logo

trugen jacn

ئەللىك كىتاپ – ئابدۇرېھىم ئابلەتخان

 

 

ئابدۇرېھىم ئابلەتخان

بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى قىزىمنىڭ مەكتىۋىدىن ئاتا-ئانىلارغا جىددى يىغىن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىش-كۈشلەرنى تاشلاپ باردىم. يىغىنغا چاقىرىلغانلار ئانا تىل سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ئىدى. يىغىن باشلانغاندىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ قېتىملىق ئانا تىل سىنىپىنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك مۇشاقەت ۋە خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقى بايان قىلدى.
بۇ جەرياندىكى خەتەرلەرنى“ ئۆزلىرىلا بىلمەيلا…“ “ ھەممە گەپنى بۇ يەردە دىگىلى بولمايدۇ….“ دىگەندەك مىللى مەمۇرلاردىكى مودا ئىبارىلەر بىلەن پۇراتتى. ھەمدە ئانا تىل سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ بايان قىلدى.ئاخىرىدا ئانا تىل سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ قوش تىل سىنىپىدىكى بالىلارغا قارىغاندا ساۋات چىقىرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئېلان قىلدى.بۇنىڭدىكى سەۋەپلەرگە، بالىلىرى ئانا تىلدا ئوقۇيدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تىرىشمايۋاتقانلىقىنى، ئانا تىل دەۋاسى بولغان بىلەن ئەمىليىتىنىڭ يوقلىقىنى….. ئوتتۇرىغا قويدى.چۈنكى بىر قېتىم ئائىلە تاپشۇرىقىنى ئەللىك تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىدىن ئەللىك نەپىرى ئىشلىمەپتۇ. ( پەقەت بىر قېتىم شۇنداق بوپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىنىپتىكى 15٪ ئوقۇغۇچى تېكىستلەرنى تېخىچە ھەجىلەپ ئوقۇيدىكەن.بۇ جەرياندا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئانا تىل سىنىپىنىڭ بالىلىرىغا ”كۆڭۈل بۆلۈپ“ ئانا تىل مۇئەللىمىنى ئالماشتۇرۇپتۇ. ھازىر ئىككىنچى مەۋسۈم باشلىنىش ئالدىدا ئۈچۈنچى قېتىم ئانا تىل مۇئەللىمىنى ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىنىپتۇ.يەنە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوشۇمچە پاراڭلىرىدىن مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلار كېيىنكى ئوقۇش يىلىدا قوبۇل قىلىنىدىغان ئانا تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەللىك پارچە كىتاپ زاكاز قىپتۇ. ناۋادا يەتمەي قالسا بۇ يىلقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپلىرىنى يىغىۋالىدىكەن.دىمەك يۇقۇرىغا پەقەت ئەللىك نەپەر ئىچىدە كونتۇرۇل قىلىندى دەيدىكەن.قالغان ئەھۋاللارنى توغرا چۈشەندىم. ئەمما مۇشۇ ئەللىك كىتاپ مېنى نەچچە كۈنگىچە ئويلاندۇردى.
ھىكايەت؛
ئالدىنقى مەۋسۈم ئوقۇش باشلاش ئالدىدا ئانا تىل سىنىپى ۋە قوش تىل سىنىپى دىگەن ئىككى خىل تاللاش ئاساسىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندىكەن دەپ ئاڭلىدىم. ماڭا بۇ يېقىنقى يىللار مابەينىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغارلىق بىلىندى.بىراق مەن قىزىمنى تىزىملاتقىلى بارغاندا تىزىملىغۇچى مەندىن قايسى سىنىپتا ئوقۇتىدىغانلىقىمنى سورىمىدى. مەن ئەسكەرتكەندىن كېيىن شۇ بويىچە تىزىملىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ كەينىمدىنلا كەلگەن يەنە بىر ئانىمۇ ئانا تىل سىنىپىنى تاللىدى. چەتتە قاراپ تۇرغان بىر مۇئەللىمچاق (تونۇشى ئوخشايدۇ) ئىتتىك كېلىپ ئۇ ئانا بىلەن پاراڭلاشتى. قۇلىقىمغا مۇئەللىمچاقنىڭ ”….ئوبدان ئويلىنىپ تىزىملاتسىلا….دىققەت قىلماي بولمايدۇ…“ دىگەندەك تولىمۇ خەۋپسىرىگەن ئاھاڭدىكى سۆزلىرى كىرىپ قالدى….
ئاڭىسام كېيىنچە نۇرغۇن ئانا-ئانىلار ئانا تىل سىنىپىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقتىن بالىسىنى ئانا تىل سىنىپىغا يۆتكىمەكچى بوپتۇ. بىراق مۇمكىن بولماپتۇ.شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئانا تىل سىنىپىغا تىزىملانغان بالا يۈزدىن ئېشىپ ئىككى سىنىپ بوپتۇ.گەپ قېچىپ كەتتى. ئەمدى ئاۋۇ ئەللىك پارچە كىتاپ مەسىلىسىگە قايتايلى.ئۇلار ئانا تىل سىنىپلىرىنىڭ غولداپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپتۇ. نەچچىمۇ يىللاردىن بۇيان قوش تىل سىنىپىنىڭ ئۈنۈمىنى ماختاپ ئېيتقان دوكلاتىدىنمۇ ئەنسىرەپتۇ.دىمەك ئۇلار ئانا تىل سىنىپىنىڭ قوش تىل سىنىپىغا قارىغاندا ئۆگۈنۈش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئاتلىنىپتۇ.
