logo

trugen jacn

ئۈرۈمچىدە 109 جەسەتنىڭ ئېگىسى چىقمىدى، بەزى جەسەتلەر ساقلانغىلى 14 يىل بولدى

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك لياڭجيا دەپنە ئىدارىسىنىڭ جەسەتخانىسىدا ئېگىسى چىقمىغان 109 جەسەت ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بەزى جەسەتلەر 14 يىلدىن بىرى مۇشۇ جايدا ساقلانغان، ئەڭ يېقىنقى جەسەتلەرگە 4 ئاي بولغان، بۇ جەسەتلەر جەسەتخانىنىڭ چەكلىك بوشلۇقىنى ئۇزۇندىن بېرى ئىگىلىۋالغان. يېقىندا، مۇخبىر دەپنە ئىدارىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېگىسى چىقمىغان جەسەتلەرنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلىگەن.

دەپنە ئىدرىسىدا جەسەت ساقلايدىغان ئىشكاپتىن 96 سى بار بولسىمۇ، ئەمما ئېگىسى چىقمىغان جەسەتلەر 49 ئورۇننى ئىگىلىۋالغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك دەپنە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ لىنخۇنىڭ بۇ جايدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 10 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ئېگىسى چىقمىغان جەسەتلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى، ئەمما جەسەتخانىدىكى توڭلىتىپ ساقلاش ئىشكاپلىرىنىڭ سانى چەكلىك، جەسەتخانا يەنە باشقا ئۆلگۈچىلەر ئۈچۈنمۇ مۇلازىمەت قىلىش كېرەك، بۇ ئىش جەسەتخانا خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە تەسىر يەتكۈزدى.

ياڭلىنخۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئېگىسى چىقمىغان جەسەتلەر ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى خىلدىكىلەر، ئىسىم-فامىلىسى ئېنىق ئېگىسى يوق جەسەتلەر، يەنە بىر خىلدىكىلەر، ھېچقانداق ئۇچۇرى يوق جەسەتلەر. ئۈرۈمچى شەھەرلىك دەپنە ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، نامسىز جەسەتلەت دەپنە ئىدارىسىغا ئەپكېلىنگەندىن كېيىن، ئۈچ ئاي ساقلىنىدۇ، رايون، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى نامسىز جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، بۇ جەسەت كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىنىدۇ، دەپنە ئىدارىسى جەسەت كۈلىنى بىر يىل ھەقسىز ساقلىغاندىن كېيىن، يەنىلا ئېگىسى چىقمىسا، جەسەت كۈلىنى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئىسىم-فامىلىسى ئېنىق جەسەتلەر ئېگىسى كەلگۈچە ساقلىنىدۇ، باشقىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلمايدۇ.

\

مېڭ فەنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ جەسەتلەرنى دەپنە ئىدارىسىدا ساقلاش ئۈچۈن ھەر سائىتىگە 2 يۈەن توڭلىتىش خىراجەت كېتىدۇ، نامسىز جەسەتلەرنىڭ خىراجىتىنى رايون، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمما ئىسم-فامىلىسى ئېنىق جەسەتلەرنىڭ بۇ خىراجىتىنى دەپنە ئىدارىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ياڭ لىنخۇن : پەقەت بۇ جەسەتلەرنىڭ ئېگىسى كەلسىلا بىز بارلىق خىراجەتلەرنى كېمەيتىپ ياكى كەچۈرۈم قىلىپ، پەقەت جەسەتنىڭ بالدۇرراق يەرلىكىدە قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز-دېدى

اغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

http://xj.bagdax.cn/2015/0404/9412.html

Share
1138 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.