logo

trugen jacn

ئۈستى ئوچۇق تۈرمە – شەرقىي تۈركىستان

prof. dr. salih aynural ile ilgili görsel sonucu

پروف. در. سالىھ ئاينۇرال (Prof.Dr. Salih Aynural)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى – باتۇر قاراخانلې

ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تېخىمۇ غالجىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھەم دىنىي، ھەم مىللىي كۈلتېرنى يوقۇتۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا. مېڭە يۇيۇش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى باھانىسى بىلەن مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قاماپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

ئاچقۇچ سۆزلەر: كۈلتېر قىرغىنچىلىقى، ئاسمىلاتسىيە، ئۈستى ئوچۇق تۈرمە، چەكلىمىلەر

كىرىش

كۆلىمى تۈركىيە زېمىننىڭ ئىككى ھەسسىدىن چوڭ (1.8 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر)، يىگىرمە مىليۇندىن ئارتۇق تۈرك (مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار)نىڭ قەدىم يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستان 1759 – يىلى خىتاي – مانجۇ تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن 1863، 1933 ۋە 1944 – يىللىرىدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي تەرىپىدىن قايتىدىن ئىشغال قىلىنغان. قىسقىسى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى تەخمىنەن 250 يىلدىن بۇيان مۇستەملىكە قىلىپ كەلمەكتە، يەر ئاستى – يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلماقتا، تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغان خەلقكە ھەر دەۋردە ئېغىر زۇلۇملارنى سېلىپ كەلمەكتە. 

شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئسىتراتېگىيلىك جاي بولۇپ، خىتاينىڭ غەرپكە ئېچىلغان ئىشكىدۇر. لوندوندىن باشلانغان يىپەك يولى، شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق بېيجىڭغا تۇتۇشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سەككىز دۆلەت بىلەن خۇشنا بولۇشىمۇ ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بىرسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر مىقىدارى خېلىلى ئېغىر سالماقتا. 2014 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا 143 مىليۇن توننا كۆمۈر قېزىپ چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ خىتايدا قېزىپ چىقىرىلغان ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40%نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قېدىرىپ چىقىرىلغان نېفىت زاپىسى 27.39 مىليۇن توننا بولۇپ، بۇ رەقەم تۈركىيەنىڭ بىر يىللىق نېفىت سەرپىياتىغا توغرا كېلىدۇ. تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى بولسا 29.15 مىليارد كۇپ مېتىر بولۇپ، قېزىپ چىقىرىلغان باشقا كان بايلىقلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان تەقدىردىمۇ، پەقەت ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر زاپىسىدىنلا بۇ رايۇننىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. 

شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيلىك ئورۇن جەھەتتىن ئىستىراتېگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، غەربىي تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسيا) جۇمھۇرىيەتلىرىدىن خىتايغا تۇتاشتۇرۇلغان تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تۇربىلىرى ئۆتىدىغان لېنىيە ئۈستىگە جايلاشقانلىقى بولۇپ، 2006 – يىلى قازاقىستاندىن خىتايغا يىللىق 10 مىليۇن تون، كېيىنكى ئىلاۋە قىلىنغان تۇربا يوللىرى بىلەن 20 مىليۇن توننا نېفىت يۆتكىلىدىغان تۇربا لېنىيىسى ئورنىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا غەربىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان تەبىئىي گازلىرىنىڭ خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنىشى ئۈچۈن 2009 – يىلى 8800 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقىدا، يىللىق 55 مىليارد كۇپ مېتىر گاز توشۇيدىغان تەبىئىي گاز تۇربا لېنىيىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ تەرەپلەر نەزەردە تۇتۇلغاندا، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ھەم ئېنىرگىيە بۇلىقى، ھەم ئېنىرگىيە كارىدورىنى تەشكىل قىلماقتا. 

شەرقىي تۈركىستان خەلقى 250 يىلدىن بۇيان ئاسارەت ئاستىدا بولۇشىغا قارىماستىن، يېقىنقى مەزگىللەردە دۇچ كەلگەن بېسىم، زۇلۇم ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىگە بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇچ كەلمىگەنىدى. قەدىم تۈرك يۇرتى 1949 – يىلىدىن باشلاپ بىر تەرەپتىن خىتاي ئىستىلاسىغا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ۋە كۈلتېر قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. خىتاينىڭ بۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە قارىماستىن، يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنىي ۋە كۈلتېر خاراكتېرلىق كىملىكىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىشىدىن خىتاي قاتتىق بىئارام بولماقتا ۋە بۇ كىملىكلەرنى كۆزدىن يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىق ۋە بېسىمنى ئىشقا سالماقتا. بىز بۇ ماقالىمىزدە يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ يۈرگۈزىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنى پاش قىلىشقا تىرىشىمىز. 

خىتاينىڭشەرقىيتۈركىستانئېلىپبارغانئىنسانقېلىپىدىنچىققانبىخەتەرلىكتەدبىرلىرى

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلەر سەۋەبىدىن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ قالدى. تۈرمىلەرگە تاشلانغانلار، تۈرمىدىن پەرقى بولمىغان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالغانلاردىن باشقا شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ خۇددى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشىماقتا. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا كامىرا بولمىغان بىرەر چوڭ يول، كوچا، مەسچىت، مەكتەپ يوق. ھەتتا تۈرمە ۋە يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدىكى مۇنچىلارغىمۇ كامىرالار ئورنىتىلغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ كامىرالار بىلەن نازارەت قىلىنماقتا. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋە خوتەنگە ئوخشاش شەھەرلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقىرىلغان. بۇ شەھەرلەردە كىشىلەر ھەر بىر قانچە يۈز مېتىردا 8 – 10 كامىرا بىلەن تەقىپ قىلىنماقتا. 2017 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق قاراقاش ناھىيىسىدە مەكتەپ، مەسچىت، كوچا، مەھەللىلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 35 مىڭ تانە كامىرا سېتىۋېلىنغان. بۇ كامىرالار كېچىسىمۇ سۈرەتكە ئالالايدىغان بولۇپ، ھەر تۈرلۈك پلاكىلارنى ئوقۇپ، شوپۇرلارنىڭ يۈزىنى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. يىغىنچاقلىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەر ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان. يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى تېخنىكىلىق نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن غايەت زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، ئون مىڭلىغان ئامانلىق خادىمىنى ئىشقا ئالغان. خىتاي مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بىخەتەرلىك تەدبىرى ئۈچۈن ئايرىلغان مەبلەغنىڭ سوممىسى 9.16 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ ئۆرلەش ئومۇمىي بىخەتەرلىك راستخودى ئۆرلەش نىسبىتىنىڭ 8 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. يىغىچاقلىغاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىپ چىققان. تەخمىنەن ھەر 500 كىشىگە بىر ساقچىخانا توغرا كەلمەكتە. 