دىمەك 2014-يىلى 9-ئايدىمۇ بۇ مەسىلە يەنە سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدىكەن.ئانا تىلىدا تەربىيلىنىش ھوقوقى ئاساسى قانۇن ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ يېزىلغان ئىدى.بۇ قانداق تۇرمۇش ؟ بۇلار قانداق تۇتامسىز مەخلۇق ؟
ئومومى جوڭگو خەلقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى بىلەن يېڭى بىر دەۋر يارىتىش ئۈچۈن ئاتلانغان ئۇشبۇ دەملەردە ماۋۇ يالغان مەلۇماتچىلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى كۆرۈڭ.ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى باشلاندى. ئۆلۈك يەيدىغان ئىت، ئۆلگىچە تاشلىماپتۇ دەيدىغان بىر گەپ بار. ئۇلار بۇ مەسىلىلەرنى قاچانغىچە ساقلاپ قويماقچى ؟نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانا نىمە ئۈچۈن ئانا تىل سىنىپىنى جاھىللارچە تاللايدۇ ؟ ھەتتا خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىسىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكەيدۇ ؟سەۋەپ ئاددى، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالمايدۇ. خەنزۇچىنى ھەرقانچە بىلسىمۇ ئىختىساسلىق خادىم ھىساپلانمايدۇ.مىللى تەۋەلىكىنى ۋە تەپەككۈرنى قۇربان قىلىدۇ.
شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى دەسمايىسى بولغان ئانا تىل ۋە مىللى كىملىك مۇھىتىنى بولسىمۇ قوغداپ قېلىشقا تىرىشىدۇ .
مەكتەپلىرىمىزدە سىرىتتىن تەكلىپ قىلغان نۇرغۇن خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى مىللى بالىلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خىزمەت قىلىدۇ ئەمەس، بەلكى جېنىنى باقىدۇ. ئۇلار مىللىلارنىڭ ئادىتى ۋە قىزىقىشى توغرىسىدا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ. بۇ مائارىپ مېتودىغا لايىقما ؟بىزنىڭ پىداگوگىكىدا ئوقۇغان بالىلار يۇۋاش بولۇش ئۈچۈن مەجۈن يەپ يۈرۈيدۇ. ئۇلاردا يەسلىدە خەنزۇ تىلىدىن دەرس ئۆتكۈدەك سەۋىيە يوقما ؟ناۋادا يوق دىسەڭ، نەچچە ئون يىللىق مائارىپىڭنى چېكەڭگە تاڭساڭ بولمامدۇ ؟ناۋادا سەۋىيەسى بار دىسەڭ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشالماسلىقىدا زادى قانداق سەۋەپ بار ؟بىرلا سەۋەپ بار. ئۇ سەۋەپنى سەن بىلەن ئىككىمىز ئىچىمىزدە بىلىمىز. ئوچۇق دىيەلمەيمىز.
پارتىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىك يادروسى بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلار ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈرىۋاتىدۇ.
مەنمۇ ھەممە ئىش چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. دەپ ئويلىغانتىم.
بىراق، بۇنىڭغا ئوخشاش سۈزۈك سۇنى لېيىتىدىغان بۇزغۇنچىلار قاچانغىچە تىمىسقىلار ؟
دۆلەتنىڭ مىللى سىياسىتى قاچانغىچە نەيراڭۋازلارنىڭ شىكار قىلىدىغان مەيدانىغا ئايلىنىپ تۇرار ؟
ھىكايەت؛
ئۆتكەن يىلدىكى سايلامدا كەنت باشلىقلىقىغا بىردىن-بىر نامزات بولۇپ سايلىنىپ قالدىم. بۇ ئۆزەممۇ ئويلاپ باقمىغان ئىش بولدى.
بىراق ئىشنىڭ تەرەقىياتى مىسلىسىز جىددىيلىشىپ كەتتى. شەھەر-يېزىدىن تارتىپ كەنتكىچە، يېزىلىق ھۆكۈمەتتە تۇققانلىرى بارلاردىن تارتىپ دىبولارغىچە جىددى تېلىفۇن ۋە زىيارەت ئالاقىسى كۈچەيدى. سايلام يەنە بىر رەت ئۆتكۈزۈلدى.يەنىلا ئىش ئەپلەشمىدى. ئاخىرى سايلام كومىتىتى سايلام ساندۇقىنى ئېلىپ قاچتى.سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا بەزىلەر يىغلىدى. بەزى ياشلار كېچىچە ھاراق ئىچتى.پۇقرالار شەھەرگە كوللىكتىپ ئەرزگە قاترىدى. توختىماي قاترىدى.
شۇ كۈنلەردە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى مېنى چاقىرىپ پەقەت ئون مىنۇت كۆرۈشمەكچى بولدى.مەن مەھەلىمىزگە ئېسىپ قويغان “ سايلام قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالايلى!“ دىگەن پىلاكاتنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ شەھەرگە چىقتىم.باشلىق دىگەندەك ئون مىنۇت سۆزلىدى. ئېيتىشىچە سايلام قانۇنلۇق بولغان. شۇڭا پىتنە-پاسات تېرىغۇچىلارغا نەسىھەت قىلىپ توختىتىشىم كېرەككەن.
