logo

trugen jacn

ئۈچتۇرپاندا ۋەقە يۈز بەرگەن كەنتتىكى 17 ئائىلىلىك خىتاي 3050 مو، 354 ئائىلىلىك ئۇيغۇر 7000 مو يەرگە ئىگە ئىكەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئۈچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ۋەقەگە تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. ئاھالىلار ۋە كەنت مەسئۇللىرىنىڭ بايانلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كەنتتە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ جان سانى 54، ئائىلە سانى 17 بولۇپ، ئۇلار 3050 مو يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن. كەنتتە ئۇيغۇرلارنىڭ جان سانى 1395، ئائىلە سانى 354 بولۇپ، بۇلار پەقەت 7400 مو يەرگە ئىكەن.

كەنت نوپۇسىنىڭ 3% نى ئىگىلەيدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى كەنتتىكى ئومۇمى تېرىلغۇ يەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن. يەنە ئاھالىلەرنىڭ پاش قىلىشىچە، زىرائەتلەرنى سۇغۇرۇش مەزگىلىدە، خىتاي يەر خوجايىنلىرى زىرائەتلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا، سۇغۇرۇش نۆۋىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بېرىلىدىكەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كەنتكە خىتاي كۆچمەنلىرى 2003 – يىلدىن باشلاپ كېلىشكە باشلىغان، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى، 54 جان، 17 ئائىلە، ئەمما ئىگىلىگەن يېرى 3050 مو ئىكەن. ئۇلار دەسلەپتە بوز يەر ئېچىش نامى بىلەن كەنتكە ماكانلاشقان، ئارقىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھۆددە ئالغان يەرلىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن بانكىلاردىن قولاي رەسمىيەتلەر بىلەن قەرز ئالغان پۇللىرىنىڭ كۈچى بىلەن، ئۇلار 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قولىدىكى يەر كۆلىمىنى 3050موغا كېڭەيتىپ، كەنتنىڭ يېرىمىغا يېقىن تېرىلغۇ يىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىدىكى يەر كۆپەيگەندىن كېيىن ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن ئارىسىدا سۇ ماجىرالىرىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. خىتاي كۆچمەنلىرى ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، سۇ پۇلىنى كۆپرەك تۆلەش يولى بىلەن سۇغۇرۇش نۆۋىتىدە ئالدىنقى قاتارنى ئىگىلىگەن. كەنتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرلىرىنى خىتاي يەر خوجاينىلىرىدىن ئاشقان سۇ بىلەن سۇغۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بىز ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن بۇ مەلۇماتنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر كەنتنىڭ سېكرىتارىدىن مەلۇمات سورىدۇق. سېكرېتار كەنتتە 354 ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىلكىدە 7000مو، 17 ئائىلىلىك خىتاينىڭ ئىلكىدە 3050 مو يەر بارلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ شىكايەتلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈچتۇرپان ئىماملىرىمدا يۈز بەرگەن 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى توغرۇلۇق، تۇتۇش بۇيرۇقىدىن باشقا ھېچقانداق مەلۇماتنى ئاشكارىلىمىدى. ۋەقە رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنى قوزغىغان سەۋەپلەرگە دىققەت قىلماقتا. ھازىرغىچە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كەڭ – كۆلەمدە يەر ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالى ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، تېرىلغۇ يەر مەسىلىسدىكى بۇ چوڭ ھەقسىزلىقنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uchturpan-yer-igiliri-07172014183647.html

Share
1533 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.