logo

trugen jacn

ئەزەربەيجاندا «مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتى» تارقىتىلدى

image

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئەزەربەيجان تۈركىيە ئۆيى ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندىگە «مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتى» بېرىلدى.

بۇ مۇكاپات تۈرك تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە بېرىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 5 كىشىگە بۇ مۇكاپات بېرىلگەن. 3-ئاينىڭ 27- كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ باكۈ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇكاپات تارقىتىلغان.

«مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئەزەربايجان تۈركىيە ئۆيىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئەزەربەيجان ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەئىسى تەنزىلە رۈستەمخانلى خانىم قىلغان. ئۇ، ئېچىلىش نۇتقىدا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شەخسلەرگە ھەر يىلى بىر قېتىم «مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتى» تارقىتىلىدىغانلىقىنى، بۇ يىل تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندىگە، تۈركىيەلىك تارىخچى پروفېسسور دوكتور تۇفان گۈندۈز ئەپەندىگە، داڭلىق ناخشىچى ئەخمەت شافاق ئەپەندىگە، قازاقىستانلىق داڭلىق يازغۇچى مۇختار شاخانوف ئەپەندىگە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ياقۇتىستان جۇمھۇرىيىتىدىن تەتقىقاتچى يازغۇچى ليۇدمىلا يەقوروۋا خانىملارغا «مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتى» بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ، ئېچىلىش نۇتقىدا بۇ 5 شەخسنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىپلا قالماستىن، پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مۇراسىمدا «مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتى» ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن 5 كىشىگە تەقدىم قىلىنغان.

تۈركىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان، 450 مىڭ ئەتراپىدا ئەزاسى بار، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى، مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
بۇ مۇكاپات ئارقىلىق مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئىسمىنى ياشىتىش ناھايىتى مۇھىم. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىي تىللارنىڭ ئىلىم تىلى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن قارا قوساقلار بار. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىنى نېمە ئۈچۈن يازغانلىقىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىنسانلار بار. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئىنسانلار بۇنداق دېمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق ئۇلۇغ ئالەمشۇمۇل بىر شەخس نامىغا تەسىس قىلىنغان بۇنداق بىر مۇكاپاتنى ئالغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلماقتىمەن. مەن بۇ مۇكاپاتنى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ۋە قىلىۋاتقان پۈتۈن كىشىلەر نامىدىن ئالىمەن.

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندىنىڭ ئەسلى تېگى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىسى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە قاراپ ئەزەربەيجان تۈرك ئۆيى ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق سۆيۈندۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/ezerbeyjan-mukapat-03312015135424.html

Share
1725 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.