logo

trugen jacn

ئەخلاق توغۇرسىدا

ئاۋازلىق نۇسقىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بىسىڭ
مەمەت ئىمىن
ئەدەپ ئەخلاق ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ناھايتى موھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ئەنەنىمىزدىمۇ، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن، مەيلى مەكتەپتە بولسۇن، تارخىتىن بۇيان خەلقىمىز ئەدەپ ئەخلاق تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن. ئەپسۇس يىقىنقى زامانلاردىن بۇيان بىزنىڭ ئەنەنىۋى ئۆرپە ئادەتلىرىمىز ۋە دىنى ئىتىقادىمىز ئىغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچۇراپ، ئەنەنىۋى ئەخلاقىمىزدا ئىغىر تەۋرىنىش ۋە بۇزۇلۇشلار بولماقتا.
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ۋەتەندىكى بىر يوللۇچىلار ئاپتىۋۇزىدا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ۋەقە ھىلى ھەم ئىسىمدە. ئىچىدە 20 دىن ئارتۇق يولۇچى بار بىر ئاپتىۋۇزنىڭ شوپۇرى، بىر قولى بىلەن ئاپتىۋۇزنى ھەدەۋىتىپ يەنە بىر قولى بىلەن تاماكىسىغا ئوت يىقىپ، ئاپتىۋۇز ئىچىنى ئىس تۈتەككە تولدۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغان مەن تاماكىنىڭ ئىس تۈتىكىگە ئالاھىدە سەزگۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن راھەتسىز ھىس قىلدىم ۋە شوپۇرنىڭ يىنىغا بىرىپ، شۇنچە كۆپ ئادەم بار ئاپتىۋۇزدا تاماكا چەكسە ئادەپسىزلىك بولىدىغانلىقىنى دىدىم، بىراق شوپۇر ماڭا بىر قارىۋىتىپ، تاماكا چىكىش چەكمەسلىك ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تاماكا چىكىشنى داۋام قىلدى. ھازىر ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلارغا قارايدىغان بولساق، ئوخشاشلا سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، باشقىلارنى ھەر خىل بولمىغۇر سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلىدىغان ئەھۋاللارنى ھەر كۈنى دىگىدەك ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز.
ئۇنداقتا ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ بىز ئەركىنلىكنى تەكىتلىگەندە ئەخلاقنى ئۇنتۇپ قالساق بولامدۇ؟
ئەخلاق (morality, ethics) دىگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ سۆز ھەركىتى ۋە قىلمىشىنىڭ توغۇرا ۋە خاتالىقىنى، ياخشى  ۋە يامانلىقىنى، ھەق ۋە ناھاقلىقىنى، ئالىجاناپ ۋە پەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمدۇر.  ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى، ئىجتىمايى كۆچۈرمىشى، سەمىمىيەتلىكى، راسچىللىقى، ئىتىقادى، قىممەت قارىشى، ئۇنىۋىرسال ساپاسى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئامىركا فەدىرال ھۆكۈمەت ئالى سوتنىڭ بۇرۇنقى سوتچىسى پوتتەر ستىۋارت مۇنداق دىگەن ئىكەن: ئەخلاق دىمەك، ئىنسانلارنىڭ نىمە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى بىلەن نىمە قىلىشنىڭ توغۇرا ئىكەنلىكىنىڭ پەرىقىنى بىلىش دىمەكتۇر  ئەخلاق دىمەك باشقىلارنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە قانۇننىڭ چەكلىمىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەر بىر ئىنساننىڭ بوي سۇنىشى كىرەك بولغان ئۇنىۋىرسال قائىدە يوسۇن ۋە ئۆلچەمدۇر. ئەخلاق ئىنسانلارنىڭ سۆز پىكىرلىرىگە ۋە قىلمىشىغا قويۇلغان ئەڭ ئىپتىدائى تەلەپ ۋە  ئۇنىۋىرسال چەكلىمە بولۇپ، ئۇ قانۇن تۇزۇمدىن ئىبارەت كونكىرىت ۋە مەجۇبۇرى چەكلىمىگە نىسبەتەن تىخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسانلارنىڭ سۆز ھەركىتى ۋە قىلمىشى ئەخلاقتىن ئىبارەت ئەڭ ئۇنىۋىرسال قائىدە يوسۇن دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەندە، قانۇندىن ئىبارەت مەجبۇرىيەتنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچۇرايدۇ. ئەركىنلىك بولسا ئاللاھنىڭ ھەر بىر ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ ئەقەللى ھەق ھوقۇقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئەخلاق ۋە قانۇن تۈزۈم ئۆلچىمى ئىچىدە كاپالاتكە ئىگە بولىدۇ. ئەركىنلىك دىگەندە، ئۇ ھەرگۈزمۇ مەلۇم بىر ئىنسانغا خاس ئىمتىياز بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئىنسانغا ئورتاق تەۋە بولغان ئىمتىيازدۇر. شۇ سەۋەپتىن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋاختىمىزدا، ئۇ ئەركىنلىكنىڭ باشقىلارغىمۇ تەۋە ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، ھەم شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى دەپ، ئەخلاق ۋە قانۇن ئۆلچىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھەق ھوقۇقىغا دەخلى تەرىز يەتكۈزمەسلىكىمىز كىرەك.
ئەخلاقنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە ئايرىش مۈمكىن
خۇسۇسى ئەخلاق (personal ethics)
خۇسۇسى ئەخلاق دىگىنىمىز ھەر بىر ئىنساننىڭ نىمىنىڭ توغۇرا، نىمىنىڭ خاتا، نىمىنىڭ ھەق نىمىڭ ناھەق، نىمىنىڭ ئادىل نىمىنىڭ ئادىل ئەمەس ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشى ۋە ئىتىقادى بولۇپ، ئۇ ھەر بىر شەخىسنىڭ سۆز ھەركىتى ۋە قىلمىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئۆلچەمدۇر. ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسى ئەخلاقى باشقا ئەخلاقلارنىڭ ئاساسى بولۇپ، خۇسۇسى ئەخلاق بولمىغان ئىنساننىڭ ئەتىراپىدىكىلەرگە ۋە جەمىيەتكە كۆپ توھپىسى بولمايدۇ.
ئىجتىمايى ئەخلاق (Social ethics)
ئىجتىمايى ئەخلاق دىگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ جەمىيەتكە بولغان مەسۇليىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمايى ئالاقە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئىجتىمايى ئەخلاق جەمىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ موھىم بىر كاپالەتلەندۈرگۈچى كۈچىدۇر. ئىجتىمايى ئەخلاق مۈكەممەل بولغان جەمىيەتتە ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق بولىدۇ، ئىجتىمايى مەسىلىلەر ۋە جىنايى قىلمىشلار كۆپ بولمايدۇ.
دىننى ئەخلاق (religious ethics)  دىننى ئەخلاق دىگىنىمىز ئىنسانلار ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلغان دىننى ئىتىقادنىڭ ئۇ ئىنسانلار سۆز ھەركىتى ۋە قىلمىشىغا قويغان چەكلىمە ۋە ئۆلچەمى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك دىننى ئىتىقاد پالىيەتلىرىدە يىتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. دىننى ئەخلاق ئاللاھ تەرىپىدىن بىكىتىلگەن قانۇن تۈزۈم دەپ قارالغىنى ئۈچۈن، ئۇ دىنغا ئىتىقات قىلغۇچى ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

موھاممەد پەيغەمبەرىمىز مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ئاللاھ شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ھەرقانداق مىھرى شەپقەتنى سۆيىدۇ“
كەسپى ئەخلاق (professional ethics)
كەسپى ئەخلاق دىگىنىمىز ھەر خىل كەسسىپ ئەھلىنىڭ كەسپى مەسۇليەتچانلىقى ئاساسىدا ئوتۇرغا چىققان ۋە كەسپى خادىملارنىڭ بوي سۇنۇشقا تىگىشلىك بولغان ئەخلاق ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇ كەسسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، كەسسىپتىن خەۋىرى بولمىغان ياكى كەسپى ساۋادى تۆۋەن بولغان ئادەتتىكى ئىنسانلارنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىشتىن ساقلىنىشتا ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ.