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ساياھەت ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكلىرى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، تۈركلەر ئىزچىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈشلەر جەرياندا ئۈستى بېشى ئاختۇرۇلماقتا، كىملىكلىرى تەكشۈرۈلمەكتە، يۈز تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا ئەقلىيفۇنلىرىمۇ تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، زۆرۈر تېپىلسا تېلېفۇن ئىچىدىكى ھۆججەتلەر بىرمۇ بىر تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بىرەر دىنى ياكى مىللىي كىملىككە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بايقالسا دەرھال قولغا ئېلىنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەقلىيفۇنلارغا جاسۇسلۇق يۇمتاللىرى قاچىلىنىپ، تۈركلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئالاقىلىرى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر بىلەن بولغان سۆھبەت ۋە ئالاقىلىرى بۇ يۇمتاللار بىلەن تەقىپ قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ئېلېكتىرونلۇق كىملىك كارتلىرى ۋاستىسى بىلەن كىملەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نازارەت قىلىنماقتا. ئىش ياكى ساياھەت مەقسىتىدە باشقا شەھەرلەرگە بارماقچى بولغان تۈركلەر ساقچىخانىلارغا ياكى ئاھالە كومتېتىغا بېرىپ ئۇلارغا ئىلتىماس سۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇلار رۇخسەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن سەپەرگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماقتا. 

بۇ تەكشۈرۈشلەر شۇنداق زېرىكىشلىك ھالغا كەلگەن بولۇپ، بەزىدە بىر كىلومېتىر مۇساپىدە 4 – 5 قېتىم تەكشۈرۈلمەكتە. پويىز ئىستانسلىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەت سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلمەكتە، بىلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن سومكىلىرىنى تەكرار ئاچقۇزۇپ تەكشۈرمەكتە. بۇ ئىجرائاتلار پەقەت تۈركلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، خىتايلار بولسا بۇ تەكشۈرۈشتىن خالىي تۇتۇلماقتا. بۇ سەۋەپتىن تۈركلەرنىڭ ۋاقتىنىڭ بىر قىسمى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا نۆۋەت ساقلاش بىلەن ئۆتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، بۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۈچۈن تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا «يېشىل كارىدور» بەرپا قىلغانلىقىنى، مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئىچىدە تېروررچىلارنىڭ چىقىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ تەكشۈرلۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قىسقىسى،  ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق خىتايلار تەرىپىدىن بولغۇسى جىنايەتچى ۋە تىروررچى دەپ قارالماقتا. بۇ سەۋەپتىن ھەر پۇرسەتتە 12 – 65 ياش ئارىسىدىكى تۈركلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرى يىغىلماقتا، كۆز قارچۇغى ئېلېكتىرونلۇق مۇھىتقا ئېلىنماقتا، ئاۋاز ئۆرنىكى، قان ئەۋرىشكىسى ۋە بارماق ئىزى ئېلىنماقتا. ھەتتا كىشىلەرنى ئالدى – كەينىگە ماڭدۇرۇپ، مېڭىش شەكىللىرىمۇ سىنغا ئېلىنماقتا. 

خىتايلار تۈركلەرنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىدىن شۈبھىلەنمەكتە. مەسىلەن: بىر تۈرك ماشىنىسىغا تولۇق بېنزىن قاچىلىغان ۋاقىتتا ئەجىبا بېنزىن بومبىسى ياسامدىغاندۇ ياكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىغامدۇ؟ دېگەندەك گۇمانغا غەرق بولماقتا. بۇلۇنتاي بازارلىق ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئىستانۇك ۋە سەرەڭگە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈركلەرنى قورال ياساپ قالىدۇ دېگەن قورقۇ بىلەن نازارەت ئاستىدا تۇتماقتا. شەرقىي تۈ ركىستاندا تۈركلەرنىڭ ئىنتىرنىت ئىشلىتىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. خەلقئارا تاراتقۇ خادىملىرىنىڭ بۇ رايۇنغا رۇخسەتسىز كىرىشى مەنئى قىلىنغان. خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ساياھەتچىلەرنىمۇ تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى بىرمۇ بىر ئۆگىنىشكە ئۇرۇنماقتا. چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشى ناھايىتى قېيىن. تۈركلەر بىزگە بالا كېلىپ قالىدۇ دېگەن قورقۇ سەۋەبىدىن چەتئەللىكلەر بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۇچرىشىشتىن ئۆزىنى تارتماقتا. چۈنكى چەتئەللىكلەر بىلەن كۆرۈشۈش، ھەرقانداق بىر تۈرك ئۈچۈن يىغىۋېلىش لاگىرىغا ئەۋەتىش سەۋەبىدىن بىرىدۇر. شەرقى تۈركىستانلىق تۈركلەر 24 سائەت دېگۈدەك تەقىپ قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋال خىتاي بېسىمىنىڭ ناھايىتى رەھىمسىز ۋە قاتتىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى نامايەندىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇم، بولۇپمۇ تىبەت ئاپتونۇم رايۇنى كومنىست پارتىيە سېكرىتارى چىن چۈەنگونىڭ 2016 – يىلى ئاۋغۇستتا شەرقىي تۈركىستانغا تەيىنلىنىشىدىن كېيىن ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە ئاشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى چىقارغان يېڭى بىر قارار بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئافغانىستان، جازائىر، ئەزەربەيجان، مىسىر، ھىندىنوزىيە، ئىراق، ئىران، قازاقىستان، كېنىيە، قىرغىزىستان، لىۋىيە، مالايسىيا، نىگىرىيە، پاكىستان، روسسىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، سۇمالى، جەنۇبى سۇدان، سۈرىيە، تاجىكىستان، تايلاند، تۈركىيە، تۈركمەنىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۆزبىكىستان ۋە يەمەنگە بېرىشىنى چەكلىگەن. ئىشنىڭ غەلىتە تەرىپى بولسا، بۇ دۆلەتلەرگە مەزكۇر چەكلىمە چىقىشتىن بۇرۇن بارغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېچقانداق سوتقا تارتىلماستىن، بۇ ساياھەتلىرى سەۋەبىدىن ئەيىپلىنىپ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئەۋەتىلىشىدۇر. 

خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەرنى ئىشەنچلىك، گۇمانلىق ۋە ئىشەنگىلى بولمايدۇ دەپ ئۈچ سىنىپقا ئايرىغان. خىتايلار ئىشەنچلىك كىشىلەر سىنىپىغا كىرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەر تۈرلۈك ئەركىنلىككە ئىگە. تۈركلەر بولسا گۇمانلىق ياكى ئىشەنگىلى بولمايدىغان كىشىلەر كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى چەكلىك. شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەر پەقەت ئۆزىگىلا مەسئۇل بولۇپ قالماستىن، يەنە ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ مەسئۇل بولۇپ، ئەگەر ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرەرسى نازارەتكە ئېلىنسا، پۈتكۈل ئائىلە بولغۇسى جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. خىتايلار كىشىلەرنى شۇنداق قورقۇتىۋەتكەن بولۇپ، ئىشىك قېقىلغاندا (ساقچىلار كېلىپ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئېلىپ ماڭسا، ئۇ يەردە توڭلاپ كەتمەيلى دەپ) دەرھال چاپان ياكى مايكا كىيىپ ئىشىكنى ئاچماقتا. 

شەرقىي تۈركىستاندا ياكى خىتايدا ياشايدىغان تۈركلەرلا تەقىپ قىلىنىپ قالماستىن، باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن تۈركلەرمۇ تەقىپ قىلىنماقتا. چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن ئاكتىپ ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ناھەقچىلىق ۋە زۇلۇملارنى تەنقىت قىلغۇچىلارنى، بۇ تەنقىتلىرىنى توختامىسا، ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىدىغانلىقى بىلەن جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاينىڭ بۇ تەھدىدىگە بويۇن ئەگمىگەن ئا ق ش دىكى ئەركىن ئاسيا رادىيوسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي دائىرلىرى بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئائىلىسىدىكىلەرنى قىيىن – قىستاققا ئالىدىغانلىقى بىلەن تەھدىد قىلىپ جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا ۋە ئۇلار ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن تەقىپ قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنى بىر – بىرىنى چىقىشقا تەرغىپ قىلماقتا. خىتاي ساقچىلار سەۋەپسىز ھالدا قاماققا ئالغان كىشىلەرگە «ئەگەر بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان ئۈچ ياكى تۆت كىشىنى دەپ بەرسەڭ قويۇپ بېرىمىز» دېگەندەك ئەخلاقسىز تەكلىپلەرنى قىلماقتا. بۇ سەۋەپتىن تۈركلەر بىر بىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىش ۋە سۆزلىشىشىنى ئازايتىشقا باشلىغان. خىتاي دۆلىتى يەنە، خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مەزكۇر ئەللەرگە بېسىم قىلماقتا. بۇ سەۋەپتىن خىتاي بېسىمىدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار قورقۇ ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ باشلامچىلىقىدا قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ تەلىپىگە قارشى چىقالمايۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەلدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار پۈتكۈل مال – مۈلكى ۋە پۇللىرى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلانماقتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا.   

شەرقىيتۈركىستاندايىغىۋېلىشلاگىرلىرى

شەرقىي تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي مەقسەت، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە تۈرك كۈلتېرىنى يوقۇتۇپ تاشلاشتۇر. بۇ لاگىرلار 2012 – يىلىدىن باشلاپ ياسىلىشقا باشلانغان بولۇپ، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە قايتىدىن تەربىيلەش مەركىزى، كەسىپ ئۆگىتىش مەركىزى، تەلىم – تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەركىزى دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. خىتاي دائىرلىرى ئۇزۇندىن بۇيان بۇنداق لاگىرنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. لېكىن ب د ت، ياۋروپا پارلامىنتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ لاگىرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرى ئەمەس، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقان لاگىرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىدى. ھالبۇكى مەزكۇر لاگىرلارغا قامىلىپ، كېيىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ لاگىرلار تەربىيلەش ياكى كەسىپ ئۆگىتىش لاگىرلىرى ئەمەس، بەلكى رەسمىي ھالدا مېڭە يۇيۇش مەركىزى ۋە تۈرمىلەردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لاگىرلارغا كىشىلەر مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. بولۇپمۇ دىنى ۋە مىللىي تۇيغۇلىرى كۈچلۈك بولغان كىشىلەر ھەر تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بۇ لاگىرلارغا قامالماقتا. تەتقىقاتچى يازغۇچى تانەر گرىر، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئەۋەتىشنىڭ باھانىلىرىنى ئىزاھات قەيىت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ لاگىرلارغا پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغانلارلا ئەمەس، خىتاينىڭ باشقا رايۇنلىرىدا تۇرىۋاتقان تۈركلەرمۇ قامالماقتا. بۇ سەۋەپتىن ئۆزىنىڭ يۇرتلىقلىرىنى ئىشقا ئالغان كارخانا – تىجارەتچىلەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشچى تاپالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. 

