logo

trugen jacn

ئۈزۈۋىتىلگەن رىشتىمىز- مۇئەللىم

ئۈزۈۋىتىلگەن رىشتىمىز 

مۇئەللىم

ئىشەنچلىرى ۋە مەنىۋىيەتلىرى قالايمىقانچىلىقتا قالغان مىللەت ، ئۆز ئىچىدە بىر بىرىنى -يەپ تۈگەيدۇ .

فارابى

ئەجداتلىرىمىزدىن يىتىپ كەلگەن مىللى ، دىنى ، كۇلتۇرلەر ،ئىقتسادى ۋە ئىجتىمائى ، ،… قىسقىسى ماددى ۋە مەنىۋى بېغىمىز ( رىشتىمىز)دىن يىقىنقى 100 يىللار مابەينىدە يىراقلىشىپ مېڭىشىمىز بىلەن مىللى روھ ۋە خاراكتىرىمىز ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىدى . بولۇپمۇ يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ سىستىمىلىق ئېلىپ بارغان تەل تۆكۇس يوقۇتۇش دۆلەت سىياسىتى ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى ئامالسىز ھالغا كەلتۈرگەن بولسا ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنى ئايىقى چىقماس كىرزىسكە پاتقۇزدى .
تەخمىنەن ئىككى مىڭ يىللىق دۆلەت ۋە سەلتەنەتلىك ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ مەرگىزى ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ئۆچمەس مەدىنىيەتلەرنى ياراتقان ئەجداتلىرىمىز ، بۇ كەڭ تۇپراقلاردا ئاجايىپ ئىزلارنى قالدۇرغان . بۇ ھايات تەجىربىللىرىدىن يەكۈنلەپ چىققان ھەر تۈرلۈك ئىلىم ۋە ھىكمەتلەرنى ئەۋلاتمۇ – ئەۋلات مىراس قىلىپ كەلگەن ئىدى . بۇ قىممەتلىك مىراسلىرىمىز زەجىرسىمان ھالدا داۋام قىلىپ ۋە زامان زامان بېيىپ مۇكەممەللىشىپ بىر مىللى روھ ۋە خاراكتىرنى شەكىللەندۇرگەن ئىدى .
تارىخ بويىچە ئىتىقات قىلغان دىنلىرىمىزنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي مىللى خاراكتىمىز ۋە روھىمىز كۈچلۈنۈپ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇدىيتىمىزنى قوغداپ ، ھەمكارلىق ئاساسىدا ياتلارغا بوزەك بولماي تۇپراقلىرىمىزنى قان ۋە جان بىرىپ ۋەتەن قىلىپ كەلگەن ئىدۇق .
بۇ ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ھېچ بىر زامان دىنىمىز ۋە ئىتىقادىمىزنى مىللى ئالاھىدىكلىرىمىز ھەم كىملىگىمىز بىلەن قارمۇ – قارشى قىلىپ قويمىغان . مەسجىتلىرىمىزدە كىيىدىغان تون سەللىلىرىمىزنى ، چىرايلىك كۆينەك روماللىرىمىزنى توي تۇكۇنلەردە ھەتتا سەھنىلەردە ئوخشاش ھالەتتە كىيىپ چىقىدىغان ، ساقال يەكتەكلىرىمىز بىلەن ئوينىغان ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىمىز ، توۋلىغان مۇقام ناخشىللىرىمىز ، يەنە بىر تەرەپتىن قەلىبلىرىمىزگە روھى كۈچ ئاتا قىلغان قۇرئان ئەزانلىرىمىز بىلەن ھېچ بىر ۋاقىت قارشىلىشىپ قالمىغان ئىدى .ھەممىسى مىللەتنىڭ بايلىغى ،روھى ، ۋاز كىچەلمەس مەنىۋىيتى سۈپىتىدە ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى . 80-يىللاردا سەھنىلەشتۇرگەن «غىرىپ – سەنەم » قاتارلىق ئەسەرلىرىمىزدىكى سەھنە تۈزۈلۈشى ، كىيىم – كىچەكلەر…دىنمىز بىلەن سەنئىتىمىزنىڭ بىر گەۋدىلىگىنى، بىر پۈتۈنلىگىنى ئىپادىلەپ كۆرسۈتۈپ بەرگەن ئىدى .. ئەپسۇس خىتاي كونىلىققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئېلىپ بارغان سىياسى كۇرەشلىرىدە بۇ يىمىرىلمەس بېغىمىزنى ئۇزۇپ تاشلىدى ، بۇنىڭ ئۈچۈن زامانىۋېلىق ، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى دىگەنلەرنى چىقىرىپ مىللى روھ بىلەن بىر تەن بىر جان بولۇپ كەتكەن دىنى ھىسياتىمىزغا زەربە بىرىپ قارمۇ قارشىىلىقنى ئىچىمىزگە سېلىۋەتتى. ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان سىنىپى كۇرەشلەر جەريانىدا بىر بىرىمىزگە قارشى شەكىللەندۇرۇلگەن نەپرەت بۇ تاجاۋۇزچى ۋەھشى دۇشمەننى ئۇنتۇپ ئىچىمىزدە دەتالاش بىلەن قايناش ئاقىۋەتتە بىر پۇتۇنلىگىمىزنى يوقۇتۇشقا ئىلىپ باردى . بۇ بىر پۈتۈنلۈك : مەقسەت نىشانىمىز ، قەلبىمىز ، روھىمىز، ئىمانىمىز ، مىللىلىگىمىز بىلەن …. بىرلەشمىگەن مۇددەتچە بىز كۇچلۇك بولالمايمىز ئەلبەتتە ….
