logo

trugen jacn

ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغۇللىرى

 

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تورىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەلىخان تۆرە شاكىرخان ئوغلى بولۇپ، تەخەللۇسى ساغۇنىي ( 1885-1976). ئۇنىڭ تولۇق ئىسىم فامىلىسى سوۋېت ھۆججەتلىرىدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە لاۋرېنتىي بېرىيا رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار-دۆلەت بىخەتەرلىك خەلق كومىسسارىياتى تەرىپىدىن مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىرى سۈپىتىدە غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن « ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى»نىڭ باشلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى خادىمى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروف ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك خەلق كومىسسارىياتى خادىمى، گېنېرال لېيتىنانت ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچ لاڭفاڭ تەرىپىدىن بېرىيا، ستالىن ۋە مولوتوفلارغا ھەر ھەپتىلەپ يوللاپ تۇرۇلغان مەخپىي دوكلاتلاردا « ئەلىخان تۆرە شاكىرخوجايېف» دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە بەزى مەخپىي دوكلاتلاردا يەنە « سادىق» دېگەن مەخپىي تەخەللۇس نامى قوللىنىلىدۇ.
ئەلىخان تۆرىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى شاكىرخان تۆرە بولۇپ، ئەلىخان تۆرە 4 ئوغۇلنىڭ ئىككىنچىسى. ئاكىسىنىڭ تولۇق ئىسمى ئالىمخان تۆرە شاكىرخوجايېف. بۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئايرىم مەخپىي مەلۇماتلار ئاشكارە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق دىنىي زاتلار سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. بۇ يەردە بىز ئەلىخان تۆرە ھەققىدە توختالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ ھەقتە توختالمايمىز. ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرىدە تۇغۇلغان. مىللىتى ئۆزبېك دەپ خاتىرىلىنىدۇ. ئەسلىدە ھەر ئېھتىماللىقنى نەزەرگە ئالغاندا مەنبە جەھەتتىن سۈرۈشتۈرسەك ئۇ بەلكى ئەسلى قەشقەرىيەلىكلەرگە، يەنى ئۇيغۇرلارغا تۇتىشىشى مۇنكىن، چۈنكى ئىسسىق كۆل بويىدىكى قاراقول، توقماق قاتارلىق شەھەرلەردە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ ياشىغان، ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 20-ئەسىرنىڭ 20-يىلىدىن بۇرۇن بۇ جايلاردا ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر دېيدىغان ئىككى مىللەت پەرقى ئەمەس، بەلكى قەشقەرلىق، ئەنجانلىق، نامەنگانلىق، قوقانلىق قاتارلىق پەرقلەر كۈچلۈك ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئوش، ئەنجان، نامەنگان قاتارلىق جايلار «قەشقەرلىقلەر»نىڭ ئاساسلىق ماكانى بولۇپ، چوقان ۋەلىخانوف 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا بۇ جايلاردا 300 مىڭ ئەتراپىدا« قەشقەرلىق» بارلىقىنى قەيت قىلىدۇ. بۇنىڭغا قوقان خانلىقىغا تەۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىمۇ كىرەتتى. قەشقەرلىقلەر ئەسلىدە پەرغانە ۋادىسى ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى رۇس تارىخچىلىرى تەرىپىدىن دەلىللىنىدۇ. ئۇ چاغلاردا ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر دەيدىغان ئىككى مىللەت مەسىلىسىمۇ يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت يۇرت ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنەتتى. ئەلىخان تۆرە يەنىلا يىلتىز جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن. لېكىن ئەلىخان تۆرە 1930-1940-يىللاردا ۋە ھازىرمۇ پۈتۈنلەي ئۆزبېك دەپ بېكىتىلگەن ھەم ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەيدۇ. ئەلىخان تۆرىمۇ ئۆزىنى ئۆزبېك دەيدۇ خالاس، شۇڭا ئۇ مىللىي نۇقتىدىن ئۆزبېك تامام! ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئاسىلخان تۆرىنىڭمۇ ئۆزبېكلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ نۇقتا ئۇنىڭ ئەشۇ كىتابىدا تولۇق ئىپادىلەنگەن. ھازىرقى ئۆزبېكىستانلىقلار ئەلىخان تۆرىنى ئىلگىرى ئانچە بىلمىگەن بولسا، ئۇلار بۈگۈن ئۇنى ئۆزبېك خەلقىنىڭ تۇنجى مارشالى، بۈيۈك ئەللامىسى، پەيلاسوپى، دۆلەت ئەربابى، ھەممە ئىلىملەردە يېتىىشكەن كەمدىنكەم ئۇچرايدىغان ئۇلۇغ ئىنسان سۈپىتىدە ئۇلۇغلايدۇ.
