logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى ۋوگزالى ھۇجۇمچىسى سەدىردىن ساۋۇتنىڭ كىملىكى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

image

 شۆھرەت ھوشۇر

 

30-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان گۇماندارلاردىن سەدىردىن ساۋۇتنىڭ كىملىكى ھەققىدە، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ 39 ياش ئىكەنلىكى ۋە ئاقسۇ شايارنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىن ئىكەنلىكىدىن باشقا مەلۇماتلار ئېلان قىلىنمىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلەشلىرى داۋامىدا سەدىردىن ساۋۇتنىڭ 4 ۋە 11 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مەيلى رەسمىي، مەيلى ئاتالمىش ھېچقانداق جىنايى خاتىرىسى يوقلۇقى، ئەكسىچە قولۇم- قوشنىلىرى ۋە ئەل-جامائەت ئىچىدە ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، سەدىردىن ساۋۇت ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى شاياردىن ئايرىلغان. ئۇ يۇرتتىن ئايرىلىپ 733 كۈندىن كېيىن بىر سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.

خادىم: گۈلباغ ساقچىخانىسى!
مۇخبىر: شايار ناھىيىلىك گۈلباغ ساقچىخانىسىمۇ؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: سىز رەسمىي ساقچىمۇ ياردەمچى ساقچىمۇ؟
خادىم: مەن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ياردەمچى ساقچى.
مۇخبىر: سەدىردىن ساۋۇتنىڭ يۇرتتىن ئايرىلغان ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتى قاچان ئىكەن؟
خادىم: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى.
مۇخبىر: سەدىردىن ساۋۇتنىڭ ئايالى، بالىلىرى بارمۇ؟
خادىم: ئىككى بالىسى بار، بىرى 11 ياش، يەنە بىرى 4 ياش. يۇرتتىن ئايرىلغاندا ئىككى بالىسى ۋە ئايالىنى بىللە ئېلىپ كەتكەن.
مۇخبىر: سەدىردىن ساۋۇت نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىناتتى؟ تىرىكچىلىك يولى نېمە ئىدى؟
خادىم: دېھقان، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.
مۇخبىر: بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇتۇلغان ياكى كېسىلگەن تارىخى بارمۇ؟
خادىم: بىر قېتىم ئەكېلىپ سورالغان ئىكەن، ھېچقانداق گۇناھ بايقالمىغاچقا قويۇۋېتىلگەن ئىكەن.
مۇخبىر: تۇتۇلغاندا قانداق بىر ئىش بىلەن تۇتۇلغان ئىكەن؟
خادىم: ئۆيىنى بىرىگە ئىجارىگە بەرگەن ئىكەن، ئىجارىگە ئالغان كىشى ئۈستىدىن گۇمان تۇغۇلۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا، ئىجارىگە ئالغۇچىدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەچكە، سەدىردىنمۇ قويۇۋېتىلگەن ئىكەن.
مۇخبىر: سەدىردىننىڭ ئاتا-ئانىسى ھاياتمۇ؟ ئۇلار قانچە قېرىنداش؟
خادىم: ئاپىسى تۈگەپ كەتكەندەك ئېسىمدە، دادىسى ھايات. سەدىردىننىڭ سەمەت ساۋۇت، تاھىر ساۋۇت ۋە خېۋىردىن ساۋۇت دەپ ئۈچ قېرىندىشى بار. بۇ قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ھېچقانداق ۋەقە سادىر قىلغان تارىخىي يوق.
مۇخبىر: سەدىردىننىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟ قالدۇرغان تەسىرى قانداق ئىكەن؟
خادىم: جەمئىيەتتە يامان تەسىرى يوق ئىكەن، قولۇم-قوشنىلىرىدىنمۇ، تونۇش-بىلىشلىرىدىنمۇ سورىدۇق، يامان تەرىپىنى قىلغۇچىلار بولمىدى، كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتكەن ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ رادىئو، تېلېۋىزورلىرىدا، ئۇ تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، ئۇنىڭ قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئۇنىڭ قىلچىمۇ يامان گېپىنى قىلماسلىقى، ئەكسىچە ياخشى تەسىرىنى تىلغا ئېلىشى، ئۇنىڭ ئىلگىرى جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قالدۇرغانلا ئەمەس، بەلكى يۇرت-جامائەت ئىچىدە ئىززەت ۋە ھۆرمەت تاپقان كىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلانماقتا. مانا مۇشۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە خانىممۇ، ئۈرۈمچى ۋوگزال ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-partlash-05072014155254.html

Share
2912 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.