مەسىلەن كۈچلۈك كەسپى ئەخلاقى بولمىغان بىر ئادۇكات بەلكىم ئەرىزدار ياكى خىرىدارلارنىڭ خۇسۇسى سىرلىرىنى ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۈمكىن.  كۈچلۇك كەسپى ئەخلاقى بولمىغان بىر دوختۇر بەلكىم بىمارنىڭ جىسمانى ۋە روھىي ئاجىزلىقىنى باشقىلارغا سۆز چۆچەك قىلىپ تارقىتىشى، ۋە ياكى ئىختىزادى مەنپەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىمارغا زۆرۈر بولمىغان دورىلارنى بىرىشى، زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشلارنى ئىلىپ بىرىشى مۈمكىن.
نورمالدا مەلۇم بىر ئىنسان گىرىپتار بولغان مەلۇم بىر كىسەلنى توغۇرا داۋالاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ ئىنسان گىرىپتار بولغان كىسەللىككە توغۇرا دىياگۇنۇز قويۇش كىرەك. كىسەلگە توغۇرا دىياگۇنۇز قويۇش ئۈچۈن، بىمارنىڭ كىسەل تارىخى بىلەن تولۇق تونۇشۇپ چىققاندىن باشقا بىمارنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋالىنى كۈزۈتۈش ۋە تەكشۇرۇشكە، ھەتتا بەزى ئالاھىدە ئۈسكۈنلەرنى ئىشلىتىپ بەزى ئالاھىدە تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ بىرىشقا توغۇرا كىلىدۇ. بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلگە ئىنىق دىياگۇنۇز قويماي تۇرۇپ، بىمار تەمىنلىگەن ئۈزەكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، يەڭگىللىك بىلەن بىمارغا داۋالاش تەكلىۋىنى بىرىش، تىببى كەسپى ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇندىن باشقا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ۋە ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان نەرسىلەرنى ئۆز تەجىربىسىدىن ئۆتكەن ھەقىقەت قاتارىدا سۆزلەشمۇ كەسپى ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس.
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بولسا كىرەك، توردىن ۋەتەننىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەۋىتىپ، ۋەتەندىكى بىر ساقلىقنى ساقلاش رادىيو – تىلۋىزىيە پورۇگۇراممىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇ ساقلىقنى ساقلاش مەسلەھەت بىرىش پورۇگۇراممىسى بولۇپ، ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرى بار كىشىلەر نەخ مەيدانغا تىلفۇن قىلسا، پورۇگۇراممىغا قاتناشقان ئاتالمىش تىببى مۇتىخەسىسلەر سورالغان ساغلاملىق مەسىلىلەرگە مەسلەھەت بىرىدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ ئاتالماش تىببى مۇتىخەسىسلەر تىببى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ نورمال خىزمەت تاپالماي، دورا شىركەتلەرنىڭ دورا سىتىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە ياكى قوشۇمچە كىرىم قىلىش ئۈچۈن، دورا شىركەتلەر تەرىپىدىن ياللىنىلغان ئالاھىدە تەجىربىسى يوق يالاڭ ئاياق دوختۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە ئاساسەن ئۆزلىرى ۋەكىللىق قىلغان دورا شىركەتلىرىنىڭ دورىلىرىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. ئەڭ كۈلكىلىك يىرى، بىمارلارنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ قانچىلىك پەرىقلىق بولىشىدىن قەتتى نەزەر، ئۆزلىرى ۋەكىللىق قىلغان دورا شىركىتىنىڭ بىر ياكى ئىككى خىل دورىلىرىنى ھەممىگە قادىر دورا شەكلىدە سوئال سورىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە تەۋسىيە قىلىدىكەن. بۇ خىلدىكى كەسپى ئەخلاق مەسىلىسى جەمىيەتنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىدۇ.
تىجارى ئەخلاق (business ethics)
تىجارى ئەخلاق دىگىنىمىز تىجارەت جەريانىدا بوي سۇنۇشقا تىغىشلىك بولغان ئۇنىۋىرسال ئۆلچەم بولۇپ، ئۇ تىجارەتنىڭ دۇرۇس، راس ۋە ئادىل بولىشىنىڭ ئاساسى ھەم كاپالىتىدۇر. ئىنسانلاردا تىجارى ئەخلاق بولمىغاندا، ئوخشىمىغان تىجارەتچىلەر ۋە ياكى تىجارى شىركەتلەر ئارىسىدا ئادىل بولمىغان رىقابەت شەكىللىنىشى، ئىستىمالچىلارنىڭ ھەق ھوقۇقى دەخلى تەرىزگە ئۇچۇرشى مۈمكىن.