مەن ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ”ئىككىمىز يالغۇز بولغاندىن كېيىن كۆڭۈلدىكىنى دەۋالاي. بەلكىم كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ياردىمى بولار“ دەپ تۈزۈت قىلدىم.ئاندىن توپتوغرا سەكسەن مىنۇت تىللىدىم. ئاساسى قاتلامدا ياشىغان تۆت-بەش يىل جەريانىدا كۆرگەنلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ ئاغزىمنى بۇزۇپ تازا تىللىدىم. بەدىنىمدە بىر تېمىم سېرىق سۇ قالمىغاندەك تولۇق تىللىۋالدىم.باشلىقمۇ سەۋر قىلدى. ئېھتىمال ئاممىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالدى بولغاي. خوشلاشقىچە ئۇلار يەنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولدى. مەندە ئۇلار ئەسكەرتمىسىمۇ ئومومىلىقنى قوغداش مەيدانى بار ئىدى. ئەمىليەتتىمۇ خەلقنىڭ رايىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ قالماي دەپ ئەرز ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدىم.كېيىن ئاقسۇغا كەتتىم. كەينىمدىن بىر قىسىم ئاھالىلار كەنت ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئەسلىدىكى كەنت باشلىقىنى ئىشخانىدىن سۆرەپ چىقىرىپتۇ. شەھەر-يې‍زا رەھبەرلىرى، ج،خ لار بۇ غەۋغانى تەستە بېسىپتۇ.
ئاقسۇدىن قايتىپ كېلىپ بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ “ خۇداغا شۈكرى “ دىدىم. چۈنكى بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە قومۇلدا بولماي قاپتىمەن. بولغان بولسام پۇرسەتپەرەسلەر تەرىپىدىن “ بۆلگۈچىلىك مەخسىتىدە ئاممىنى كۈشكۈرتكەن“ دىگەن جىنايەت ئارتىلىپ قالاتتى. ئەمەل-مۇكاپات تاماسىدىكىلەرنىڭ پاقىسىمۇ قاناتتى.
ئىيۇل ئايلىرىدىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلاردا ئومومىلىقنى، مۇقۇملىقنى ساقلىدۇق ھەم ساقلىدىم. ھەرقانداق ئىشنىڭ چوقۇم تۈزىلىدىغانلىقىدەك چەكسىز ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسىدە بۈگۈنگىچە بەلكىم يەنىمۇ ئۇزۇنغىچە ساقلىشىم مۇمكىن. بۇنداق ئىشەنچ مەندىلا ئەمەس، بەلكى مەن تونۇيدىغان ۋە بىلىدىغان ھەر-بىر ئۇيغۇردا يېتەرلىك بار.
چۈنكى بىز تارىختىكى ھەربىر قالايمىقانچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان بىردىن-بىر توپ. شۇڭا مۇقۇملىقنى سۆيۈش بىزنىڭ بىردىن-بىر تاللىشىمىز.
ئۇنداقتا مۇقۇملىقنى قوغدىغۇچى شەرىپىگە بىزدەك ئىدارە قىلىنغۈچىلار بەكرەك لايىقمۇ ياكى ئىدارە قىلغۇچىلارمۇ ؟چىن مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مانا بىز لايىق.بىراق بۈگۈن زور ئۈمۈتكە تولغان كۈنلەردە ماۋۇ ئەللىك كىتاپ مەسىلىسى نېرۋامنى سەل قىززىتىپ قويدى. شۇ مىنۇتلاردا سەۋر ھەم چىدام بىلەن ئومومىلىق ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىم بىكارغا كېتىۋاتقاندەك بىلىندى.ئومومى خەلق ئەتىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن ئىسلاھات قەدىمىنى بېسىۋاتقان بۇنداق مىنۇتلاردا بىزنىڭ كەلگۈسى سالاھىيىتىمىزنىڭ يەنىلا ئېنىق بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.شۇنداق قىلىپ بۈگۈن سەۋر قاچامدىن بىر تېمىم سۇ تېشىپ كەتتى.
ھەي نادان، ھەممە بالا قوش تىلدا ئوقۇسا جاھان تۈزۈلۈپ كېتەرمۇ ؟
ياكى ھەممە بالا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇسا جاھان بۇزۇلۇپ كېتەرمۇ ؟
شوتاڭ(خەنزۇچە مەكتەپ)دا ئوقۇغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى بىلەمسەن ؟!
ئانا تىلدا ئوقۇغان ئابدىغوپۇر داموللىنى بىلەمسەن ؟!
بىلىسەن.
ئۇنداقتا مەسىلىنى يەنە نىمىشقا كەسكىنلەشتۈرىسەن ؟!
ھەلقۇمغا تىرەپ قويۇلغان پۇرسەت ۋە خەتەردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيۋاتقان مائارىپ ۋە ئىدىلوگىيە ساھىسىدىكى بىر توپ ئاق ياقىلىق مەسئۇلىيەتسىزلەرگە ئېچىنماي بولمايدۇ.ئاساسى قانۇندىن ئاپتونومىيە قانۇنىغىچە، جەمىيەتتىكى ھەق-ناھەق مەسىلىلەردىن دۆلەتنىڭ مۇقىملىغىغىچە بولغان بۇ مۇساپىلەر ئارىسىدا، خەلق يەنە قانچىلىك زەرداپلارنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلىنار ؟شەك-شۇبھىسىز ئېيتىشقا بولدۇكى، بۈگۈنكى جوڭگو پۇقرالىرى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر بولۇشقا ھەممىدىن مۇناسىپ. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادەملەر بولۇشقا تېخىمۇ مۇناسىپ.
چۈنكى ئۇلار دۆلەتنىڭ نوپوزى ئۈچۈن قان-ياشلىق بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. غۇرۇرى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى قايرىپ قويۇپ ئومومىلىق ۋە مۇقۇملۇق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.
كەڭ خەلق مۇقۇملۇقنى ھەر كۈنى تىلغا ئالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەر ۋاقىت ھەر مىنۇت مۇقۇملۇقنىڭ ھاياتى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمايدۇ.