سەئىدىيە خانلىغىدىن كىيىن شەكىللەنگەن دەۋىر مىللىتىمىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر قاراڭغۇ تارىخ ياراتتى . بۇنداق قاراڭغۇ تارىخ دۇنيادا ھەر مىللەتتتە ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە بولۇپ ئۆتكەن ، ئەڭ موھىمى بىر مىللەتنىڭ كۈچلىنىشى ۋە تەرەققىياتى بۇ خىل قاراڭغۇ تارىخ ياراتقان ۋەيرانچىلىقلاردىن ئىبرەت ئېلىپ يىڭى ئاڭ پىكىرلەر بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىشى ئىدى . ئەپسۇس بۇ ئىشنى بىجىرەلمىدۇق …. شۇ دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھەسرەتلىك بىر پارچىسى . بىز بۇ تارىخنى ئىنكار قىلىشقا ، قاھشاپ داتلاپ ئاھ ئۇرۇشقا ئەمەس ، ئىبرەت ئېلىشقا ، ساۋاق ئېلىپ يەنە بىر قېتىم تەكرارلانماسلىققا كاپالەتلىك قىلالمىدۇق . شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى ، غوجىلا ھوقۇق مەنپەئەت ئۈچۈن ئوز- ئارا قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ شۇ تۇپراقتا خانلىق ۋە سەلتەنەت قۇرۇپ ياشىدى ( گەرچە بۇ دەۋىر مەنىۋىيەت جەھەتتىن مىللىتىمىز ئۈچۈن قاراڭغۇ بىر دەۋىر بولغان بولسىمۇ ….)
دۇنيادا مىللى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەتسىز قالدۇق . مانا ئەمدى زىمىندىن يىراق ۋەتەنسىز قالدۇق . ئەينى ۋاقىتتا غوجىلار ۋەتىنى ئىچىدە ئوز – ئارا قان تۆككەن بولسا ، بىز ھازىر ۋەتەن سىرتىدا ئىچىمىزگە تولۇپ كەتكەن نەپرەتلىرىمىز بىلەن بىر – بىرىمىزنىڭ ھەممە نەرسىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقتىمىز … ئەجداتلىرىمىز ئېيىتقانكى : ”تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، دىل يارىسى ساقايمايدۇ ”.
بىز ھازىر دەل شۇ ساقايماس كىسەلگە مۇپتىلا بولدۇق ….
لىكىن شۇ دەۋىرىدىكى چىكىنىشىمىز ئۈستىلەپ كەلگەن زەربىلەر سەۋەپلىك ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېغىر كىسەللىككە ئوخشاش داۋام قىلىپ بىزنى ھەر تەرەپتىن ھالسىرتىپ قويدى .دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خاراپلاشقان يىپەك يولىنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچى ئەجداتلىرىمىز بۇ ھالسىراشتىن تەدرىجى ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. بىكىنمىچىلىككە چوڭقۇر پېتىش بۇ ئاجىزلىقنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولۇپ قالدى. شۇ ۋاقىتتىكى مىللەت سەرخىللىرى بىر چىقىش يولى ئىزدىگەن بولسىمۇ ئىجتىمائى ھادىسە بولۇپ شەكىللەنگەن جاھالەت ئومۇمى جەھەتتىن ئىمكان بەرمىدى . شۇنداق بولسىمۇ مىللىتىمىز مەۋجۇتلىغىنى ساقلاپ مىللى ۋە دىنى كىملىكلىرى بىلەن ھاياتنى داۋام قىلىپ كەلدى .
ئەمدى يىقىنقى يۇز يىل جەريانىدا كۈچلۈكلەرنىڭ تالاشلىرىدا قالغان دۇنيادا كوپ بەدەل تولىگەن بولساقمۇ ، دوست- دۈشمەن قارىشىمىزدىكى قاتماللىق ، دۇنيا سىياسىتى بىلەن كارى بولماسلىق ، مىللى مەنپەئەتىمىزنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرمەسلىك ، زامانغا ماسلىشىپ قەدەم باسالماسلىقتەك ئاجىزلىغىمىز مەيداندا ئەمەس ئۇستەلدە مەغلۇپ بولۇشقا سەۋەپ بولدى .
ھازىر كۇنسىرى ئۇلغۇيۇپ كۈچۈيۈپ بېرىۋاتقان ئىچكى ئىختىلاپقا پاتقان كىرزىس ، تارىخ قالدۇرغان ئاچچىق نادامەتلىك يىمىرلىشنىڭ داۋامىدۇر.
