logo

trugen jacn

ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق دىننىڭ قىممىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىشتۇر

4598964561hutbe

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى

اللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە « ئۇلارغا “ يەريۈزىدە پىتنى – پاسات چىقارماڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار“دىيىلسە، “ بىز ئسلاھ قىلغۇچىلارمىز“ دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر. لىكىن بۇنى ئۆزلىرى بىلمەيدۇ. » دەيدۇ.( بەقەرە سۈرىسى، 11/12 . ئايەتلەر )

پەيغەمبەر ئەلەيسىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «بىزنى ئالدىغانلار بىزدىن ئەمەس» دەيدۇ. (مۇسلىم، ئىمان، 164)

ئەزىز قېرىنداشلار!

پەيغەمبىرىمىزگە تۇنجى ۋەھىي كەلگەن ۋاقىتتا ئۆزىگە بىرىلگەن بۇ ئۇلۇغ ئامانەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئالدىدا ئەندىشە قىلغان ئىدى. دەرھال ئۆيىگە قايتىپ بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى، مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى خەتىجە ئانىمىزغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەتىجە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزگە: «قورقما! ئاللاھ سىنى قەتئىي ئوسال ئەھۋالدا قويمايدۇ. چۈنكى سەن تۇققانلىرىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭنى ئۈزۈپ قويمايسەن. يىتىم – يىسىرلارنى قوغدايسەن. غىرىپ – غۇرۋالارغا ياردەم قىلىسەن. مىھمانلارنى ھۆرمەت بىلەن كۈتىۋالىسەن. خوشنىلىرىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىسەن. مەزلۇم ۋە ئىزىلگەنلەرگە قول – قانات ئاچىسەن. ھەقنى قوغداپ، توغرىنىڭ يىنىدا تۇرىسەن» دېگەن ئىدى.(بۇخارى، بەدۇل ۋەھىي، 1/ تەپسىر،ئەلەق 1.)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئەسلىدە ھەزرىتى خەتىجە ئانىمىز بۇ سۆزلىرى بىلەن ھاياتىدا بۇ خىل ئەخلاق – پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغانلارنى ئاللاھنىڭ ئوسال ئەھۋالدا قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدى. ھەقىقەتەن ئۇزۇن تارىختىن بىرى بۇ پەزىلەتلەرنى يوقاتماي كىلىۋاتقانلارنى، رەببىمىز ئوسال ئەھۋىلدا قويمىدى. شۇنىڭدەك 15 – ئىيۇلدىمۇ مىللىتىمىزنى ئوسال ئەھۋلدا قويمىدى.

چۈنكى ئۇلۇغ ئاللاھ، زالىملارغا قارشى مەزلۇملارنىڭ يىنىدا تۇرغانلارنى ئوسال ئەھۋالدا قويمايدۇ. چۈنكى ئۇلۇغ ئاللاھ، پىقىر – پۇقرا، ئاجىز – مىسكىنلەرگە قول ئۇزاتقانلارنى تەس كويدا قويمايدۇ. چۇنكى ئۇلۇغ ئاللاھ، غىرىپقا، يىتىم – يىسىرغا قەلىب تۆرىدىن ئورۇن بەرگەنلەرنى ياردىمىدىن مەھرۇم قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ مىللەت، ئىرىق، تىل، دىن، جۇغراپىيە ئايرىماستىن ياردەم سوراپ كەلگەنلەرگە ھەردائىم قەلىب ئىشىكىنى ئىچىپ، ئۇلارغا باشپاناھ بولۇپ كەلگەن. يىتىم – يىسىرنى ، غىرىپ – غۇرۋانى قوغداپ كەلگەن، زالىمغا قارشى مەزلۇمنىڭ يىنىدا تۇرۇپ كەلگەن. ھەرقانداق شەرت – شارائىتتا ھەقنى سۆزلەپ، مەدەنىيەتلەر بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ بىر ئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغىچە مەدەنىيەت تارقىتىپ كەلگەن.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىز ئىشىنىمىزكى، ئۇلۇغ رەببىمىز مىللىتىمىزنى قايغۇ – نادامەتتە قويمايدۇ. چۈنكى بۇ مىللەت، ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە ئىمانىنى، ۋەتىنىنى، كېلەچىگىنى ۋە كەلگۈسىنى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى بىلىپ كەلگەن. بۇ قىممەتلىك بايلىقىغا نامەھرەم قوللارنىڭ سوزىلىشىغا قەتئىي يول قويمىغان، كەلگۈسى شۇئارىمىزنىڭ، «ئاسىمنىڭ نەسلى دىگەنتىڭ يا، نەسلى ئىكەن ھەقىقەت. شۇڭا بۇلغاتمىدى نۇمۇسىنى، بۇلغاتمايدۇ» مىسراسىدا ئىيتىلغىنىدەك مىللىتىمىز تۇپرىقىنى، غورورىنى، ئىززەت ۋە شەرپىنى ئاياق ئاستى قىلدۇرمىغان. ئىرادىسىنى، ئەقلىنى ۋە روھىنى باشقىلارنىڭ مونوپوللۇقىغا تاپشۇرمىغان.

ئەزىز قېرىنداشلار!