تېخى تۆنۆگۈنلا ھەر-بىر ئۇيغۇر مىلتىق ھەتتا ئاپتوماتقىچە قوراللانغان دەۋرمۇ بولغان ئىدى.ئۇ چاغلاردا خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى تۆۋەن ئىدى. دۆلەتمۇ نامرات ئىدى.نىمە ئۈچۈن ئۇلار بۆلگۈنچۈلۈك يولىغا مېڭىپ زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللانمىدى ؟چۈنكى ھەق-ناھەق مەسىلىسى ئوچۇق-ئاشكارە ئىدى.ئۇنداقتا بۈگۈنكىدەك جىددى ۋە خەتەرلىك ۋەزىيەتنى كىم ياراتتى ؟ كىم رىجىسورلۇق قىلدى ؟قېرىنداش مىللەتلەر ئالدىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا لايىق بۇ مىللەتنى كىم پەسلەشتۈردى ؟
بىر قىسىم تېرورچىلار دەپ تۇرايلى.
تېرورچىلار قەيەردىن پەيدا بولدى ؟
ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى سەۋەپلەر توغرىسىدا كىم ئويلىنىپ باقتى ؟ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا كىمنىڭ ئاۋازى يوغان بولسا، كىم ئەڭ كۆپ شوئار توۋلىسا شۇ ”ئىنقىلاۋى يولداش“ سانىلاتتى.ئەجەبا بۈگۈنمۇ مۇقۇملۇق توغرىسىدا كۆپرەك ۋاقىرىغاننى ياخشى يولداش ھىساپلامدۇق ؟
مۇقۇملۇق ئۈچۈن ھەر بىر پۇقرا ئۆز مەنپەئەتى بىلەن بەدەل تۆلەشكە رازى. ئۇنداقتا ئەشۇ مۇقۇملۇقچىلارمۇ بەدەل تۆلەۋاتامدۇ ؟ ياكى سودا قىلىپ پايدا ئېلىۋاتامدۇ ؟
كەلگۈسى بۇنىڭغا ھەققانى جاۋاپنى ھامىنى بېرىدۇ.ھازىر رايونىمىزدا ئىدىلوگىيە مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تىپىك مەسىلە.بۇ مەسىلىنى تىپىكلەشتۈرۈپ قويغىنى دەل بىر قىسىم بىيروكاتلاردىكى ئىدىلوگىيە زوراۋانلىقى.
گېتلېر دەھشەتلىك باستۇرۇش بىلەن بەنى ئىسرائىلنى يوقاتماقچى بولدى. بەنى ئىسرائىل يوقالدىمۇ ؟ ياق يوقالمىدى. بۈگۈن تېخىمۇ گۈللىنىپ ئىبراي تىلى جاھاننى قاپلىدى.
ئورۇس كومىنىستلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللى كىملىكنى ۋە دىننى يوقاتماقچى بولدى. ئىسلام بىلەن مىللىيەت يوقالدىمۇ ؟ ياق يوقالمىدى. بۈگۈن تېخىمۇ گۈللىنىپ ئەسلىدىكى كومىنىستلارنىڭ ھەيكەللىرى ئورنىغا ئۇلار ئۆلتۈرگەن مىللى قەھرىمانلارنىڭ ھەيكەللىرى تىكلەندى.
پەقەت ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدە زوراۋانلىق ۋە قىرغىنچىلىق بەدىلىگە ئىدىلوگىيە تارقىتىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى .ماقۇل، ئۇنداقتا بىز بۈگۈنكى دەۋردىمۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئەشۇ تەدبىرىنى قوللىنىپ باقامدۇق ؟
قوللانساق بولىدۇ.
بىراق چاتاق يېرى، ھەر ۋاقىت، ھەر زامان، يىتىمنىڭ يەتتە ئاتىسىدەك پەيدا بولىدىغان دۈشمەن.شۇڭا ئوپكىمىزنى بېسىۋالايلى.
بىزدە قارا خەلىققە قىلالايدىغان قاتتىق تەدبىر جىق بولغان بىلەن ھەر تەرەپتىن كېلىدىغان قۇدرەتلىك دۈشمەنلەرگە قارشى تەدبىر تېخى يېتىلگىنى يوق. ئىدىلوگىيە دىموكىراتىيەدىن قورقىدۇ. دىموكىراتىيە ئىدىلوگىيەنىڭ دۈشمىنى. دېموكىراتىك مۇھىتتا ئىدىلوگىيە ئاينىمايدۇ.
دىكتاتورا ئىدىلوگىيە ئۈچۈن سۇ-ھاۋادىنمۇ مۇھىم. دىكتاتورا قانچە كۈچەيگەنچە ئىدىلوگىيە شۇنچىلىك باراقسان ۋە مۇستەھكەم ئاينىيدۇ. بۇ فورمۇلىنى رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەھۋالاتىغا نەزەر سېلىپ باقساقلا ھېس قىلالايمىز.
مەركەزدىن تەلەپ قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىجابىلىقلار، بىر قىسىم ئاشقۇن سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن سەلبىلىككە ئايلىنىپ قالماقتا.
بۇلارنىڭ سەلبى نەتىجىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا بېرىپ تاقالماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازى ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتىدىكى ئۆسمىلەرگە ئايلانماقتا. ھەر مىللەت ئارىسىدىكى مىللى رادىكاللار تەرىپىدىن تۇتقا قىلىنىپ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى دەخلىگە ئۇچرىماقتا.
جوڭگو ئارزۇسى-جوڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى .
ئۇنداقتا بىزمۇ جوڭگولۇقمۇ ؟
دىمەك بىزنىڭ ئارزۇيىمىزمۇ جوڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى.
ئانا تىلچىلارنىڭ ئارزۇسىمۇ جوڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى.