شەرقىي تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالغان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە سانىمۇ ئاشماقتا. ئاۋستىرالىيە سىياسەت ئېنىستىتوتنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە 2016 – يىلىدا قۇرۇلغان 28 لاگىرنىڭ كۆلىمى كېيىنكى ئىككى يىلدا ئىچىدە بەش ھەسسە كېڭەيگەن. ب د ت نىڭ ئېنىقلىشىغا قارىغاندا يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامالغان شەرقىي تۈركىستانلىق سانى 2018 – يىلى دېكابىر ئىتىبارى بىلەن 1.1 مىليۇن كىشىگە يەتكەن. خىتاي ھەققىدە تەتقىقات بىلەن تونۇلغان تەتقىقاتچى يازغۇچى ئادرىيان زەنزنىڭ تەخمىنىگە ئاساسلانغاندا بۇ سان 2019 – يىلى مارتتا 1.5 مىليۇنغا يەتكەن. ئەپسۇسكى،  ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن ئەڭ ئاز بىر كىشى لاگىرغا قامالمىغان بىرمۇ كىشى يوق. يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ ئىچى ئىنسانلارغا شۇنداق لىق تولۇپ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەر ياتىدىغان جاي تاپالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقتىن، ياتىدىغان جايدىن نۆۋەتلىشىپ پايدىلىنىدىغان ۋەزىيەت پەيدا بولغان. بۇ سەۋەپتىن لاگىر مەسئۇللىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئېلىپ كەلمەسلىك ئۈچۈن يالۋۇرۇشىغا قارىماستىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى ساقچىلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىش ۋە لاگىرغا قاماش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىشكە تەرغىپ قىلماقتا. دېمىسىمۇ 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كەيپى تۇتقۇن قىلىشلار ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىغانىدى. 

يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامالغانلار نېمە سەۋەپتىن قامالغانلىقىنى ۋە قانچىلىك مۇددەت بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە لاگىرلارنىڭ شەرت – شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، جىسمانىي ۋە مەنىۋىي بېسىملار، ھامىلە ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار، مىيىپلار، ياشىنىپ قالغانلارنىڭمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇلىشى لاگىر ھاياتىنى تېخىمۇ قېيىن ھالغا كەلتۈرۈپ قويماقتا. لاگىردا بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستانلىقلار دىنى ۋە كۈلتېرىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. كوممۇنىست ئىدىئولوگىيسى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا، ھەر كۈنى ئەتتىگەندە خىتاي مىللىي مارشىنى ئوقۇشقا، خىتايچە ئۆگىنىشكە، بەزى لاگىرلاردا تاماقتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ئورنىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭغا رەھمەت ئېيتىشقا مەجبۇرلانماقتا. يىغىۋېلىش لاگىرىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۆمەر بەكئالى، لاگىردىكى ۋاقتىدا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇبارەك كۈن بولغان جۈمە كۈنلىرىدە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتتى. لاگىردىن قويۇپ بېرىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز مىڭ خىتايچە خەت ئۆگىنىش شەرت قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقانداق ئىسياننىڭ پەيدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن لاگىردا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم قىلىنىپ، مىيىت يېرىم كېچىدە يۇيۇلماستىن، جىنازە نامىزى چۈشۈرۈلمەستىن كۆمۈپ تاشلانماقتا. تۈركلەر شۇنداق ئېغىر بېسىم ئاستىدا بولۇپ، نەچچە ئايدىن بۇيان لاگىرغا قامالغان ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ ئىزدىرىكى قىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ياكى تەربىيلەشتە ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا. چۈنكى ھەقىقەتنى پاش قىلغانلار دەرھال تۇتقۇن قىلىنىپ لاگىرغا قامالماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى كىشىلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، خوتەن شەھىرىدە «ئەگەر لوپتىكى يىغىۋېلىش لاگىرىغا كىرىپ قالساڭ قايتىپ چىقالمايسەن» دەيدىغان سۆزلەر ئومۇمىيلاشقان. قىسقىسى، يىغىۋېلىش لاگىرلىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن روھىي جاراھەت پەيدا قىلىدىغان مەركەزگە ئايلىنىپ قالغان. 

شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم شۇنداق ئېغىرلاشقان بولۇپ، تۈركلەرگە يۈرگۈزۈلگەن بۇ زوراۋانلىق ۋە بېسىمنى تەنقىت قىلغان ئىنساپلىق بەزى خىتاي سىياسى ئاكتىپلىرىمۇ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ لاگىرلارغا قامالماقتا. ھەتتا يىللارچە تۈرمىدە ياتقان، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ يەنە سىياسىي تەلىم – تەربىيە ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالماقتا.  

