logo

trugen jacn

ئەلىخان تۆرەنىڭ ستالىنغا يازغان مەكتۇپى: ستالىن چۈشىنىڭ بەربات بولۇشى

ئېلىخان تۆرە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1944-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلۇش بىلەن بۇرۇنقى پارتىزانلىق ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىگەن.

1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1945-يىلى 2-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىگىچە غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ ۋە ئايرودروملارغا كىرىۋالغان خىتاي قوشۇنلىرىنى 84 كۈن قورشاش ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ جايدىكى خىتاي قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئىلى ۋىلايىتىنى تولۇق ئازاد قىلىش بىلەن ئىنقىلابنىڭ يېڭى دولقۇنلىرى يېتىپ كەلدى. نەتىجىدە، ئىلى ۋادىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قوراللىق پارتىزان ئەترەتلىرىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش يولىغا مېڭىش، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى تەڭشەپ تەرتىپكە سېلىش، ھەربىي تەييارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابنى تارباغاتاي، ئالتاي، ئۈرۈمچى ۋە جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى.

4-ئاينىڭ 8-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلۇش بىلەن بۇرۇنقى پارتىزانلىق ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىپ، مىللىي قوشۇننىڭ رەسمىي مۇنتىزىم ئۇرۇش قىلىش پەيتى باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىڭ ۋە شىخۇدا مۇداپىئە لىنىيەسى قۇرغان خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ ئىلىغا ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش خەۋپىمۇ بار ئىدى. خەلقنىڭ ئىنقىلابى قىزغىنلىقى يۈكسەك پەللىگە چىققان ئىدى. مانا شۇنداق ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە 1945-يىلى، 22-ئاپرېل كۈنى ستالىنغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىن يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى تېخىمۇ قوللىشىنى ۋە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەلىخان تۆرىنىڭ بۇ مەكتۇپى ئامېرىكىدىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى تەرىپىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. خەتنىڭ رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسى مۇتلەق مەخپىي ھۆججەت سۈپىتىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت ئارخىپىنىڭ 9401-فوندى، ئىككىنچى ئالاھىدە پاپكا، يەنى «ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» دىكى 2-دېلو خالتىسىدا ساقلانغان. خەت مۇنداق يېزىلغان:

«ھۆرمەتلىك باش قوماندان، مارشال ستالىنغا!

پۈتۈن خەلقلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ داھىيسىغا يالقۇنلۇق سالىمىمنى يوللايمەن!

مەن ۋە تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن ئازاد بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرى سىز باش مارشالدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ، بۇ ئىشتا بىزگە ھەممە تەرەپتىن ياردەم بېرىۋاتقان پەقەت بۈيۈك سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەنلا ئازاد بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىليونلىغان كىشىلىرى سىزنى ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئۆز داھىيسى سۈپىتىگە كۆرمەكتە. بىز ھەر دائىم ئۆزىڭىزدىن ھەققانىي ۋە ئېھتىياجلىق ياردەملەرگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا چوڭقۇر ئىشىنىمىز. شۇنىڭدەك بىز بارلىق ئەزگۈچىلەرنى ئۆز ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرالايمىز. مەن ئۇلۇغ سوۋېتلار ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ بىزنى زۆرۈر بولغان قوللاشلىرى ئارقىسىدىلا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دۇنيا ئەركىنلىك سۆيەر خەلقلىرىنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان فاشىستلارنى ئەبەدىي گۇمران قىلغان قىزىل ئارمىيە ۋە ئۇنىڭ قەھرىمانلىرىغا سالام!».

ئەلىخان تۆرى خېتىنىڭ داۋامىدا ئۆزىنىڭ، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ستالىندىن كۈتكەن كونكرېت ياردەملىرى ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىدىن بىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا يوللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۆزۈمنىڭ باشقا بارلىق تىلەكلىرىمنى ھۆرمەتلىك پېتر ئاندرېيېۋىچقا يەتكۈزدۈم، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى كۈتمەكتىمەن، شۇنداقلا بىزگە زۆرۈر ياردەم كۆرسىتىۋاتقان ھۆرمەتلىك ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنىڭ بىزگە قايتىپ كېلىشىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمەن.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى باشلىقى ئەلىخان تۆرە.