سەن ئانا تىلدا ئوقۇتۇشتەك بارماقچە ئارزۇسىنىمۇ قاندۇرالمىساڭ، قاندۇرىدىغان ئادەمنى ئىزدىسۇنمۇ ؟…….
تارىختىن بۇيان جوڭگودىكى مىللى مۇناسىۋەتلەر ئۇنۋېرسال تەرەپلەردىن تىركىشىش ۋە ئۆتۈشۈش ئىچىدە ئۇزۇن مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنگە كەلدى.بۇ جەرياندا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز تەغدىرى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا توغرا ياكى ناتوغرا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
دەرھەقىقەت، بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىشكە ھەتتاكى ئۇلارنىڭ پايپاق-پىتەكلىرىگە قەدەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىشلار كۈرمىڭ بولۇپ ئۆتتى.يەنە سوراپ باقاي،
ئەشۇ ئۇرۇنۇشلاردىن قايسىسى ئەمەلگە ئاشتى ؟!
قايسىلىرى بۇ زىمىندىكى مەڭگۈلۈك تىنىچلىققا ئاساس بولالىدى ؟!
ھەممىسى ”ئوتتۇز يىللىق يامۇل قالدى. ئامبال قالمىدى.“ دىگەن تەمسىلدىكىدەكلا بولدى.بىرنىمە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دەيدىغان ئورۇننىڭ بىر پىراپپىسيورى بار ئىكەن. ئۇ شىنجاڭدىكى ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئېتىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن.بۇ يولداش ھاراق-شاراپ ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچىكى توغرىسىدا بىزدەك قىرىق يىل ئىسلام مۇھىتىدا ياشىغان ئادەملەرمۇ بىلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىدىكەن.
يەنە بىر قىزىقارلىق گەپمۇ باركەن. ”ياغلىق پالانچى مىللەتنىڭ، دوپپا ئۇيغۇرنىڭ…..“
ئىلىم ئىگىسى بولساڭ، ئىلمى بول.سەن تېخى مەلۇم مىللەت ئالدىدا ئەۋلىيادەك سالاھىيەتكە ئېرىشمىدىڭ. ھالىڭنى تارازىغا سالسا، ئالقانچە ئىشخانىدا ئالچاڭلايدىغان تەكەببۇرلۇقتىن باشقا ئېغىرلىق يوق.شۇ سەۋىيەيىڭ بىلەن قايسىلا مىللەت بولسۇن سېنى تىرناقچە ھىساپتا تۇتمايدۇ. بۇنداق گەپلەر ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا يەتسە سەندەك قېرى سولتەكلەرنى تەرەت قەغىزىچەمۇ كۆرمەيدۇ.تېخى دۇنيا تارىخىدا بىر مىللەتنىڭ كىيىم-كېچىكىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان نوچى تۇغۇلمىغان. ئۇيغۇر تارىخىدىمۇ كىيىم-كېچەكنى بەلگىلەيدىغان خاقانۇ-پادىشا يارالمىغان.
سەن قانچىلىك نىمىتتىڭ !؟
سەن بىرەرسىدىن، ”خوتۇنۇڭ باغىرداق تاقىمىسۇن، قىزىڭ كۇسار كەيمىسۇن….“ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقتىڭمۇ ؟ئەلۋەتتە، ئاڭلاپ باقمىدىڭ. چۈنكى ھازىر بۇ دۆلەت قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدۇ.ھەق گەپ قىلسا، تۆت تامنىڭ ئىچىگە سولىۋېلىپ جايلىمايدۇ.كۆينەك كىيەمدۇ ؟ ياغلىق سالامدۇ ؟ ئۇنىڭ ھوقوقى. سېنىڭ نىمە كارىڭ ؟سېنىڭ قىزىڭ ئەندامىسىنى ئېچىپ ئاپتاپقا قاقلامدۇ ؟….. مېنىڭ نىمە كارىم.
ئەلۋەتتە چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھوقوقى.مەن ۋە مېنىڭ قېرىنداشلىرىم دۆلىتىمىزدىكى بارلىق ئادەمنىڭ ئىنسانىي ھوقوقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. شۇنداقلا بۇ دۆلەتتە ئىنسانىي ھوقوق قوغدىلىدۇ دەپ ھىساپلايمىز.
ئۇنداقتا سەنچۇ ؟
ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشەيلى. بىز تېخى خەقنى ھۆرمەتلىمىگۈدەك سەۋىيەگە يېتىپ بارمىدۇق. قوسىقىمىز تېخى تۆنۆگۈنلا تويدى. ئۇچىمىزغا مانا ئەمدى كاستوم چىقتى.بىر گەپ بارغۇ…نى خو، ۋو خو، داجيا دوۋ خو…! دەيدىغان.
شۇڭا خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولنى توغرا جارى قىلدۇرايلى. يۇقۇرىغا ياكى تۆۋەنگە يالغان ئېيتىپ تۆت تال مۇكاپات ياكى يېرىم دەرىجە ئەمەل ئۈچۈن زىدىيەت تاپمايلى. راستىنلا بىلىملىك ئادەم بولساق ئىلمى گەپ قىلايلى.
ناۋادا ئارقا ئىشىك بىلەن پىراپپىسيور بولىۋالغان بولسا، ئاستا بېرىپ كۆكتات تېرىيلى. ياكى باقمىچىلىق قىلايلى. شوخلىنىڭ ھەممىسىنى قىزىل سالدۇرۇپ، ياكى قوشقارلارنى ئېرىك قىلدۇرۇپ ئۈنۈم قازانساق ئەشۇ نەتىجە ھىساپلىنىدۇ.بۇ توغرىسىدا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە ئائىت نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلىرى بار. پايدىلانساق بولىدۇ.
