logo

trugen jacn

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار جەمىيەتى قۇرۇلدى

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار جەمىيەتى قۇرۇلدى

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار جەمىيەتى قۇرۇلدى

تەييارلىغۇچى : كۆلتېگىن
 
ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور دوكتور  ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق، مۇستەققىل تەتىقاتچى دوكتور مەمتىمىن ئەلا ۋە ئىلاھىيەتشۇناس ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقىدا 2019.يىلى 24. مايدا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ”شەرقىي تۈركستانلىق زىيالىيلار جەمىيەتى“ قۇرۇلدى. 
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلاردىن توققۇز كىشىنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان مەزكۇر جەمىيەت تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ جەمىيەتلەر قانۇنى بويىچە رەسمىي شەكىلدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ۋە قىسقا مۇددەتتە قۇرۇلۇش رەسمىيەتلەرىنى تاماملاپ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن پائالىيەتنى باشلىدى.
 
مەزكۇر جەمىيەت مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق زىيالىلارنى بىر گەۋدە ئاستىدا توپلاش، ھەرقايسى دەۋلەتلەردە ياشايدىغان  زىيالىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش؛ بىلىم ئىنسانلىرىنى شەرقى تۈركىستان ۋە خىتتاي تەتقىقاتىغا رىغبەتلەندۈرۈش، بۇ تىمالاردا تۈرلۈك ئىلمى ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەرخىل ئىلمىي مۇھاكىمە  يىغىنلىرىنى، سىمپوزيۇملارنى تەرتىپلەش، بولۇپمۇ خىتتاي ئىشغالچىلىرى تەرەپىدىن رەھىمسىزلەرچە يوق قىلىنىۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللى كۈلتۈرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ھاياتىنىڭ داۋام ئېتىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، تۈركىستان تىبابەتى ۋە غىزا كۈلتۈرى قاتارلىق ماددى كۈلتۈر مىراسلارىنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈلىشى ئۈچۈن ئىقتىسادى كىرىم ھاسىل قىلدىغان  مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇش؛ تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا كۈلتۈر بىرلىكىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەرتۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ۋەيا ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشىش، شۇنداقلا بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان كىشى ۋەيا مۇئەسسسەلەرگە ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. 
 
نۆۋەتتە ئاز بولمىغان دەرنەك ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتنى قۇرغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا، جەمىيەتنىڭ ئۆتكۈنچى رەئىسى ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: ”ئەلبەتتە بىز تەكرارغا قارشى تۇرامىز، مەدەنىي مىللەت بولۇش يولىدا ئىزدەنىۋاتقان مىللەتىمىزنىڭ سەرخىللارىنىڭ ھەرخىللاشىشىنى تەشۋىق قىلۇرمىز. مىللەتىمىز قىرغىن قىلىنىۋاتقاندا، مىللەت زىيالىيسىنىڭ كونا مۇقامدا نازىرگۇم ئويناپ تۇرۇشىنى ئەسلا ياقتۇرمايمىز. زىيالىينىڭ جىددىي ۋەزىيەتكە چوقۇم ئەستايىدىل ۋە كەسكىن مۇئامىلە قىلىپ ئۈستۈن سەۋىيەدە مىللەتىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش مەجبۇرىيەتى بار. بۇ ۋەجىدىن بىز كۆپ ئويلاشىپ ھازىرقى شارائىتتا موشۇنداق بىر جەمىيەتنىڭ  زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. قىلىشقا تەگىشلىك نۇرغۇن ئىش ۋە دەيىشكە تەگىشلىك نۇرغۇن گەپ-سۆز بار… يىغىنچاقلاغاندا،  خەلقىمىزدە پىكرى قايمۇقۇش ۋە گاڭگىراش ئاغىر، زىيالىيلار مەنسۇبىيەتىگە ماس مەسئۇلىيەتىنى يەتەرلىك دەرىجەدە ئادا قىل(ال)مايۋاتىدۇ. خۇسۇسەن ماركىسزىملىق مىللەت قاراشى تۈرتكەسىدە شەكىللەنگەن شىنجاڭچە تەپەككۇرنىڭ زەھەرلەرى تۈپەيلى زىيالىيلار ئارا دىنى- پەننىي ئايىرىمى كەسكىن. بۇ خاتادۇر. شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىي دىنسىز بولالماغاندەك، پەنسىزمۇ بولالمايدۇ. جەمىيەتىمىزنىڭ سەرخىلى ۋە ئومۇرتقاسى بولغۇسى زىيالىيلارنىڭ (پەننىي ۋە دىنىي دەپ ئايرىماستىن) جەمىيەتىمىزدەكى ھەرخىل مەسىلەلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا رولى ناھايتى موھىم. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار بولۇش سۈپەتىمىز بىلەن مىللەتىمىزنىڭ ئوقۇمۇشلۇقلارىنى ھەركەتلەندۈرۈپ ۋەتەن ۋە خەلقىمىزنىڭ ئالدىداكى تارىخىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر جەمىيەتنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىز ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەگەن ھىچكىم ۋەيا تەشكىلات/دەرنەك/جەمىيەت بىلەن رىقابەتلەشمەيمىز. شەرقىي تۈركىستاننى ۋەتەن دەيدۇرغان ھەر قانداق شەخىس، دەرنەك ۋە تەشكىلاتلار بىزنىڭ دوستىمىز ۋە ئىتتىپاقداشىمىزدۇر. ۋەتەنىمىز ۋە مىللەتىمىزنىڭ دۈشمەنى بىزنىڭ ئەبەدىي دۈشمەنىمىزدۇر.“
 
شەرقىي تۈركستانلىق زىيالىيلار جەمىيەتى شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلارغا پەننىي ياكى دىنىي زىيالى دەپ شەرت قويمايدىغان بىر جەمىيەت بولۇپ ئەزا بولغۇچىلارنىڭ ئاكادىمىك ئۇنۋانىنىڭ دوكتور ياكى ئونىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋاندا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 
 

جەمىيەتنىڭ لوگوسى ۋە مەنىسى

لوگودىكى شەرقى تۈركىستان خەرىتىسى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھۆرلۈكىگە، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىر غېرىچ تۇپرىقىدىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىغا، خەرىتە ئۈستىدىكى كىتاپ ئىلىم مەرىپەتكە، بىلىم ۋە تەرەققىياتقا، مەشئەل تۇتقان قول بولسا شەرقى تۈركىستانلىق زىيالىلارنىڭ سىموۋلدۇر. شەرقى تۈركىستانلىق زىيالىلار بىلىم ۋە ئىلىم بىلەن شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مەرىپەت ئارقىلىق ئويغۇنىشى، بىلىم ۋە ئىلىم نۇرىنىڭ پۈتكۈل شەرقى تۈركىستاننى قاپلىشىنى،شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زىمىن ھوقۇقىىنىڭ ئەسلىگە قايتىشىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالى بۇرچى ۋە غايىسى قىلماقتىدۇر.
 
شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىلار جەمىيەتىگە ئەزا بولۇپ يۇقارىدا بايان قىلىنغان مەقسەتلەردە مىللەتىمىز ۋە يۇرتىمىز ئۈچۈن تەر تۆكۈشنى خالايدىغان  شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار info@ziyali.org     ئادرسىغا خەت يېزىپ بىۋاسىتە ئالاقە قىلىسا بولىدۇ.

مىللىتىمىز ۋە يۇرتىمىزنىڭ ئىستىقبالى ھەم ئىستىقلالى ئۈچۈن خەيىرلىك بولغاي!

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار جەمىيەتى قۇرۇلدى
Share
6963 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.