ تايىنى يوق(ئۇيغۇر،مۇسۇلمان بوپ قالغانلىق).

دۇنيادىكى پۈتۈن ئۇيغۇر نىڭ دىلى سۇنۇق، كۆڭلى بىئارام.

ھېچكىم نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرماقتا.

ۋەتەندىكىلەر چارىسىز بولسا چەتئەلدىكىلەرمۇ چارىسىز.  شۇنداق چەتئەلدىكىلەر تېخىمۇ چارىسىز!

ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقان ئىكەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا رىزىق بىرىدۇ، رىزىق بىلەن بىرگە ئەقىل-ئىدراك، پۇرسەت-شارايىتلارنىمۇ بىرىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگىمۇ تارىختىن بىرى شۇنداق ئامەت – پۇرسەتلەرنى بەرگەن، شۇ ئامەت-پۇرسەتلەرنى قانداق قاچۇرۇپ قويدۇق بۇنى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى بىلىدۇ.

نۆۋەتتىكى جىددى مەسىلە ئۈستىمىزدىكى بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان زۇلۇمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش!

كۆپ كىشىلەر  بۇمەسىلىدە ئۆزىنىڭ ئەقلى يەتكەن دائىرىدە باش قاتۇرۇپ ئىزدېنىپ كەلمەكتە.

ئاللاھ ئىنساننى قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا زورلىمايدۇ، قۇدرىتى يىتىدىغان ئىشنى  ئىمكانىيىتى بولۇپ تۇرۇپ قىلمىغانلاردىن ھېساپ ئالىدۇ.

بەزىلەر خەلقىمىزدىن ئاغرىنىپ تورلاردا   ئاۋازلىرىنى بەلەن قىلىپ، مىللەتتىن قاخشاپ، خىتاينى دۈشمەن بىلمىدىڭ دەپ ئاللا كىملەردىن ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ئۇلارمۇ بىر قەدەر ھەقلىق، خاتا كەتكەن يىرى دۈشمەننى مەن تونىيمەن سەن تونىمايسەن، مەن كۆرەش قىلدىم سەن قىلمايسەن دەپ ئزۆزىگە تەمەننا قىلىشىدۇر.

ئالدىمىزدىكى دۈشمەن  بىر ئىككى كىشىنىڭ ۋاقىراش-جاقىراشلىرى بىلەن  خەلقنى سەپەرۋەرلىككە ئەكىلىپ، بىتەرەپ قىلىدىغان دۈشمەن ئەمەس.

ئۇنداقتا نېمە قىلىش كېرەك!؟

قۇرئان كەرىمدا بىزگە ئوخشاش قايمۇقۇپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغانلارغا خىتاپ قىلىپ  سۈرە ئالى ئىمراننىڭ ئاخىرقى ئايىتىدە يولىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى:

”يا أيها الذين آمنوا اصبروا وصابروا ورابطوا واتقوا الله لعلكم تفلحون“

((ئې مۇئمىنلەر سەبرى قىلىڭلار، سەبرىگە تەۋسىيە قىلىڭلار(بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بىرىڭلار) داۋاملىق تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار، تەقۋادار بولۇڭلار، ئۈمىدكى سىلەر نىجاتلىققا ئىرىشكە يسىلەر)).

مەزكۇر ئايىتى كەرىمە نىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش كۆردۇقمۇ يوق،  بۇنىڭ ھېسابىنى كۆرسەك بولىدۇ.

ھەربىر ئۇيغۇر نىڭ ئۆزى قىلالايدىغان ئىشى بار. ئالىم بىلىمىنى چىقىرىپ ھەقنى سۆزلىسۇن،   بايلار ئاللاھ بەرگەن مالدىن ئاللاھ يولىدا زىيادىسى بىلەن خەجلىسۇن، كەسىپ ئەھلىلىرى ئۆز كەسپىدە ماھارىتىنى كۆرسەتسۇن.

قۇرئان كەرىمدا:

”وقل اعملوا فسيرى الله عملكم ورسوله“

((ئىشلەڭلا(ئەمەل قىلىڭلار) ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەمەللەرىڭلارنى كۆرىدۇ)).

دېمەك، ھەر بىر كىشى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى لايىقىدا ئادا قىلسا ،زۇلۇممۇ ئاخىرلىشىدۇ. بۇ دۇنيادىكى خارلىققا خاتىمە بىرىلىدۇ. قىيامەتتە جەھەننەمدىن قۇرتۇلۇپ، جەننەتكە مۇشەررەپ بولىدۇ.

مۇھىم بولغان مەسىلە ھەبىر كىشى ئۆزىدىن ھېساپ سوراش.

مىليۇنلىغان ئۆزىنى ھۇشيار، قالتىس چاغلاپ،  قاتتىق ئىھتىيات قىلغان قىياپەتتە خۇدىنى يوقىتىپ، خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ئاللاھنىڭ سالامىنى قىلىشتىنمۇ ھەزەر قىلىپ ئۆتكەنلەر بۈگۈن زالىمنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇپ قالالمىدى. شۇ ھۇشيارلار ۋە ئۇلارنىڭ  سۇلالىسىمۇ ئوتنىڭ تېشىدا قالمىدى.

ئۇنداق دېگنلىك ھەممە ئادەم بەزىلەردەك ۋاقىراپ-جاقىراش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. ئەقلىنى بېشىغا يىغىپ، مەن نېمە ئىش قىلالايمەن، نېمە قىلىشىم كېرەك؟

ھازىرغىچە نېمە ئىش قىلدىم؟

ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەرنىڭ قايسى بىرىگە  بەدەل تۆلىيەلەيمەن؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاپ تېپىشىمىز كېرەك.

ھەقىقىي خىزمەت ئارزۇسى بار ئىنسانغا خىزمەت پۇرسىتى بار، نىيىتى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس بولىدىكەن نام-ئاتاقنىڭ كېرىكىمۇ يوق.

بايلار  پۇللىرىنى مەخپى بەرسۇن، قەلەم ئەھلى تەخەللۇس بىلەن يازسۇن، ھەربىر شەخس بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسۇن.

كۆپ كىشىلەر  ۋەتىنىمىزدىن خىتايلارنى قانداق قوغلايمىز، زۇلۇمدىن قانداق قۇتۇلىمىز  باش قاتۇرايلى دەيدۇ يۇ، باشقىلار باش قاتۇرسا، باشقىلار كۈچ چىقارسا (مەن سىڭگەن ناننى يەپ ئولتۇرسام) دەپ ئارزۇ قىلىدۇ.

ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، قىيامەتتە بىرمۇ-بىر ھېساپ بىرىمىز..

مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرايلى، ھېساپنى باشقىلاردىن ئەمەس ئۆزىمىزدىن ئالايلى

بىلال ئەزىزى

http://turkistantimes.com/uy/news-1483.html

Share
891 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.