گەرچە لاگىرغا قامالغانلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ئادۇكاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھوقۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەيۋاتىدۇ. لاگىردىكىلەرنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇرۇق – تۇققانلىرى بىلەن تېلېفۇندا قىسقا كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا مەنئى قىلىنغان. تېلېفۇن كۆرۈشۈشلىرى خاتىرلەنمەكتە. لاگىر مەسئۇللىرىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئىپادىسى ياخشى بولغانلارلا بىر قانچە كۈن ئۆيىدە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنماقتا. لاگىردىكىلەرنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشى مەنئى قىلىنغان. يىغىنچاقلىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى ھەر پۇرسەتتە يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تەلىم – تەربىيە مەركىزى دەپ تونۇشتۇرسىمۇ، رېئاللىق ئۇنىڭدىن باشقىچە. بۇ لاگىرلارغا پەقەت سىرىتتىن قاراپ بېقىشلا كۇپايە قىلىدىغان بولۇپ، كۆزىتىش پوتەيلىرى، ئېگىز تاملار ۋە تىكەنلىك سىملار بىلەن قورشالغان لاگىرلارنىڭ تاشقىي كۆرنۈشىنىڭ ئۆزىلا تۈرمىدىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى ئايان بولماقتا. خىتاينىڭ ئا ق ش بۈيۈك ئەلچىسى بىر باياناتىدا: «مەزكۇر لاگىرلاردىكى پائالىيەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى نۇرمال ئىنسان ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر ئەمەلدار: «ئىسلام ئىدىئولوگىيىلىك ئىللەتتۇر. بۇ سەۋەپتىن مەزكۇر لاگىرلار بۇ كېسەللىكنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىلاردۇر» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ راك ئۆسمىسىگە ئوخشىتىشى كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى مىليۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقنى يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامىغان ۋاقىتتا، تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە ئىجارىگە ئولتۇرغانلارنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى قانداق تۆلەيدىغانلىقى، بالىلىرىغا ۋە ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارغا كىمنىڭ قارايدىغانلىقى، تىجارەتچى، كارخانچىلارنىڭ دۇككان، كارخانا… قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى مۇستەقىل مۇخبىرلارنىڭ بۇ لاگىرلارنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ. لېكىن ئۆزى تەكلىپ قىلغان چەتئەللىك مۇخبىرلار، دىپلوماتلار … قاتارلىقلارنى بەلگىلىك لاگىرلاردا ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرماقتا. مەزكۇر لاگىرلار كۆز بوياش مەقسىتىدە خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان بولۇپ، شەرت – شارائىتى ۋاقتىنچە ياخشلانماقتا، تۇتقۇن قىلىنغانلارغا نېمىلەرنى دەيدىغانلىقى بىرمۇ بىر ئۆگىتىلمەكتە ۋە دۆلەتنىڭ زىيىنىغا بىر ئېغىز سۆز قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ ئېكىسكۇرسىيەدىن كېيىن خىتاينى ۋە تۈزۈمنى ياخشى بىلمەيدىغان كۆزەتكۈچىلەردىن بەزىلەر بۇ ئالدامچىلىقنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەكتە.

خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تەربىيىلەش لاگىرى دەپ ئاتالغان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئوقۇتقۇچى، ئاكادېمىك، سەنئەتچى، ھەتتا چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن كىشىلەرنىڭمۇ قامىلىشى ناھايىتى غەلىتە ئىش بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن مەزكۇر لاگىرلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدە تۈرمىدىن پەرقى بولمىغان يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ئىكەنلىكىنى روشەن ھالدا كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ لاگىرلىرىغا قارشى نۇرغۇن دۆلەتتىن ئەيىپلەشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى سۈكۈت قىلماقتا. بۇ ۋەقەلەرگە ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان سۈكۈت قىلغان تۈركىيەنىڭ «مەزكۇر لاگىرلارنىڭ دەرھال تاقىلىشى كېرەكلىكى»نى جاكارلىشى دۇنيادا ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىغان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ قارشىلىقنىڭ باشقا ئىسلام ئەللىرىگىمۇ يېيىلماسلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن مۇخبىر ۋە دىپلوماتنى لاگىرلارنى ئىكسكۇرسىيە قىلىشقا چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە بۇ لاگىرلاردا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشنى خام خىيال قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىياسەتلىرى ئەكسىچە نەتىجە بېرىشكە باشلىماقتا. مەزكۇر لاگىرلارغا قامالغانلار خىتاينىڭ دۈشمىنى بولۇپ لاگىردىن ئايرىلماقتا، جەمئىيەتتە بۆلۈنۈش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قولى بىلەن تۈركلەر بىلەن خىتايلارنىڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك ۋە نەپرەت ئۇرۇقلىرىنى چاچماقتا. 

دىنىۋەمىللىيكۈلتېرنىيوقۇتۇشقىلمىشلىرى

خىتاي، 1980 – يىللاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا كەڭچىللىك قىلىش سىياسىتىنى يولغا  قويۇپ، ئۇلارغا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتېر ساھەلىرىدە بەزى ھەق – ھوقۇقلارنى بەرگەنىدى. لېكىن 1990 – يىللاردىن كېيىن بۇ مۆتىدىل سىياسەتنىڭ ئورنىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش سىياسىتى ئېلىشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ۋە نارازلىقنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇش خەۋپىگە خاتىمە بېرىشنىڭ چارىسى سۈپتىدە تۈركلەرنىڭ مىللىي ۋە كۈلتېر كىملىكلىرىنى، ھەمدە دىنى ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوق قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە  باشلىدى . بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى سۈپتىدە ئىسلام رادىكالىزمى، بۆلگۈنچىلىك ۋە خەلقئارالىق تېروررلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم باھانە پەيدا قىلىنغان. بولۇپمۇ ئا ق ش دىكى 11 – سىېنتەبىر ۋەقەسى خىتاي ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بولغانىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان، ھەق – ھوقۇقنى قوغدىغان نۇرغۇن تەشكىلات خىتاي تەرىپىدىن تېروررلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈكىستاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشقا باشلىغان. ئىسلام ئەللىرىنىڭ ۋە ئا ق ش نىڭ، خىتاينىڭ بۇ زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلىشى، خىتاينى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم ۋە قىستاقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ماس ھالدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىچىدە قارشىلىق كۆرسىتىشلەرمۇ ئېشىشقا باشلىغان. بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك ۋە تېروررلۇق ھەرىكىتى دەپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېڭىلىشقا باشلانغان.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىسلامى قىممەت – قاراشلارغا سادىق بولۇشى ۋە مىللىي كىملىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممىدىن بەك قورققانىدى.  بۇ سەۋەپتىن خىتاي ئىسلامى ئەنئەنىگە بولغان ساداقەتنى ئىسلام رادىكالىزمى كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، كىشىلەرنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزرىدە ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ئوقۇش، ياغلىق ئارتىش، ئۇزۇن ساقال قويۇش، ھاراق ئىچمەسلىك … قاتارلىقلار دىنى رادىكالىزم دەپ بىكىتىلگەن.  خىتاي ئەمەلدارلىرى تۈركلەرنى ئىسلامدىن ئايرىپ تاشلىغان ۋاقىتتا، مىللىي كىملىكلىرىدىنمۇ ئوڭايلا ۋازكەچكۈزەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ناھايىتى تېزلىكتە خىتايلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە. بۇ سەۋەپتىن روزا تۇتۇش خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دېگەن باھانە بىلەن ئوقۇغۇچى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلارغا روزا تۇتۇش مەنئى قىلىنغان. بۇ سىياسەت يېقىنقى بىر قانچە يىلدا مەزكۇر يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قاماشنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرگە ئايلاندى. ياشىنىپ قالغانلاردىن باشقىلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، قۇرئان ئوقۇشى ناھايىتى خەتەرلىك ئىش بولۇپ، ناماز ئوقۇغان، قۇرئان ئوقۇغان ۋەياكى ئۆگەتكەن كىشىلەر ئەڭ باشتا بۇ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالماقتا.

