logo

trugen jacn

ئەردوغان خىتاي مۇخبىرنىڭ شەرقى تۈركىستان توغرىلىق سوئالىغا كۈتۈلگەن جاۋابنى بەرمىگەن

timthumb

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرچە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر خىتاي مۇخبىرنىڭ شەرقى تۈركىستان توغرىلىق سوئاللىرىغا كۈتۈلگەن نەق جاۋابنى بەرمىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي مۇخبىر ئەردوغانغا «سىز خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىڭىزدا ‹شەرقىي تۈركىستان› مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتىڭىزمۇ؟ ئۇ يەردىكى ئىسلامى ھەرىكەتلەر توغرىسىدا سۆزلەشتىڭىزمۇ؟ خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش بويىچە روشەن ھالدا قانداق ئىشلارنى قىلىسىز؟ بولۇپمۇ، تۈركىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىسىز؟» دېگەن سوئاللىرىنىڭ ھېچيىرىگە ئېنىق ۋە نەق جاۋاب بەرمىگەن.

پەقەت تۈركىيەنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقنىڭ ھەرقانداق شەكلىگە، ھەرقانداق جايدا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە شى جىنپىڭ بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەردوغان جاۋابىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەقەلەر ياكى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنى تىلغا ئالمىغان، پەقەت ئىراق ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىدىكى خاتا ئۇقۇمغا رەددىيە بېرىپ «ئىسلامى ھايات بىلەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ بىر-بىرىگە باغلانماسلىقى لازىم» لىقىنى ئەسكەرتكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/g-20-erdoghan-09052016154023.html

Share
1576 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.