logo

trugen jacn

ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ژۇرنىلى ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ مەخسۇس سان چىقاردى

bf301392-7ea6-4ab0-9b95-a5c9dfc87f21

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ ياشلار ئۇيۇشمىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى» ژۇرنىلىنىڭ 8-ئايلىق سانىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاتىدى.

رەڭلىك قەغەزگە بېسىلغان رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن ژۇرنالنىڭ تاشۋارىقىغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارى كۆرسىتىلگەن خەرىتە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، خەرىتىنىڭ ئۈستىگە دۇئا قىلىپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى يېپىنىۋالغان ئۇيغۇر بالىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى چىقىرىلىۋاتقان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ژۇرنىلى»نىڭ 8 ئايلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاتالغان سانى 80 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەزكۇر سانغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىشغالى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى»، خالىل ئالپەرەن ئىشق يازغان «خەلقئارا قانۇندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، ئالپەرەن نەجات گۆنەن يازغان «كۆك بايراقنىڭ سايىسىدا» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، سەمىھ دىرى ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە»، ئاسىيا مەرۋە ئاۋشار خانىم بىلەن گۆكخان گۆكچەك ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا مائارىپ ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، تولغا ئاسلان ئەپەندى يازغان «خەلقئارا قانۇندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، ئابدۇلسەمەت چانقايا ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مىللىي كىيىمى -دوپپا » ماۋزۇلۇق ماقالىسى، ياسىن ئىلتەرىش دوغان ئەپەندى تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ لىدېرلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالە ۋە «بىز تەۋسىيە قىلغان مەنبەلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن. ژۇرنالنىڭ ئاخىرقى بېتىگە تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى مەرھۇم ئالپارسلان تۈركەش بىلەن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بىللە چۈشكەن رەسىمى، سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى دەۋلەت باغچەلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

بىز ژۇرنالنىڭ بۇ سانى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر ژۇرنالنىڭ خوجايىنى ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى ۋە ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاتاپ مەخسۇس سان چىقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېسىم، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىز ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كېيىنكى كۈنلەردە تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا جامائەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. مەسىلەن تايلانددىكى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. رامازان ئېيىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىمغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەرلەردە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزدۇق. مەتبۇئاتلارغا بايانات بەردۇق. بۇ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاتىدۇق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بېسىمىنى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، سەنئەت ۋە مۇزىكىلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىلىرىگە ئوخشاش بىر يۈرۈش مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى يازدۇرۇپ مەخسۇس سان چىقاردۇق. بۇ ژۇرنال ھازىر ئون مىڭلىغان ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بولسا ژۇرنالنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنىڭ بەك كەڭ ئىكەنلىكىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turkiye-kitab-09162015162144.html

Share
1206 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.