ئۇزۇندىن بۇيان جامەلەر ۋە مەسچىتلەر سىستېمىلىق ھالدا خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن چىقىپ تاشلانماقتا ۋە تاقىۋېتىلمەكتە. ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش ئۈچۈن بەزى تارىخى جامەلەرمۇ چېقىپ  تاشلاندى. مەسىلەن: خوتەن شەھرىدە مىلادى 1237 – يىلى سېلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنغان كىرىيە ھىيتگاھ جامەسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلدى .يىقىندىن بۇيان مەۋجۇت جامىلەرنىڭمۇ ئىچى بوشاپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر قورققانلىقى سەۋەبىدىن جامەلەرگە بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. نۇرغۇن كىشى نامازلىرىنى مەخپىي ھالدا ئادا قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارنىڭ دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، مەيلى ئۆيدە بولسۇن ياكى باشقا جايدا بولسۇن دىنى تەلىم – تەربىيە ئېلىشى، مەسچىت – جامالەرگە بېرىشى مەنئى قىلىنغان. دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئوت بىلەن ئويناشقانلىق دەپ ئىزاھلانماقتا. بالىلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ۋە ئاتېئىست بولۇپ يىتىلىپ چىقىشى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئىشقا سېلىنماقتا.

تۈرك ۋە ئىسلام كىملىكىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئاتا – ئانىلاردىن ئايرىلىپ قالغان بالىلار ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا تاپشۇرۇلماستىن، يېتىمخانىلارغا ۋە بالىلار يېتەكچىلىك مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ۋە بۇ بالىلار مەزكۇر جايلاردا ئۇيغۇر كۈلتېرى ۋە ئىسلام دىنى قەدىرىيەتلەردىن يىراق بولغان خىتاي تەربىيىسى بىلەن تەربىيلىنىپ، ئاسمىلاتسىيە قىلىنماقتا. بۇ سەۋەپتىن يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە يېتىمخانىلارنىڭ سانىدا كىشىنى چۆچىدىغان دەرىجىدە ئېشىش بارلىققا كەلگەن. قەشقەرنىڭ بىر رايۇنىدا 18 يېتىمخانا سېلىنغان .

شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن خالىغان كىشى ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلالمايدىغان بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى تەلەيلىك مۇسۇلمان، كوممۇنىست پارتىيەگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىش ئۈسكىنىسىنى بوينىغا تاقاش ئارقىلىقلا ھەج قىلىشقا بارالايدۇ.  ياشىنىپ قالغان ئاياللاردىن باشقا خانىم – قىزلارغا ھىجاپ كىيىم مەنئى قىلىنغان بولۇپ، 45 ياشتىن تۆۋەن خانىم – قىزلارنىڭ ياغلىق ئارتىشى چەكلەنگەن. ئۇزۇن ساقال قويۇش مۇمكىن ئەمەس. ئىسلامى سىمۋوللارنى ئېلىپ يۈرۈش مەنئى قىلىنغان. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان قازاق تۈركلىرىنىڭ قازاقىستانغا ئائىت سىمۋوللارنى ئېلىپ يۈرۈشى، قازاقىستان يېزىلغان گاڭسەرلەرنى كىيىشمۇ چەكلەنگەن. رىستۇرانت ساھىپلىرىنىڭ «ھاراق – تاماك ئىچىشكە – چىكىشكە بولمايدۇ» خېتى يېزىلغان لەۋھەلەرنى ئېسىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ھالال مەھسۇلاتلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ ئۈستىگە ھالال خېتىنىڭ يېزىلىشى ۋە سېتىلىشى چەكلەندى ۋە بالىلارغا بەزى ئىسلامى ئىسىملارنىڭ قويۇلۇشى، مىللىي توي مۇراسىملىرى، ئىسلامى جىنازە مۇراسىملىرىمۇ مەنئى قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك تىلىدا تەلىم – تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەكتەپلەر تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تاقىۋېتىلمەكتە. شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇتقۇچىلار خىتايچە ئىمتىھانلارغا مەجبۇرلىنىپ، بۇ ئىمتىھانلاردىن ئۆتەلمىگەنلەر ئىشتىن بوشتىلماقتا. دۆلەت ئورگانلىرىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا تۈركچە سۆزلىشىش چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا ۋە خىتايچە سۆزلىشىشكە مەجبۇرلانماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىقلار يىقىنقى يىللاردا مەيلى ئۆز ۋەتەنلىرىدە بولسۇن، مەيلى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە بولسۇن ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. مىھمان كۈتۈشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بوش ياتاق يوق دېگەن باھانە بىلەن ئۇلارغا ياتاق بەرمەيدۇ. ئايروپىلان ۋە پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.