مەيلى ئۇستىرا بىلەن ئىڭىكىنى قىرىپ باقمىغان پىراپپىسيور ياكى كۆكسىنىڭ ئېرىقچىسىنى ھەممە ئادەم كۆرۈپ باققان نايناڭچى خوتۇن بول، ئۇ سېنىڭ ئىختىيارىڭ.ئۇ سېنىڭ زاماندىن كەلگەن تەلىيىڭ.
ئەمما يالغان ئېيتىپ ”مەن پالانى مىللەتنىڭ ۋەكىلى“ دەپ مىللەت ئۈچۈن كىيىم لاھىيەلىمە.
چۈنكى بۇ مىللەتنىڭ خوتۇنلىرى كۆكسىنىڭ يېرىمىنى ئاپتاپقا سالمايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ ئەرلىرى پىلىپىستا ئىڭەك قىرمايدۇ.بۇ مىللەت، سېنىڭ نەزىرىڭ يەتمەيدىغان زامانلاردىن تارتىپلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ھازىرمۇ ئۇلاردا كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مۇپەسسەل قائىدە-يوسۇنلار بار.شۇنداقلا ئۇلاردا مۆتىۋەر مىللەتلەرگە خاس قوغداش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئىقتىدارىمۇ يېتەرلىك بار.
توغرا، ئۇلاردا رايونىمىزدىكى چوڭ ئىشلار، ئوتتۇرا-چوڭ تىپتىكى كارخانىلار، دەرىجىدىن تاشقىرى بازارلار توغرىسىدىكى ئىقتىدارلار يېتەرسىز.
شۇڭا بۇ ساھەلەردە ئۇلارنىڭ سايىسىمۇ يوق. ئەتراپىدا نىمە بولىۋاتىدۇ ؟ قانداق ئىقتىسادى پۇرسەتلەر كېلىۋاتىدۇ-كېتىۋاتىدۇ ھېچنىمىگە ئارىلاشمايدۇ.
جىمجىت ئولتۇرۇپ، دېھقانچىلىق قىلىدۇ. تاۋۇز-قوغۇن ساتىدۇ. ئاياق مايلايدۇ ياكى بىرەر دۇكاندا ياللىنىپ ئىشلەيدۇ.
ئۇلار ئىزچىل قۇتقۇزۇش ۋە يۆلەش خىزمىتىدىكى ئوبىكىت ھىساپلىنىدۇ. كارخانىلارنىڭ، سەدىقە ئىگىلىرنىڭ ئابرويى ۋە خىزمەتتىكى شەرىپى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلاردىن بىر نەرسىلەرنى تاپشۇرىۋالىدۇ.مۇشۇنداق تۇرمۇشتا ياشاپ تۇرۇپمۇ يەنىلا شۈكرى قىلىدۇ. دۆلەت ۋە پارتىيەنى ئېسىدە مەھكەم تۇتىدۇ.ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق جېنىنىڭ كاپالىتى دەپ بىلىدۇ.
ئۆزلىرىنىڭ تارىختا تەكرار-تەكرار بۆلگۈنچىلىكنىڭ قۇربانلىقى بولغانلىقىنى، قاراباش-سېرىق باشلارنىڭ نەچچە دەۋرلەر ئەخمەق قىلىپ ئوينىغانلىقىنى ئۇنۇتمايدۇ.خۇدا بەرگەن بۇ زىمىندا، دۇنيادىكى بارلىق ئىپلاسلىق ۋە نەيرەڭلەرنىڭ ئوچىقىدا پاراسلاپ كۆيگەنلىكىنى ئۇنۇتمايدۇ.
پايدىلىق يېرى، بۇ مىللەتنىڭ مەيلى ئادەتتىكى پۇقرالىرى ياكى يۇقۇرى سەۋىيەلىك پەننىي-دىنىي ئەللامىلىرى بولسۇن قەتئى پىداكارلىقنى بىلمەيدۇ. زىيان تارتىشتىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ. پىداكارلىقنى بىلمەيدىغان ئادەم ئائىلىنى ۋەتەن، بالا-چاقىنى مىللەت دەپ ياشاۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ.
ئەمدىلىكتە ياغلىق-كۆڭلەكتىن باشقا ھېچنىمىسى قالمىغان بۇ خەلق كۆزۈڭگە يەنە نىمە كۆرۈندى ؟زادى سويغان پىيازدەك قىلىپ سالمىغىچە كۆڭلۈڭ ئارام تاپمامدۇ ؟دىققەت قىلايلى. قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتمەيلى.
جەمىيەتتىكى مۇشۇ ساھە توغرىسىدا كاللا قاتۇرىۋاتقانلار مەيلى قايسىلا مىللەتتىن بولسۇن كاللىمىزنى سىلكىۋېتەيلى. غەرپ جاھانگىرلىكىنىڭ مىللى زىدىيەت پەيدا قىلىش سۈيقەستىدە رول ئېلىپ قالمايلى. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي جاۋاپكارىغا، تىنىچ ۋە مۇقىم بولغان ئىناق شىنجاڭنىڭ بۇزغۇنچىسىغا ئايلىنىپ قالمايلى.
كۆز ئالدىمىزدىكى ئون مىليون ئادەمنى ھەيكەل سۈپىتىدە كۆرمەيلى.سەن ئۇلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق ئۆگەن. ھەيران قالىسەن. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە جوڭگو مەدەنىيەت ئامبىرىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى بىلسەڭ ئۆزەڭنىڭ پىراپىسيور ئىكەنلىكىڭدىن نومۇس قىلىسەن.