مۇنازىرە ئەخلاقى (debating ethics)
مۇنازىرە ئەخلاقى بولسا ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى  ۋە پىكىرلىرىنى ئوتۇرغا قويۇشتا بوي سۇنۇش زۆرۈر بولغان ئۆلچەم بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى كۆز قاراش پەرىقى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان پىكىر ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشتا ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ. كۆز قاراش مۇتلەق توغۇرا ۋە ياكى مۇتلەق خاتا بولمايدۇ. ئۇ پەقەتلا ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش شەيىلەرگە بولغان ئوخشىمىغان چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت. بىز ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتۇرغا قويغاندا، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزگىچە كۆز قارىشى بولۇشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىشىمىز ۋە قانداق قىلىپ ئۆز كۆز قاراش ۋە پىكىرلىرىمىزنى توغۇرا يوسۇندا ئوتۇرغا قويۇشتا، مۇنازىرە ئەخلاقىغا بوي سۇنۇش بەك مويۇم.
مۇنازىرە ئەخلاقى بىزدە ئەڭ كەم بولغان ئەخلاق بولۇپ، بىز مەيلى ھەقلىق بولايلى ياكى ھەقسىز بولايلى، بىز ئوتۇرغا قويغان مەسىلە مەيلى توغۇرا بولسۇن ۋە ياكى خاتا بولسۇن، بىز ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى قانداق ۋە قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن ئوتۇرغا قويساق، ئۇنىڭ ئەڭ مۇئاپىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بىرىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى نوقۇل ھالدا تەكىتلەيمىز. باشقىلارنىڭ شۇنداق ھەق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز. ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى باشقىلارغا مەجبۇرى تاڭىمىز. ئەگەر باشقىلار قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايمىز، ياكى ئۇنى شەخسى ئالىمىز.
تەنقىت ئەخلاقى (ethics of criticism)
تەنقىت ئەخلاقى بولسا ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنى تەنقىت قىلىشتا بوي سۇنۇش زۆرۈر بولغان ئۆلچەم بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنى تەنقىت قىلغاندا، تەنقىتكە شەخسى ئۆچمەنلىكنى ئارلاشتۇرۇپ، مەسىلىنىڭ تەنقىت قىلماقچى بولغان دائىردىن ھالقىپ، تەنقىتنىڭ شەخسى ئاداۋەت، شەخسى ھاقارەت ۋە ياكى شەخسى ھۇجۇمغا ئايلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ. 
تەنقىت دىمەك ھەرگۈزمۇ ئاغزىغا كەلگەننى دەپ، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، باشقىلارنى ھاقارەت ئەتمەك ئەمەس. تەنقىت دىمەك پاكىتقا تايىنىپ، باشقىلار سادىر قىلىۋاتقان خاتالىقلار توغۇرسىدا ۋە ياكى جەمىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان يامان ئىللەتلەر توغۇرسىدا تەنقىدى پىكىر يۈرگۈزۈپ، شەخىس ۋە جەمىيەتتە مەۋجۇت بولىۋاتقان ناچار ئەھۋاللارنى تۈزەش ئۈچۈن ئىجابى تەسىر كۆرسۈتۈش دىمەكتۇر.
بىزدە ”دوست يىغلىتىپ ئەيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئەيتار“ دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى سەمىمى تەنقىتنىڭ دوستلۇقتىن كىلىدىغانلىقى، دوستلارنىڭ تەنقىتىنىڭ ئىنسانلارغا ئىجابى رولى بولىدىغانلىقى، ئەكسىنچە بىزنى كۈلدۇرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دوست بولۇشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكى، يەنى دۈشمەننىڭ بىزنى تەنقىتلىمەي، كۈلدۈرۈپ بىخۇت قىلىدىغانلىقى ئوتۇرغا قويۇلغان. دىمەك ئۆز ئارا تەنقىت مەلۇم ئەخلاق ئۆلچىمى ئىچىدە سەمىمى ئىلىپ بىرىلغاندا، ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى تىخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ، ئارىمىزدىكى ۋە جەمىيەتتىكى يامان ئىللەتلەرنى ئازلىتىشتا ئاكىتىپ رول ئوينايدۇ.