   يەنە بىر تەرەپتىن «تۇققان بولۇش»، «كىشىلەرگە پايدىلىق بولۇش» ۋە «كىشىلەرنىڭ دىلىنى ئۆزئارا يىقىنلاشتۇرۇش»، «ئائىلە بولۇش» پىلانى نامى بىلەن كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن تەربىيلەنگەن بىر مىليۇندىن ئارتۇق خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆيىدە مەجبۇرىي تۇرغۇزۇلىۋاتىدۇ. بۇ مىسسىيونېرلار گۇرۇپپىسى بىر تەرەپتىن بالىلارغا سوغاتلار بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ بالىلارغا خىتايچە ئۆگىتىشكە تىرىشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھەممىدىن مۇھىمى ئائىلىنىڭ دىنى ۋە مىللىي ھۇشيارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ يۇقىرىغا دوكلات قىلماقتا. بۇلارنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن كىشىلەر يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئەۋەتىلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى مىللىي ۋە دىنى كىملىكلىرىدىن ئايرىپ تاشلاش خىزمەتلىرىدىن يەنە بىرى، خىتايلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆزئارا تويلىشىشقا تەشۋىق قىلىشتۇر. بولۇپمۇ تۈرك قىزلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشى قوللاپ قۇۋۋەتلەنمەكتە. بۇ خىل تويلىشىشلاردا پۇل، مائارىپ ۋە سەھىيە جەھەتتىن ئالاھىدە ئىمتىيازلار بېرىلمەكتە. لېكىن بەزىدە تەھدىت ۋە بېسىم قىلىش ۋاستىلىرىمۇ ئىشقا سېلىنماقتا. بۇ تەشۋىق ۋە مەجبۇرلاشلارغا قارىماستىن شەرقىي تۈركىستانلىق قىزلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى خىتايلار بىلەن توي قىلىشنى رەت قىلماقتا. چەت يېزا – قىشلاقلاردا خىتايلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىللە ياشايدىغان يېڭى يېزىلار بەرپا قىلىنىشقا باشلانغان بولۇپ، بۇ يول بىلەن تۈركلەرنى ناھايىتى ئوڭاي ئاسمىلاتسىيە قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارالماقتا. خىتاي رەسمىي خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا يېزىلاردا ياشايدىغان 461 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق «كەمبەغەللىك بىلەن كۆرەش پىلانى» بىلەن باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلگەن.

بۇ چەكلىمىلەر، زۇلۇملار، بېسىملارغا قارشى چىققان، مىللىي ۋە دىنى كىملىكلەرنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن زىيالىلارمۇ بىرمۇ بىر قولغا ئېلىنماقتا، ئۇزۇن مەزگىللىك جازالارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇلاردىن بىرسى ئېيتقان بىر بىرىدىن ياخشى خەلق ناخشىلىرى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە تۈركىيەدىمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ھېيىتتۇر. ھېيىت ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە بىگۇناھ ھالدا زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. ئۇنىڭ بىردىنبىر جىنايىتى مىللىي كۈلتېرگە ساھىپ چىقىشتۇر. خىتايلارنىڭ ھەقسىزلىقى ۋە قانۇنسىزلىقىنى تەنقىت قىلغان، بۇ ناھەقچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنى پاش قىلىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن پروفېسسور دوكتۇر ئىلھام توختىمۇ ئوخشاش شەكىلدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەپسۇسكى، مانا مۇشۇنداق مىڭلىغان زىيالى بىگۇناھ ھالدا خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆمرىنى ئۆتكۈزمەكتە.

خاتىمە

1991 – يىلى غەربىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى (قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبىكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان)نىڭ مۇستەقىل بولۇشى، خىتاي دائىرلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيدىغانلىقى ئەندىشىسىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى بۈگۈنگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان بېسىم، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان. يىقىنقى يىللاردا بۇ بېسىم ۋە زوراۋانلىقلار تاقەت قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ھالدا شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ۋە دىنى كۈلتېرنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇشنى ۋە تۈركلەرنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئاساسلىق نىشانغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، مىليۇنلىغان كىشىنى مەجبۇرىي ھالدا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قاماپ زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق تەربىيلىشى ۋە مېڭىسىنى يۇيۇشى، ئانا تىلدا يېزىش ۋە سۆزلەشنى چەكلىشى، دىنى ئىبادەتلەرنى ئاساسەن دېگۈدەك مەنئى قىلىشى، ئەركىنلىك دائىرىسىنى تارايتىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى خۇددى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇشى بۈگۈنگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەدۇر. خىتاينىڭ بۇنچە بىپەرۋالىق بىلەن بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىدا ئا ق ش، ياۋروپانىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىنىڭ ۋە ھەممىدىن مۇھىمى ئىسلام ئەللىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە بۇ ۋەقەلەرگە قارشى ئىنكاس قايتۇرالماسلىقىنىڭ ھەسسىسى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ مەزكۇر دىنى ۋە كۈلتېر قىرغىنچىلىقىغا قارشى بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر تۈركىيە ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرى خىتاينىڭ بۇ زۇلۇملىرىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرغان بولسا ئىدى، خىتاي بۇ دەرىجىدە ھەددىدىن ئاشمىغان بولاتتى. خىتاينىڭ يىقىنى 20 يىلدا ئىقتىسادىي جەھەتتە تېز تەرەققىي قىلىشى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەربىي كۈچ جەھەتتىنمۇ كۈچلىنىشى، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زوراۋانلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىدۇر. خىتاي بۈگۈنگىچە ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن تاشقىي سىياسەتنى يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن توقۇنۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. مېنىڭچە ھەم ئىقتىسادىي، ھەم ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان ھالەتتە دەپ ھېس قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، بۇ مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئالدى بىلەن خوشنا ئەللەرنىڭ، بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقىشقا ۋە بۇ رايۇنلاردا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلايدۇ. ئاندىن كېيىن ياپۇنىيە قاتارلىق ئەللەرگە تەھىدىت سېلىشقا باشلايدۇ. بۇ سەۋەپتىن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خېيىم – خەتەرنى كۆرۈپ يېتىپ، زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت. ئەكسىچە بولغاندا پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالىدۇ.