ئەلىخان تۆرە 1930-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىلىغا قېچىپ كەلگەن. بۇ ھەقتە سوۋېت مەخپىي ھۆججىتى بار.
يېقىندا ئەلىخان تۆرىنىڭ پەرزەنتلىرى شەرقىي تۈركىستاننى قۇرۇش ئۈچۈن جەڭلەردە شېھىت بولغان دېگەن سۆزلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى . ئەگەردە ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرەرسى جەڭدە قۇربان بولغان بولسا بىلىدىغانلار خاتىرىلەپ قويسۇن،
ۋاپات بولغانلارنىڭ ياتقان يېرىنى ئاللاھ جەننەتىن قىلسۇن!
ئەمما ھۆججەتلەردە، ئەلىخان تۆرىنىڭ ھېچقانداق پەرزەنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي جەڭلىرىدە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقى تېگىپ شېھىت بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى سوۋېت تەرەپتە تۇغۇلۇپ غۇلجىغا كەلگەن. ئەگەر خاتا بولمىسا مېنىڭ بىلىشىمچە،ئەلىخان تۆرىنىڭ غاپپارخان، ئاسىلخان، مۇھەممەديار، ئەخمەتيار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولغان. ھاكىم جاپپارنىڭ قەيت قىلىشىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى 1949-يىللاردىن كېيىنكى يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن. بىلىشىمچە ئەڭ كىچىك ئوغلى قۇتلۇقخان ئەلىخان تۆرەم ياشانغاندا تۇغۇلغان. تۆرەمنىڭ جەمىئىي 5 ئوغلى بولغان. ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئاساسەن ھەربىي ئۇنۋانلىق ئوفىتسېرلار ئىدى.
ئەلىخان تۆرەمنىڭ چوڭ ئوغلى غاپپارخان شاكىرخوجايېف مىللىي ئارمىيە ئوتتۇرا يونىلىش ھەربىي تەمىناتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ پولكوۋنىك ئۇنۋانىدا 1950-يىللارغىچە ھەربىي سەپتە ئىشلىدى. ئوتتۇرانچى ئوغلى ئاسىلخان شاكىرخوجايېف باشتا مايور، كېيىن پودپولكوۋنىك بولدى، ئۇ باشتا غۇلجىدا بىر رايوننىڭ ساقچى باشلىقى بولدى، كېيىن ئاقسۇغا مىرزىگۇل ناسىروف كوماندىرلىقىدىكى ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيون بىلەن بىرگە باردى. ئۇ بايغا ۋە ئارقىدىن ئاقسۇغا بېرىپ، جەڭلەرگە قاتناشقان. ئەمما، ساقسالامەت قايتىپ كەلگەن، يەنە بىر ئوغلى كىچىك ئوفىتسېر بولغان، لېكىن ئاتتىن يىقىلىپ يارىلانغان. ئاسىلخان تۆرە1946-يىلى 8-ئايلاردىن كېيىن سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، 1950-يىللاردا ئىچكىرى خىتايدا سودا قىلغان.
موسكۋا ئەلىخان تۆرىنىڭ كىچىك ئوغلى بىلەن ئايالىنى ئەلىخان تۆرە 1946-يىلى 16-ئىيۇن كۈنى تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەلىخان تۆرىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئەلىخان تۆرە بۇ بالىسى ۋە ئايالى بىلەن بىرگە تاشكەنتتە ياشىغان. ئەگەر خاتا بولمىسا، بۇ ئوغۇل كېيىنكى ۋاقىتلاردا دادىسىدىن بۇرۇن تاشكەنتتە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. چوڭ ئوغلى غاپپارخان پولكوۋنىك،كېيىنىكىسى ئاسىلخان پودپولكوۋنىكلار 1955-1962-يىللىرىدىكى سوۋېتكە كۆچۈش ۋە قېچىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىقى پاسپورتلىرى بىلەن تاشكەنتكە كېلىپ دادىسى ئەلىخان تۆرە بىلەن بىرگە ياشىغان. ئۇلار ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تاشكەنتتە ياشاپ ۋاپات بولدى. ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى ئاسىلخان تۆرە دادىسى يازغان « تۈركىستان قايغۇسى»نى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى بويىچە پەقەت ئەلىخان تۆرىنىلا ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ۋەتەنپەرۋەر شەخس سۈپىتىدە غايىۋىلاشتۇردى.
تۆرەمنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى پروفېسسور قۇتلۇقخان شاكىرخوجايېف تۈركىيەدە ياشايدۇ. ئۇ دادىسى ھەققىدە بىر قىسىم ماقالىلارنى چىقاردى شۇنىڭدەك ئەلىخان تۆرە ۋە ئاسىلخان تۆرەنىڭ نامىدا « تۈركىستان قايغۇسى»نىڭ ئۆزبېكچە ۋە تۈركچە نۇسخىسىنى نەشىر قىلدۇرى. كەمىنە غاپپارخان تۆرىنىڭ ئوغلى ئەخەتخان تۆرە،يەنى سابىق «تارىم» ژۇرنىلى خادىمى ( 1962-يىلىغىچە) بىلەن سۆزلەشكەنىدىم. ئۇ كىشى بۇ ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئەلىخان تۆرىنىڭ 1946-1976-يىللىرى ئارىسىدىكى تاشكەنتتىكى ھاياتى ئايرىم بىر تېما، بەزىلەر ئۇ كىشىنى پۈتۈنلەي نەزەربەند ۋە تۇتقۇن ئاستىدا ياشىغان دەپ ئۇ كىشىگە بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى غايىۋىلاشتۇرىدۇ.ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان بۇ كىشىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغلىشى، غايىۋىلاشتۇرۇشى تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن ئۆزىنىڭ نەچچە ئونلىغان مارشاللىرى ۋە گېنېراللىرىنى، ئۆزىنىڭ يېقىن سەپداش- دوستلىرىنى ئۆلتۈرگەن رەھىمسىز ستالىن، بېرىيا قاتارلىقلار ئۆزلىرىگە قارشى چىققان دەپ قارىلىدىغان ئەلىخان تۆرىگە نېمىشقا قول تەگكۈزمىدى دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ جاۋاب موسكۋانىڭ ئارخىپلىرىنىڭ بىر يېرىدە ياتقان بولۇشى مۇمكىن.
ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرەم كېيىن نىلقا ۋە غۇلجىدىكى غەنى باتۇر ھەم باشقا نەچچە مىڭلىغان ئوغلانلارنىڭ جەڭلىرى ۋە كۆپ قۇربان بېرىشلىرى نەتىجىسىدە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ 12 رەھبىرىي ئەزاسى ھەم باشقا قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئاستىرتتىن قوللىشى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، كۆپچىلىك كۆرسىتىشى بىلەن رەئىس بولدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن بولغان جەڭلەردە ھەممە مىللەت پەرزەنتلىرى شېھىت بولدى ۋە قۇربان بولدى. ئەمما كۆپلەپ شېھىت بولغانلار ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار، قازاقلار ئۆزلىرى ئىدى. غۇلجا جەڭلىرىدە، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي فرونت جەڭلىرىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا، قازاقلار،قىرغىزلار، تۇڭگانلار، تاتارلار، ئۆزبېكلەر، شىۋەلەر، رۇسلار، موڭغۇللار، تاجىكلار، ھەتتا داغۇرلارمۇ قۇربان بولدى. ھەممە مىللەت قۇربان بەردى. بولۇپمۇ ئىلىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ئىلىدىكى رۇسيەدىن قېچىپ كېلىپ يەرلىشىپ قالغان رۇسلارنىڭ ياشلىرىدىن ئۆلگەنلەر ئۆزبېك، تاتارلاردىنمۇ كۆپرەك ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى ۋە ئوزلىرىنىڭ ياخشىى كۈنلىرى يولىدا قۇربان بولدى خالاس ! دىنىي زات ۋە ئۆلىما ئەلىخان تۆرەم بىر يېرىم يىل، ئەخمەتجان قاسىمى ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مۇسۇلمان ۋە تۈركىي ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتارلارنى ھەم تۇڭگان، تاجىكلارنى، خىرىستىيان ئېتىقادىدىكى رۇسلارنى، بۇددىزم-لامائىزىم ئېتىقادىدىكى موڭغۇللارنى ۋە شامانىزم ئېتىقادىدىكى شىۋەلەر ۋە داغۇرلارنى، قىسقىسى ھەر خىل دىن، ھەر خىل مىللەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى بايرىقى ئاستىغا توپلاپ، شۇلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىپ تاكى 1949-يىلى 10-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى قۇرغان ئىلى تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە قوغداپ تۇرالىشى ئاجايىپ زور بىر مۆجىزىدۇر ! ئەنە شۇ ئەلىخان تۆرە قاتارلىق بارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بىرلىكتە بېكىتكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق ئاق دىنى بايرىقى 1949-يىلى، 10-ئايدىن كېيىنلا ئېلىپ تاشلاندى . ئەشۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى « ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان» دەپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايرىقىنى تەڭ كۆتۈرۇپ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇردى.

Share
3293 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.