ئاخىرىدا تارىختىن بۇيان بۇ زىمىندا سەندەك ئاشقۇن سىياسەتچىدىن كۈرمىڭى ۋارقىراپ باققانلىقىنى ھېس قىلىسەن.
ھىكايەت؛
ئالدىنقى مەۋسۈملەردە بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى. ناتىق (ئاۋازىدىن ئەرمىكىن دىدىم) بەزى كاپىتالىستىك ئەللەردىكى مەكتەپلەرنىڭ كىيىم مەسىلىسىگە تۇتقان چەكلىمىلىرنى شالدامىسىنى ئېقىتىپ مىسال كەلتۈردى.
بىرنەچچە يىل بۇرۇن بىزنىڭ يۇرتتا بىر نەچچە دىنىي خادىم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش مەخسىتىدە سۆز قىلغان قورقۇنۇچلۇق بىر ۋەقە يۈز بەردى. ۋەقەدىن كېيىن بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئادەملەر سۈرۈپ-توقاي قىلىندى.
مەخسەتكە كەلسەك يۇقۇرقى ناتىق رادىيو كانىيىدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ رەڭگى-روھىنى كۆرەلمىدىم. ناۋادا ئون مېتىر دائىرىدە بولغان بولسا بۇ پەرەڭ كۈچىگىنى سوتسىيالىزىمنىڭ بۆرىسىگە ئايلىنىپ بوغۇپ تاشلايتتىم. نىمىشقا دەمسىز ؟!
ئەجەبا بىزنىڭ مائارىپ ئورۇنلىرىمىزغا غەرپنىڭ مائارىپ ئىدىلوگىيىسى سىڭىپ كىردىمۇ ؟سېنىڭغا سوتسىيالىزىمنىڭ مىللى سىياسىتى يارىماي، كاپىتالىزىمنىڭ جەندىسى چىرايلىق كۆرۈندىمۇ ؟توۋۋا، قانداق مەخلۇقتۇسەن، مەخسىتىڭگە يېتىش ئۈچۈن پوق بولسىمۇ يەۋېرىدىغان ؟
كۆپچىمە كادىرچاق، بىزنىڭ مىللى سىياسىتىمىز ئۇزۇن تارىخنىڭ يەكۈنىدىن چىقىرىلغان ھەققانى سىياسەت. سىياسەتتە كەمتۈكلۈك يوق.كەمتۈكلۈك، سەندەك مۇرىسىگە ئۇرۇپ قويسا ئىتتەك قاۋاپ بېرىشتىن يانمايدىغان گالاستۇكلۇق ھايۋانلارنىڭ كاللىسىدا.ئاساسى قانۇن ۋە ئاپتونومىيە قانۇنى باراۋەرلىك ۋە ئورتاقلىق ئاساسىدا تۈزۈلدى. ئۇزۇن تارىخنىڭ يەكۈنىدىن ھاسىل قىلىندى.بىراق سەن، ھەر-بىر دەۋردە ئەمەس ھەتتا ھەر-بىر كۈندە ئۆزگۈرۈپ تۇرىسەن.
پىتلانغانچە خورىكىڭ ئۆسۈپ ھۆرمەت-ئىززەتنى ئۇنتۇيسەن. قۇل ئات مىنسە چىقمىغان دوڭ قالماقتۇ دىگەندەك، مەركەزنىڭ سىياسەت-قانۇنلىرىنى قوڭاڭغا قويۇپ تاھارەت قىلىسەن.
شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئەنئەنىۋى بالا تەربىيلەشتىكى دىنىي مېتودىمىز قاتتىق تەدبىرگە ئۇچرىغاندا ماۋۇ پەرەڭ پىستىسىنىڭ ۋەزخانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيسەن. تېخى بىزنى ”چاۋاك چالايلى“ دەيسەن.
مەن سوتسىيالىستىك مەيداندا تۇرۇپ تىللىسام، ”جەمىيەت تەرتىۋىنى بۇزغۇچى“ دەيسەن.
دىنىي ئېتىقات مەسىلىسى ئافغانىستان مەسىلىسى سەۋەبىدىن بىزدە قورقۇنۇچلۇق نەرسىگە ئايلاندى. ھەتتاكى بىر قىسىم رادىكاللار تەرىپىدىن نەچچە ئون يىللىق مىللى، دىنىي سىياسىتىمىز يولدىن چىقىرىلىشقا تاس قالدى.بۇ بىر دۆلەت سىياسىتىنىڭ كىچىككىنە كاتاڭ سەۋەبىدىن ئېغىپ كەتكىنىدەك ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش.
مىللەت-دىن ئىشلىرى ئورۇنلىرىنى شۇم بۇيا قاپلاپ، ئىقتىدارى يىگىلەپ كەتتى. ئامانلىق ئورۇنلىرىنىڭ نىسىۋىسى جىقلاپ دائىرىسى كېڭىيىپ كەتتى. بىرى زىدىيەتنى بېسىشنى نىشان قىلىدۇ. يەنە بىرى زىدىيەتتىن پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. قايسىسىنىڭ ھوقوقى كېڭەيسە جەمىيەتنى شۇنىڭ رىسقى قاپلاپ كېتىدۇ.دۇنيا مىقياسىدا غەرپتىكى دۈشمەن كۈچلەر سوتسىيالىستىك ئەللەردىكى مىللى-دىنىي زىدىيەتلەرگە ئوت قالاپ، توختىماي پۇلەپ يالقۇنجىتىشقا تىرىشماقتا.شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئەللەردىكى بىر قىسىم غەرپنىڭ گۇماشتىلىرى ئۇلارنىڭ كەتمىنىنى چاپماقتا. بىلىپ چاپسۇن ياكى بىلمەي چاپسۇن ئىشقىلىپ چاپماقتا.