پايدىلانغانمەنبەلەر: 

Blanchard Ben,’’ Wary of Xinjiang backlash China invites waves of diplomats to visit’’, https://www.reuters.com/article/us-china-xinjiang/wary-of-xinjiang-backlash-china-invites-waves-of-diplomats-to-visit-idUSKCN1QA0XX, February 21, 2108

Chao Steve, ‘’Exposed:China’s surveillance of Muslim Uighurs’’, https://www.aljazeera.com/blogs/asia/2019/01/exposed-china-surveillance-muslim-uighurs-190130011449217.html

Chow E., Hendrix L., ‘’Central Asia’s Pipelines:Fields and Dreams and Reality’’, The National Bureau of Asian Research, NBR Special Report 23, September 2010

Dooly Ben, ‘’Chinese firms cash in on Xinjiang’s growing police state’’,                          https://www.afp.com/en/chinese-firms-cash-xinjiangs-growing-police-state, jun-27-2018

Duan j., ‘’ The Energy Industry in Xinjiang, China: Potential, Problems, and Solutions’’, https:// www.powermag.com/energy-industry-xingiang-china-potential-problems-solutions-web, 01-01-2016

Emet Erkin, ‘’Doğu Türkistan’da Çift Dilli Eğitim’’, http://www.ayk.gov.tr/wp-content/uploads/2015/01/EMET-Erkin-DOĞU-TÜRKİSTAN’DA-ÇİFT-DİLLİ-EĞİTİM.pdf

Everington Keoni, ‘’ Netizens outraged by ‘gene washing’ wedding between Chinese man and Uyghur woman’’, https://www.taiwannews.com.tw/en/news/3442256, 2018/05/28

Feng Emily, ‘’Crackdown in Xinjiang: Where have all the people gone?’’,  https://www. ft.com/content/ac0ffb2e-8b36-11e8-b18d-018173a0340, Agust 5, 2018

Greer Tanner, ‘’48 Ways to Get Sent to a Chinese Concentration Camp’’, https://foreignpolicy.com/ 2018/09/13/48-ways-to-get-sent-to-chinese-concentration-camp/

Grose M.Timoty, ‘’China’s mass incarceration of Muslims can not be left unchallenged’’, https://www.the guardian.com/commentisfree/2018/nov/13/china-mass-incarceration-muslims-unchallenged-uigher

Harris Rachel, ‘’ Bulldozing mosques: the latest tactic in China’s war against Uighur culture’’, https://www.theguardian.com/commentisfree/2019/apr/07/bulldozing-mosques-china-war-uighur-culture-xinjiang

http://www.europarl.europa.eu/EPRS/EPRS-AaG-538966-China-Assimilating-or-radicalising-Uighurs-FINAL.pdf

https://www.abc.net.au/news/about/backstory/television/2018,o9-16/inside-chinas-secret-re-education-camps-cracking-down-on-islam/10 249426

https://www.amnesty.org/en/latest/news/2018/09/china-up-to-one-million-detained/

https://www.asiasociety.org/blog/asia/whats-happening-xinjiang-four-questions-about-chinas-human-rights-crisis, October 29, 2018

https://www.economist.com/briefing/2018/05/31/china-has-turned-xinjiang-into-a-police-state-like-no-other

https://www.independent.co.uk/news/world/asia/china-uighur-muslim-education-camps-forbidden-beards-pray-pork-xinjiang-a8835861.html, 22 March, 2019

https://www.ndtv.com/world-news/china-orders-people-poisoned-by-extremism-terrorism-to-confess-crimes-1949653, November 19, 2018

https://www.rfa.org/english/news/uyghur/nomination-01302019154746.html, 30-01-2019

https://www.rfa.org/english/news/uyghur/preparations-12122018152245.html, 12-12-2018

https://www.rfa.org/english/news/uyghur/scholors-12132018162357.html, 13-12-2018

İnsan Hakları İzleme Örgütü Raporu, https://www.hrw.org/sites/default/files/report_pdf/china0918_web.pdf, September 2018

Kuo Lily, ‘’If you enter a camp, you never come out:inside china’s war on Islam’’, theguardian.com/World/2019/jan/11/if-you-enter-a-camp-you-never-come-out-inside-chinas-war-on-islam

Lyons Kate, ‘’Uigher leaders warn China’s actions could be precursors to genocide’’, https://www.the guardian.com/World/2018/dec/07/uigher-leaders-warn-chinas-actions-could-be-precursors-to-genocide

McMurray James, ‘’Chinas’ uyghur re education centers in xinjiang will not produce a loyal and obedient population’’, the conversation.com/chinas-uyghur-re-education-centers-in-xinjiang-will-not-produce-a-loyal-and-obedient-population-105630, 26-10-2018

Putz Catherine, ‘’Kazakhstan and the Xinjiang Problem’’, https://thediplomat.com/2018/09/kazakhstan-and-the-xinjiang-problem/

Roberts Sean R., ‘’ Fear and Loathing in Xinjiang: Ethnic Cleansing in the 21st Century’’, https://www.fairobserver.com/region/asia_pacific/xinjiang-uighur-muslims-internment-camps-china-human-rights-news-54321/, December 17, 2018

Schiavenza Matt, ‘’What is Happening in Xinjiang? Four Questions About China’s Human Rights Crisis’’, https:/asiasociety.org/blog/asia/whats-happening-xinjiang-four-questions-about-chinas-human-rights-crisis, October 29, 2018

Tazamla Mobashra, ‘’Chinese Islamophobia was made in the West’’, https://www.aljazeera.com/indepth/opinion/chinese-islamophobia-west-190121131831245.html

Yu M. Maochun, ‘’China’s Final Solution In Xinjiang’’, https://www.hoover.org/research/chinas-final-solution-xinjiang, October 9, 2018

Share
2785 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.