logo

trugen jacn

ئۈچتۇرپاندىكى بىر پايلاقچى: گۇماندارلارنى بايقاش ئۈچۈن قوشنىلىرىمىزنىڭ تېمىدىنمۇ مارايمىز، دېرىزىسىدىنمۇ

image

شۆھرەت ھوشۇر

2014-u1110-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۇچتۇرپان ئىماملىرىمدا ۋەقە پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ يۈرۈپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى نەپەر قاپيۈرەك پىدائىي ئابدۇرېھىم ئابدۇللا بىلەن سۇلايمان توختىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئۈچتۇرپاندىكى ئاھالىلەرگە قايتىدىن تېلېفون قىلدى. تېلېفوننى قوبۇل قىلغان بىر ئونبېشى يەنى بىر پايلاقچى ئىككى نەپەر پىدائىينىڭ تا بۈگۈنگىچە تۇتۇلمىغانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزلىرىنىڭ يەنى پايلاقچىلارنىڭ ئۆز خىزمەتلىرىنى قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات باردى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىماملىرىمدىكى بىر كەنتتە 54 كىشى قۇلاقلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇلار گۇماندارلارنى بايقاش ئۈچۈن، كېچىلىرى بەزىدە قوشنىلىرىنىڭ تېمىدىن مارىلىسا، يەنە بەزىدە دېرىزىسىدىن مارىلىغان

شەخسىي ۋە ئائىلىۋىي مەخپىيەتلىك ئادەتتە دېموكراتىك جەمئىيەتلەردە يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىنىدۇ ۋە قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ئەخلاقىدىمۇ، كىشىلەرنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلىۋىي تۇرمۇشىغا كۆز تىككۈچىلەر ماراقچى ياكى پايلاقچى دېگەندەك سەلبىي ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايوندا ئاتالمىش مۇقىملىقىنى قوغداشتا چارىسىز قالغان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ئەنە شۇنداق ئېسىل ئەخلاق – ئادەتلىرىدىنمۇ چەتنەشكە مەجبۇرلىماقتا. يۇقىرىقى ئونبېشىنىڭ بايان قىلىشىچە، پايلاقچىلىق ئۇنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ نورمال بىر پارچىسىغا ئايلانغان، خولۇم – قوشنىلىرىمۇ، ئۇنىڭ بۇ پايلاقچىلىقىغا پىسەنت قىلمايدىغان بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/paylaqchi-11102014223009.html

Share
1551 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.