جانابى ئاللاھ خۇتبىنىڭ بىشىدا ئوقىغان ئايەتتە شۇندق دەيدۇ: « ئۇلارغا “ يەريۈزىدە پىتنى – پاسات چىقارماڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار“دىيىلسە، “ بىز ئسلاھ قىلغۇچىلارمىز“ دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر. لىكىن بۇنى ئۆزلىرى بىلمەيدۇ. » ( بەقەرە سۈرىسى، 11/12 . ئايەتلەر. )

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئايەتتە دىيىلگىنىدەك تارىختىن بىرى يەر يۈزىدە ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق ئىسلامنىڭ ئىسمىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن يۈز بەرگەن. ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق دىن قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ خەلىققە يامانلىق قىلىشتۇر. ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق دىننىڭ قىممىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ خەلىقنى ئالداشتۇر. شۇڭا پەيغەمبىرىمىز ھەدىس شەرىپتە: «بىزنى ئالدىغانلار بىزدىن ئەمەس» دېگەن ئىدى.( مۇسلىم، ئىمان، 164 . )

ئەزىز قېرىنداشلار!

مىللىتىمىزنىڭ 15 – ئىيۇل كىچىسىدىكى ئىرادىسى، شۈبھىسىزكى، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە رەھمەت ۋە دۇئا – تېلەكلەر بىلەن ئەسلىنىپ تۇرىدۇ. خەلقنىڭ ماۋجۇتلىقىغا قەست قىلغانلار بولسا  ئەلۋەتتە زىيانغا ئۇچۇرايدۇ. لېكىن بىشىمىزدىن ئۆتكەن بۇ چوڭ بالايى – ئاپەتتىن ئىلىشقا تىگىشلىك دەرسلىرىمىز بار. بۇ ئەزىز مىللەتكە بۇ يامانلىقنى راۋا كۆرگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئۇلۇغ دىنىمىزنى سەھىھ مەنبەلەردىن توغرا بىر شەكىلدە ئۆگىنىشىمىز، قەلبىمىزنى، روھىمىزنى، ئەقلىمىزنى، پىكرىمىزنى، ئىرادىمىزنى باشقىلارنىڭ مونوپۇللۇقىغا تاپشۇرماسلىقىمىز لازىم. بىزنى ئاللاھقا بەندىچىلىك ئەمەس، ئۆزىگە بەندە ۋە قۇل بولۇشقا دەۋەت قىلغانلارغا زەررىچىلىك ئىتىبار قىلماسلىقىمىز، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى قوغدىشىمىز، بىر – بىرىمىزنىڭ ماۋجۇدىيىتىنى ئۆزىمىزنىڭ ماۋجۇتلىقى، ھەق – ھوقۇقىنى ئۆزىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقى بىلىشىمىز لازىم. ئوخشىماسلىقلىرىمىزنى ئۇزاق – يىقىنلىق سەۋەبى ئەمەس، بايلىق ۋە رەھمەت ۋەسىلىسى دەپ بىلىشىمىز، پىتنە – پاسات، ھىلە ۋە توزاققا قارشى پاراسەتلىك، سەزگۈر بولىشىمىز، ئەتىمىزنىڭ بۈگىنىمىزدىن تىخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ باغلىشىمىز لازىم. ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، بىزنى جانلىق قىلغان ئىشەنچىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

كىلىڭلار بىرلىكتە رەببىمىزگە بىرلىكتە مۇناجات قىلايلى!

ئى رەببىمىز! ساڭا ئىمان ئىيتتۇق، ساڭا ئىشەندۇق، ساڭا تەۋەككۇل قىلدۇق. بىزنى سەنسىز، ئىگىسىز، ئىنايەتسىز قويمىغىن! بىزگە ئاتا قىلغان ھىدايەتتىن كىيىن قەلبىمىزنى ئازدۇرمىغىن! بىزنى ئۆزەڭنىڭ يولىدىن ئايرىمىغىن!

ئى رەببىمىز! بىزگە رەھمىتىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن! ھەر تۈرلۈك ئىنكارچى ۋە مۇناپىققا قارشى بىزگە ياردەم قىلغىن! بىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىغىن!

ئى رەببىمىز! بۇزغۇنچى ۋە ئىغۋاچىلارغا قارشى بىزنى دائىم مۇزەپپەر قىلغىن! بىزنى ھەر تۈرلۈك پىتنە – پاساتتىن، ئىككى يۈزلۈك بولۇپ قىلىشتىن، ناچار ئەخلاقتىن قوغدىغىن! بىزگە پەزىلەت ۋە سەزگۈرلۈك ئىھسان قىلغىن!

ئى رەببىمىز! ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلامنىڭ بايراقدارى بولغان، سىنىڭ ئىسمىڭنىڭ پەلەكلەردە جاراڭلىشى ئۈچۈن تىرىشقان بۇ ئەزىز مىللەتنى سەن يەرگە قاراتمىغىن!

ئامىن!!!

http://www.trt.net.tr/uyghur/pyrwgrammylar/2016/08/19/y-aeng-chwng-buzgunch-l-q-d-nn-ng-q-mm-t-n-suy-y-stml-q-l-shtur-555461

Share
1427 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.