logo

trugen jacn
26 ئاپرېل 2014

ئۈرۈمچىدە 33 مىليون كىتاپ كۆيدۈرۈلدى

W020140424552061898521_r75

 

شىخۇا خەۋەر ئاگىنىتلىغى 25.ئاپىرىل شۇنداق خەۋەر قىلىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى خەلق مەيدانىدا 2014.يىلى 4.ئاينىڭ 24.كۈنى 33 مىليۇن دىنى،سىياسى ۋە سەرىق كىتاپ،كەسىتلەر كۆيدۈرۈلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكۇم دايىمى ئەزاسى،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىغى لى شۆجۇن نەخ مەيداندا مۇخبىرلارغا بايانات بىرىپ مۇنداق دىدى؛  قانۇنسىز مەتبوئات بۇيۇملىرىغا زەربە بىرىپ مەدىنىيەت بازىرىنى باشقۇرۇش ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكۇمنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرىشى.ئىنتەرنەت تورلىرىنى تازىلاپ،سىياسى ۋە دىنى تۈس ئالغان مەتبوئات بۇيۇملىرىغا قەتئى زەربە بىرىمىز

لىشۆجۇن،بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە دىنى كىتاپ،دىنى مەزمۇندا ئەسەر ئىلان قىلغان تورلارغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىغىنى تەكىتلىدى

ئۈرۈمچىدە بۇ يىلنىڭ تۇنجى 4 ئايغا بارمىغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 58 ماشىنا 263 پولىس ۋە باجگىرنىڭ 286 ماگىزىنغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ 5624 خىل كىتاپ،كەسىتنى قولغا چۈشۈرگەنلىگى،9 ماگىزىن ئىگىسى قانۇن بۆيىچە جازالانغانلىغى،كۆپ ساندىكى كىتاپ،كەسىت ماگىزىنلىرىنىڭ تىجارەت رۇخسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىغى،كۆپ ساندىكى كىتاپ،كەسىت ماگىزىنلىرىغا ئەغىر ئىختىسادى جازا بىرىلگەنلىگى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خىتايلارنىڭ دىنى كىتاپلارنى كۆيدۈرىشى،ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى ئۈگۈنىش ئۈچۈن ئىسلامغا ئاىت كىتاپلارنى تارقىتىشى 60 يىلدىن بىرى توختاپ قالغىنى يوق

مەنبە

شىخۇا خەۋەر ئاگىنىتلىغى

新疆销毁33万余件非法出版物

Share
4239 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.