logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە خىتاينىڭ 500 شىركىتى كورلىغا مەبلەغ سالغان

orta-asya-cin-dogalgaz-boru-hatti-hizlandirilacak

 مېھرىبان

ئاۋغۇست 29- باشلانغان ئۈرۈمچى ياۋرو-ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 500 شىركەتنىڭ كورلىدا قۇرۇلۇۋاتقان پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا مەبلەغ سالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدا دېيىلىشىچە، بۇ شىركەتلەر يېقىندا كورلىدىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى نامىدا ئېچىلغان ئالاھىدە رايونغا يەرلەشكەن. ئۇلار نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېلېكترون تېخنىكىسى، تۇز ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىگە مەبلەغ سالغان.

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كەڭ كۆلەمدە يەرلىشىشى، 2010-يىلى 5-ئايدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن بارغانچە تېزلەشكەن. ئەينى يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى«شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا خىتاينىڭ 19 شەھەر، ئۆلكىلىرىنىڭ ئېچىپ پايدىلىنىشىغا بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا بارغانچە ئېغىرلاشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەر ئىگىلەش ھەرىكىتى، رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى يېرىدىن مەھرۇم قىلىشى، ئىش پۇرسىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىشى ۋە ئۇيغۇر رايونى مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، رايوندا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/urumchi-yermenke-09022014165916.html

Share
1693 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.