1945-يىلى، 22-ئاپرېل. غۇلجا شەھىرى» دېيىلگەن.

ئەلىخان تۆرەنىڭ بۇ خېتى غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىغا يەتكۈزۈلۈپ تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتىي بېرىيا تەرىپىدىن ستالىنغا يوللاپ بېرىلگەن بولۇپ، روشەنكى ستالىن بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان.

بېرىيا بۇ خەتنى ستالىنغا يوللاپ بەرگەندە، خەتتە تىلغا ئېلىنغان پېتىر ئاندرېيېۋىچ بىلەن ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋ د (خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى) سىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىغان. ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنىڭ فامىلىسى يېگناروف يەنى تولۇق ئىسىم-فامىلىسى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروف بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ باشلىقى، يەنى «2-ئۆي» نىڭ باشلىقى، گېنېرال مايور ئىدى. ئۇلار 1944-يىلى، 12-ئايدا غۇلجىغا كەلگەن.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت باش كاتىپى مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ھايات ۋاقتىدا 2003-يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، ئىنقىلاب غەلىبىسىگە كۆزى يەتكەندىن كېيىنلا ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ قاتارلىق گېنېراللارنى ياردەمگە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ گېنېراللار ۋە سوۋېت كونسۇللىرى ئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىشەندۈرگەن ئىكەن.

تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەلىخان تۆرىنىڭ مەزكۇر مەكتۇپى 1945-يىلى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش، مۇستەقىل دۆلەت بايرىقىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قاداش قىزغىنلىقىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنە شۇ پىكىردىكى قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق تارىخچى، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان مىللىي-سىياسىي تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابقا باشتا ئاز-پاس ياردەم بەرگەن ۋە بىر قىسىم مەسلىھەتچىلەرنى، ھەربىي خادىملارنى ئەۋەتكەن. بىراق پۈتۈن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، مىللىي ئارمىيەنى تەشكىل قىلىشتا ئاساسلىقى يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەر ئۆزلىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئەلىخان تۆرىنىڭ ستالىنغا مەكتۇپ يوللىشى ئۇنىڭدىن ئىنقىلابنى باشقا ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىش، خىتاي قوشۇنلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاشتا ياردەم سوراشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەلىخان تۆرىنىڭ خېتىنىڭ مەزمۇنلىرى يەنە ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان توۋلاپ كەلگەن ئېزىلگەن مىللەتلەرگە ياردەم بېرىش شوئارلىرىغا ھەمدە ستالىننى ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىگە ياردەم بېرىدۇ دەپ سەمىمىي ئىشەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت باش كاتىپى مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ھايات ۋاقتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ستالىندىن ئۈمىد كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئەپسۇسكى، ستالىن ئەلىخان تۆرىنىڭ ياردەم سوراپ يازغان بۇ خېتىگە جاۋاب بەرمىگەن.

تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 2-ئايدىن تاكى 6-ئايغىچە خىتاي گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتمىگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پەقەت 1945-يىلى 7-8-ئايلاردا مىللىي ئارمىيەگە مەلۇم ياردەم كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئارقىدىن قورال-ياراقلارنى ئېلىپ كەتكەن ھەم شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈشىگە يول ئاچقان. بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدى.

ئەلىخان تۆرە 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ستالىنغا يەنە بىر پارچە مەكتۇپ يوللىغان بولۇپ، بۇ مەكتۇپقا مۇئاۋىن رەئىس ھاكىمبەگ غوجا ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن رەھىمجان سابىر ھاجى، ئەخمەتجان قاسىمى، كەرىم ھاجى قاتارلىق 10 كىشى ئىمزا قويغان. ئۇلار خەتتە ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/tarix-bugun/elixan-tore-01242019172119.html
Share
2392 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.