logo

trugen jacn

ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار چوڭ يېغىن ئېچىلىدۇ

8253235645uygurtrkleri

ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە دائىر ئىلمىي سۆھبەت يېغىنى ئېچىلىدۇ
«ئۇيغۇر تۈركلىرى، تىل تارىخ ۋە جۇغراپىيە» تېمىلىق 2014 – يىللىق تۈركىئولوگىيە ئىلمىي سۆھبەت يېغىنى 17 – نويابىردىن 19 – نويابىرغىچە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتى زامانىۋىي تۈركىي تىلى شىۋە بىلىملىرى تەتقىقات بۆلىمى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور سەما بارۇتچۇ ئۆزەندېرنىڭ قوللاپ –قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادىمىك دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلىنىدىغان ئىلمىي سۆھبەت يىغىنىغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئاتاقلىق ئاكادىمىكلەر ئىشتىراك قىلىدۇ
ئىلمىي سۆھبەت يېغىنى ئوغۇزخان، ئىدىقۇت، سۇلتان سۇتۇق بوغراخان، مەھمۇت كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئۇلۇغ بەگ، ئەلىشىر ناۋايى ھەمدە ئۇيغۇر تۈركلىرى رەھبەرلىرىدىن مەۋھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، قازاقىستانلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىم مەرھۇم پىروفېسسور دوكتور سەئىد ۋاققاسوۋ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس مەرھۇم ھامىت تېمۇر ۋە ئۇيغۇر قىززىقچىسى ھسام قۇربان قاتارلىق تۈرك دۇنياسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يېتىشىپ چىققان ئالىملار ۋە ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ ئىسمى قويۇلغان يىغىن زاللىرىدا جەمئىي 10 لىكسىيە بۆلىمى بويىچە 3 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئىلمىي سۆھبەت يېغىنى تەرتىپ كومىتېتى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۇيغۇر ئاكادىمىك دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھەر قايسى لىكسىيە بۆلۈملىرىگە ئاتاقلىق تۈركىئولوگ پىروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، پىروفېسسور دوكتور كەمال گۆدە، پىروفېسسور دوكتور كۇنۇرئالپ ئەرجىلاسۇن، ئۇيغۇر ئاكادىمىكلەردىن پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە مۇئاۋىن دونسېنت دوكتور نۇرانىيە ھىدايەت ئەكرەم قاتارلىق كىشىلەر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ
ئاخىرىدا ئىلمىي سۆھبەت يېغىنىنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتى زامانىۋىي تۈركىي تىلى شىۋە بىلىملىرى تەتقىقات بۆلىمى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور سەما بارۇتچۇ ئۆزەندېر، پىروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ۋە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىقلار باھالاپ چىقىدۇ
ئىلمىي سۆھبەت يېغىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مۇزىكا – سەنئەت نۇمۇرلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدۇتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
2011 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.