ئەپسۇس ئارىمىزدىكى بەزى ئىنسانلار ئىچىدە تەنقىت قىلىش نامى بىلەن باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ۋە ياكى باشقىلارغا ھاقارەت قىلىدىغان، ئەخلاقىمىزغا ئۇيغۇن بولمىغان يامان ئىللەتلەر كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بۇلارنى ئاساسەن بىزنىڭ تەنتىت ئەخلاقىمىزنىڭ كەم بولىشى ۋە ياكى باشقىلارنى تەنقىت قىلغاندا مەلۇم ئەخلاق پەزىلەت ئولچىمىدىن ھالقىم كەتمەسلىكنىڭ موھىملىقىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىمىزدىن بولىۋاتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.

فىرانسىيەلىك پەيلىسوپ، يازغۇچى ئالبەرت كەمىيۇ ئەخلاق توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ئەخلاق يوق ئىنسان مەيلىگە قويىۋىتىلگەن ياۋايى ھايۋاندۇر“
ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى ھەم ئۇنىۋىرسال ۋە ئىزچىل بولىدۇ، ھەم ئوخشىمىغان دەۋىر، ئوخشىمىغان شاراھىت ۋە ئوخشىمىغان مەدىنى ئارقا كۆرۈنۈشتىكى كىشىلەر ئارىسىدا پەرىقلىق، ئۆزگىچە ۋە نىسپى بولىدۇ. مەلۇم دەۋىر ۋە شاراھىتتتا ئەخلاقسىزلىق ھىساپلانمىغان بەزى قىلمىش، مەلۇم شاراھىت ۋە مۇھىتتا ئەخلاقسىزلىق ھىساپلىنىشى مۈمكىن. مەلۇم مىللەت ئارىسىدا ئەخلاقسىزلىق ھىساپلانمىغان بەزى سۆز ھەركەت ۋە قىلمىشلار  باشقا بىر مەدىنى ئارقا كۆرۈنىشى بار مىللەتلەر ئىچىدە ئەخلاقسىزلىق ھىساپلىنىشى مۈمكىن.
بىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىمىزدە بولۇپمۇ ئىجتىمايى ۋە كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمىزدە يىقىنقى 60-70 يىلدىن بىرى، بولۇپمۇ كىيىنكى 20-30 يىل ئىچىدە ناھايتى زور ئۆزگۇرۇشلەر بولۇپ، ئەخلاق ئۆلچىمىمىز زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. ئادەلەت ۋە ھەققانىيەت تۇيغىمىز تۆۋەن، ياۋاشنى بوزەك ئىتىپ، يامانغا يول قويىمىز ۋە ياكى ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلىمىز؛ ئىسپاتسىز ئاساسى يوق گەپلەرگە ئىشىنىپ، باشقىلارغا بوھتان چاپلايمىز؛ ئۆزىمىزنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئىغىزىمىزغا كەلگەننى دەپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىمىز، باشقىلارنى ھاقارەتلەيمىز؛  ھىسياتىمىزغا تايىنىپ، بىلمىسەكمۇ بىلىدىغاندەك سۆزلەپ، باشقىلارغا خاتا ئۇچۇر ۋە خاتا چۈشەنچە بىرىمىز؛ ئۆزىمىزنىڭ كىچىككىنە مەنپەتىمىزنى دەپ، باشقىلارغا زىيان سىلىشتىن يانمايمىز.
بىزدە ”ئەخلاق ئادەمنىڭ زىننىتىدۇر“، ”ياخشى سۆز تاشنى ئىرىتەر“ دىگەندەك نۇرغۇنلىغان ئاتا سۆزلىرى بار. بىر ئىنساننىڭ گۈزەللىكى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى ۋە ئۇنىۋىرسال ساپاسى بىلەندۇر.

ئامىركىلىق مەشھۇر تىجارەتچى، مەبلەخ سالغۇچى ۋە ساخاۋەتچى ھەنرى كىراۋىس (Henry Kravis) مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ئەگەر سەندە سەمىمىلىك بولمىسا، سەندە ھىچنىمە بولمايدۇ. سەن ئۇنى پۇلغا سىتىۋالالمايسەن. سەن دۇنيادىكى بارلىق بايلىققا ئىرىش، ئەمما ئەگەر سەن ئەخلاقى يوق بىر ئىنسان بولساڭ، سەندە ھىچنىمە بولمايدۇ“
2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى نىيورۇك

Share
2613 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.