ئۇلار كۈنسېرى يېڭى-يېڭى نەيرەڭلىرىنى ھەر-خىل سىياسەتلەرنىڭ رەڭگىدە بوياپ كەڭ خەلق ئاممىسىنى قورقۇتسا، پارتىيە ھۆكۈمەتنى ئەنسىرەتمەكتە.ئۇلار بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ، مۇكاپات-مائاشىنى قاتلاپ، پۇقرانىڭ-دۆلەتنىڭ ھەققىنى بۇلاپ، ئۇلارنى چەتنىڭ بانكىسىدا ساقلاپ، بالا-چاقىسىنى غەرپنىڭ بىر يەرلىرىگە باغلاپ، بىر كۈنى قۇيرىقىنى خادا قىلىشقا تەييارلانماقتا.
بار بالاسىنى، چىچىپ قويغان پوقىنى بىزگە ئوخشاش ھېچيەرگە قاچالمايدىغان خەلىققا تاشلاپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا.
بىز ئۆزگۈرۈشچان ۋە مۇرەككەپ بىر دەۋردە تۇرىۋاتىمىز. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇزغۇنچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ ساھىبلىرى بىر قىسىم مەمۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەن ئالامەتلەر يوق ئەمەس.شۇڭلاشقا مىللى مەسىلە توغرىسىدا ئاتىكاچىلىق قىلغانلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈش كېرەك.
ئۇلار دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىمۇ ياكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللى مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇردىمۇ ؟ سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
بۇ بىر تەخىرسىز مەسىلە. دەل ۋاقتىدا كەسكىن تەدبىر قوللۇنۇش بىزنى كېيىنكى زور بەدەلدىن ساقلاپ قالىدۇ.
دۇنيا قانۇنچىلىقنى كۈچەيتمەكتە، جوڭگو قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىنى تېزلەتمەكتە. دىمەك ھەرقانداق مەسئۇلىيەت چوقۇم سۈرۈشتۈرىلىدۇ. ھەرقانچە ئاجىز ياكى يالغۇز مەزلۇم بولسىمۇ ھامىنى ئىگىسى چىقىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.
ھەرقانداق جىنايەت ئىگىسى ھامىنى جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇلارنى تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئۆڭكۈرلىرى ياكى شەرقى شىمالنىڭ ئورمانلىقلىرى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
بىز ئامىركىنىڭ ئاۋياماتكىسىدىن ياكى ياپوننىڭ سامورايلىرىدىن قورقمايمىز. بەلكى دەل مۇشۇنداق ئىچكى قىسىمدا زىدىيەت ئۇلغايتىش ئارقىلىق سوتسىيالىزىمنىڭ نېنى يەپ كاپىتالىزىمنىڭ كەتمىنى چېپىۋاتقان خائىنلاردىن قورقىمىز.
مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىسلاھات ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى باشلىدى. پۇقرا بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش خىزمىتى يولغا قويۇلدى. خەلق تۇرمۇشى ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلدى.
ئۇنۇتما، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەڭ مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بەلكىم سەن ”پىرەنىك يەيدىغان مايمۇن“ دىگەن تەمسىلنى ئوقۇمىغان بولىشىڭ مۇمكىن.بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ھەممە ئادەمنى دىبو قىلىش ئەمەس.
ياكى چاچلىرىنى كېسىپ، ساقاللىرىنى قىرىش ئەمەس.بەلكى ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.بىز ئۇزۇن تارىخقا، مۇكەممەل مەدەنىيەتكە ۋە مۇستەھكەم دىنىي ئېتىقاتقا ئىگە مىللەتلەربىز.تارىختا بۇ قىياپىتىمىزنى مىليونلىغان قوشۇنمۇ ئۆزگەرتەلمىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن دەريادەك ئاققان قانلىرىمىز بىلەن بەدەل تۆلىگەن.شۇڭا ئۈنۈمسىز قىلىقنى ئاز قىلىپ يەرلىك بىلەن مەركەز ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلمايلى.دۈشمەنگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەيلى.ھەممىمىز بۇ زىمىندىكى ھەر-بىر مىللەتنىڭ ، ھەر-بىر ئادەمنىڭ بىر قېيىقتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايلى.

ئاخىرىدا ھەممەيلەنگە بىر لەتىپە ئېيتىپ بېرەي.
نەسىردىن ئەپەندىمنى بىلىمىز.
بۇ ئادەمنىڭ يا تېرىيدىغان يېرى يوق. ياكى كىرىم قىلىدىغان ئوقىتى يوقكەن. خوتۇن-بالىسىمۇ يوقكەن. ھەتتا پەزىلەت-بىلىمدىمۇ تۇتامى يوق ئادەمكەن.
ئەمما دۇنيالىقتا بىر تال ئاق رەڭلىك ئىشىكى بار ئىكەن.
ئۇنى مىنىۋېلىپ سوكۇلداپ يۈرگىنى يۈرگەن ئىكەن.
كۈلكىلىك يېرى، جەمىيەتتىكى ھەق-ناھەق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن توختىماي پىكىر قىلىدىكەن. خەلق تۇرمۇشىنىڭ غېمىنى زېرىكمەي يەيدىكەن.
بىر كۈنى ئەپەندىمنى ئۆچ كۆرىدىغان بىيروكات ھاكىملاردىن بىرسى سوراپتۇ-:
– ئەپەندىم ، قاچان ئۆلىسىز ؟
ئەپەندىم جاۋاپ بېرىپتۇ؛
– سېنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۆلىمەن !

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى.

http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=24071

Etiketler: »
Share
2717 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.