ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ئەتراپىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى ۋەقە بولغان رايوندىكى ئاھالىلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق شۇ كۈنى ھەقىقەتەن ۋەقە چىققانلىقىنى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى. بىراق ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى تېخى ئېنىقسىز.
دەسلەپ ئېنىقلانغان ئۇچۇردىن قارىغاندا، ۋەقە چارشەنبە كۈنى ئاخشىمى يۈز بەرگەن. بىر قانچە كىشى پىچاق بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ھۇجۇمچىلارنى تۇتقۇن قىلغان.
ھازىرچە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، تۆمۈر يول ئىدارىسى ساقچىخانىسىدىكى بىر خادىم پىچاقلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن ياشلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/urumqi-hojum-03112015203206.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.