logo

trugen jacn

ئەنقەرەدە گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

b40090db-87a8-4202-b70c-82c06e7e243e

ئەركىن تارىم

2015-u0217-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر گېنېرال مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 5 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە تۈركىيە «كۆڭۈللەردە بىرلىك ۋەخپى» باش كاتىپى بىرول دوق ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى ئەسەر ساقا، مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇلخەمىت ئاۋشار ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان «كۆڭۈللەردە بىرلىك ۋەخپى»باش كاتىپى، ئۇزۇن يىل تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بىرول دوق ئەپەندى سۆز قىلىپ، رەھمەتلىك گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ قابىل بىر دىپلومات ئىكەنلىكىنى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچ قانداق بىر ۋاقىتتا ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىشنى خالىمىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرول دوق ئەپەندى سۆزىدە تۈرك ئارمىيەسىدە گېنېراللىققىچە ئۆسكەن مەمەت رىزا بېكىننىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى، 30 يىللىق ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتىغانلىقى، كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇشقا توپە قوشقانلىقىنى ئېيتتى. بىرول دوق ئەپەندى گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ تۈركىيە ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان، كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۈركىيە ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت ئۆتىگەن بىردىن بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت ئاۋشار ئەپەندى، باش كاتىپ ئۆمەر قۇل ئەپەندىلەر ئارقا ئارقىدىن سۆز قىلىپ، گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىن 1925 – يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. 9 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىدىن ئايرىلغان. ئۇ تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1950 – يىللاردا تۈركىيە قوشۇنىدا كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان.

مەرھۇم، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈركىيىنىڭ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇ شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1985 – يىلى تۈركىيە ئارمىيىسىدىن گېنېرال ئۇنۋانى بىلەن پېنسىيىگە چىققان.

مەرھۇم 1990 – يىللاردىن كېيىن شەرقى تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى، شەرقى تۈركىستان ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە پەخرىي رەئىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

مەرھۇم بۇندىن 5 يىل بۇرۇن تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئەنقەرەدە كۆز يۇمغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/general-reza-bekin-02172015212321.html

Share
1567 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.