logo

trugen jacn

ئۈرۈمچىدە ياۋروئاسىيا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى

image

مېھرىبان 

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2014 – يىلى ئېچىلىدىغان «4 – نۆۋەتلىك ياۋروئاسىيا يەرمەنكىسى» مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ يىللىق ياۋروئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل خادىمى ۋاڭ لۇڭدېنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 29 – ئاۋغۇست سەھەر 0 دىن 6 – سېنتەبىر سەھەر 0 گىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە، ئۈرۈمچىگە كىرىش رۇخسەتنامىسى بولمىغان ئاپتوموبىللارنىڭ، پارتلاش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشى چەكلەنگەن. ئۈرۈمچى شەھرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيىلەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ھەرقانداق ئۇچار جىسىمنىڭ ئۇچۇشى چەكلىنىپ، پۈتكۈل شەھەردە 24 سائەتلىك كوچا چارلاش ئېلىپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ياۋروئاسىيا يەرمەنكىسى يىغىنى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا بىرقاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014 – يىلى 23 – مايدىن 2015 – يىلى 23 – مايغىچە بولغان بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۇيغۇرلار «تېررور گۇماندارى»، «بۆلگۈنچى»، «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇر» دەپ تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ئوبىكتى قىلىنغان، رايوندىكى تىنچسىز ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدىغان خىتاي سودىگەرلىرى ۋە ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك ئازايغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/urumqi-yawrupa-yermenke-08282014233718.html

Share
1724 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.