logo

trugen jacn

ئەھمەت مۆمىن ھاجى: ئۇيغۇر ھاجىلار ھەرەمدە ھەر كۈنلۈكى مەجبۇرىي سىياسىي ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ

69d0bc48-7ba8-4053-8da9-eb8921752704

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن مەككىگە كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلار خىتاي ھەج ئۆمىكى مەسئۇللىرىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن.

مەككىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھەج ئۆمىكى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ھاجىلار ئۆمەك مەسئۇللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر كۈنلۈكى سىياسىي ئۆگىنىش قىلىشقا مەجبۇرلانغان.

مەككىدىكى ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن ئەھمەت مۆمىن ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەتتا ھەج قىلىشقا كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئەركىن-ئازادە ھالدا بەيتۇللاھغا بېرىپ ناماز ئوقۇپ ئىبادەت قىلىشىمۇ چەكلەنگەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكىمۇ ئىجازەت بېرىلمىگەن.

مەركىزى بېيجىڭدىكى خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى تور بېتىنىڭ بۇ يىللىق ھەج پائالىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، بۇ يىل خىتاي ھەج ئۆمىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتايدىن جەمئىي 14 مىڭ 500 نەپەر مۇسۇلمان ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 2014-يىلدىكى ھەج قىلغۇچىلار سانىدىن پەقەتلا بەش يۈزى كۆپ بولغان.

ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ سانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ، بۇلتىرقىدەك يەنىلا ئۈچ مىڭ نەپەر مۇسۇلمان ھەج پائالىيىتىگە كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مىڭغىمۇ يەتمىگەن.

ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ھاجىلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي بېسىملار ھەرەمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن.

نۆۋەتتە، دىققىتىڭلار مەككە شەھىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن ئەھمەت مۆمىن ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولسۇن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/mekke-hej-09162015162857.html

Share
1705 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.