مىللىلىك بىلەن ئىمانلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تىخىمۇ كوچەيتكەن خىتاي بىر تەرەپتىن ئىچىمىزدىكى بۇ ئىختىلاپنى دۇشمەنلىك دەرجىسىگە كۆتۈرۈشكە كۈچەپ ھەركەت قىلغان بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەم مىللەتچى ھەم ئىمانلىق سەرخىللىرىمىزنى ھەر پۇرسەتتە قىرىپ يوقۇتۇشنى توختاتمىدى. ئىمانلىقلىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن مىللىگىمىزنى ئىنكار قىلىدىغان ، زىيالىلىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئىمانلىقىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغان بىر ھالەتنى ياراتقان خىتاينىڭ ياراتقان ئىستىراتىگىيەلىك پىلانى چەتئەلدە تەبىئى ھالەتتە ئۆزىمىزنىڭ ھەركەت ئەمىلىيتىدە داۋام قىلماقتا . چەتئەلدە زىيالىلىرىرىمىز ئىمانلىقلىرىمىزنى « نادانلىق ، قاراقوساقلىق ، جاھىللىق …» بىلەن ئەيىپلىسە، ئىمانلىقلىرىمىز زىيالىلىرىمىزنى «ئىمانسىزلىق » بىلەن ئەيىپلەپ كەلمەكتە. يەنى خىتاي ۋەتەن ئىچىدە قۇرۇپ چىققان سىستىمىسى چەئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن ئىچىنىشلىق ھالدا داۋام قىلماقتا. بۇ بىر ئۈمىدسىزلىك ۋە رازالەتتۇر….ئىچىمىزگە سېلىۋەتكەن ، قەلبىمىزگە ئورناپ كەتكەن بىر بىرىمىزگە بولغان نەپرەت ئوتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن نىمە قىلىشىمىز كىرەكلىگىنى ھالا بىلەلمىدۇق . چارىسىنى تېخچە تاپالماي يۈرمەكتىمىز ..بۇ نەپرەت ئوتى بىر پەسلىسە بىر ئۆرلەپ ئۆزىمىزنى يەپ خۇرۇتۇپ بارماقتا..
دىنىمىز مىللى مۇستەقىللىغىمىز ئۈچۈن مەۋجۇدىيتىنى ھەر زامان نامايەن قىلىپ كەلدى . ئەمما بۇ ئىككىسىنى قارمۇ -قارشى قىلىپ قويغان دۈشمەننىڭ سالغان زىھنىيتىدىن چەتئەلدىكىلەر تېخىچە قۇتۇلغۇنىمىز يوق . باشقىلار ۋە ھەر كىم ۋە ھەرقانداق دۆلەت ۋە مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بۇ كىملىگىمىزدىن بىزنىىڭ مۇسۇلمان قەۋمىدىن ئىكەنلىگىمىزنى بىلىدۇ ۋە بىلەلەيدۇ … چەتئەلىكلەر بىزنى بىر پۈتۈن خەلق دەپ قارايدۇ … ئەمما ئىچىمىزدىن بۆلۈنۈش بىلەن ئاۋەرە … . بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر دىن ئىبارەت ئاددى كىملىگىمىز بىلەن بىرلىشىپ ، ھەمكارلىشىپ ھەركەت قىلالمىساق ئاللاھمۇ راۋا كۆرمەيدۇ ۋە بۇ قىسمىتىمىزدىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلالمايمىز…
ئىچىمىزدە كۆز – قاراش ، ئەقىدە – ئىمان ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىشىپ ، ياتتىنمۇ – يات دۈشمەندىنمۇ ئۆتە دۈشمەن بولۇپ پارچىلنىپ كەلدۇق ۋە بۇنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىمىز …..
تەكرارلانغان ، ئارقىمۇ – ئارقا كەلگەن يارىماسلىقلىرىمىز سەۋەپلىك كەلگەن مەغلۇبىيەتلەر روھى جەھەتتىن ئىرادىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ياراتتى ..قاتتىق سىياسەتنىڭ قورقۇتۇشدىن شەكىللەن ھالىمىز ئەجداتلار بىلەن بولغان مەنىۋى بېغىمىزنى ئاساسى جەھەتتىن يىمىرىپ تاشلىدى . شۇ سەۋەپتىن قايمۇقۇش ئىچىدە قالغان مىللەتنى توغرا يولغا يىتەكلەشكە نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟
بار بولۇش بىلەن يوقۇلۇشنىڭ مۇجادىلىسى ئىچىدە ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئۈمۈدى بولمىش چەتئەلدىكىلەرنىڭ ھالا تېخى نىمە قىلىشنى بىلمەسلىگى ، ۋەتەن سىرتىدا يوقۇلۇشىمىزنىڭ بىر ئىپادىسىمىدۇ؟

مۇئەللىم

2024. 5. 24.

ئىستانبۇل

Share
578 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.