logo

trugen jacn

ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا 4 ئائىلە خىتاي يەر ھۆددىگەرى ئۆلتۈرۈلگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ئاقسۇ ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا، 6 نەپەر خىتاي كۆچمەن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن، بىر نەپىرى ئېغىر يارىلانغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ئاقسۇ ج خ ئورگانلىرىغا ئائىت بىر تۇتۇش بۇيرۇقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 7 نەپەر گۇماندار 4 ئائىلىلىك خىتاي دېھقاننى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىلەرگە تەۋە بولغان ئىككى ماشىنىنى ھەيدەپ نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشقان. تۇتۇش بۇيرۇقىدا كىشىلەر گۇماندارلارنىڭ ھۇجۇمىدىن پەخەس بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە نامى تىلغا ئېلىنغان گۇماندارلارنى تۇتۇشقا ھەمكارلىشىشقا چاقىرىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار خادىملاردىن ئىگىلىشىچە، يەتتە نەپەر گۇمانداردىن ھازىرغا قەدەر 3ئى تۇتۇلغان، بىرى ئېتىۋېتىلگەن،قالغان ئۈچى ئىزدەلمەكتە. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئائىلىلەر ئىماملىرىم يېزىسىدا 425مو يەرنى سېتىۋېلىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يەر خوجايىنلىرى ئىكەن.

تۇتۇش بۇيرۇقىدا كۆرسىتىلىشىچە، گۇماندارلار ئۇچتۇرپاننىڭ ئاچاتاغ، ئاقيار ۋە يېڭىمەھەللە يېزىسىدىندۇر. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ئاچاتاغ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى گۇماندارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاچاتاغ يېزىسىدىن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئاچاتاغدىكى ئاھالىلەر، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆز تەۋەلىكلەردە يىغىن ئېچىلىپ ئۆزلىرىنىڭ گۇماندارلارنى تۇتۇشقا سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز يەنە ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئاھالىلەردىنمۇ مەلۇمات سورىدۇق. ئاھالىلەر ۋەقەنىڭ 7-كەنت 2-مەھەللىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاھالىلەرنىڭ يىغىندا ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە 7 نەپەر گۇماندار 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنىڭ ئۆيىگە كېچىدە بېسىپ كىرىپ 6 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىر نەپىرىنى يارىلاندۇرغان؛ ئارقىدىن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىككى ماشىنىسىنى ھەيدەپ نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشقان. بىز ئارقىدىن ئىماملىرىم يېزىسىنىڭ 7-كەنت سېكرېتارىنى زىيارەت قىلدۇق:

سوئال: كەنتىڭىزدە يۈز بەرگەن نېمە ۋەقە؟
جاۋاب: ۋەقە كېچە سائەت 3-4 لەردە يۈز بېرىپتۇ. يېزىلىق ساقچىخانا ۋەقەدىن سائەت 9لاردا خەۋەر تېپىپتۇ. بىز ئۇ چاغدا يېزىدا جىددىي يىغىندا ئىدۇق. بىزگە سائەت 1لەردە ئۇقتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن كوچا چارلاش ۋە ئۆي تەكشۈرۈش بىلەن بولۇۋاتىمىز. جەمئىي 50 ئادەم ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھەر بىر كوچىنىڭ ئىككى بېشىدىن ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈشنى باشلاپ، يوچۇن ئادەملەرنى ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق ۋە ھېلىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.

سوئال: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى؟
جاۋاب : 6 كىشى ئۆلدى، بىر نەپىرى يارىلىنىپ جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ.

سوئال: ئۆلگەنلەرنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
جاۋاب: ئىلى شياۋفېي، شياۋ يۈ، چېڭ خەي؛ بۇلار شۇ ئائىلىلەرنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى، ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمىز.

سوئال: گۇماندارلاردىن تۇتۇلغانلار بولدىمۇ؟
جاۋاب: بۈگۈن ئاڭلىشىمچە ھازىرغا قەدەر 3ئى تۇتۇلۇپتۇ، بىرى ئېتىۋېتىلپتۇ.

سوئال: ئۇلار قەيەرلەردىن تۇتۇلۇپتۇ؟
جاۋاب: ئۇلار ۋەقە تۇغدۇرۇپ بولۇپ ئىماملىرىم يېزىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن، باشقا يېزىلاردا تۇتۇلۇپتۇ، قەيەرلەردە، قايسىلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقمىدىم.

سوئال: گۇماندارلارنىڭ تىزىملىكى قولۇڭلاردا بارمۇ؟
جاۋاب: بار، بىرىدە 3، يەنە بىرىدە 4 كىشىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىككى ۋاراق ئىكەن، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كوچىلارغا چاپلاۋاتىمىز. قېچىپ كېتىۋاتقان 3ئى مۇشۇ بىزنىڭ يېزا تەۋەلىكىگە سىڭىپ كىرىپتۇ، شۇڭا جىددىي ھالەتتە ئىزدەۋاتىمىز.

سوئال: ئۆلگۈچىلەر سىلەرنىڭ كەنتكە نوپۇسلۇقمۇ؟
جاۋاب: ئىككىسى نوپۇسلۇق، بىرى ۋاقىتلىق نوپۇسلۇق، قالغانلىرىنى بىلمەيمەن.

سوئال: قاچان نوپۇسقا ئورۇنلاشقان؟ نېمە ئىش قىلىۋاتان؟
جاۋاب: 2005‏-يىلدىن كېيىن ئورۇنلاشقان. 400 نەچچە مو يەر سېتىۋېلىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان.

تۇتۇش بۇيرۇقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 4 ئائىلە خىتاي يەر خوجايىنلىرىنى ئۆلتۈرگەن گۇماندارلار يەتتە نەپەر بولۇپ، ئۇلار: ئابلىكىم ئابلىمىت(30)، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم(20)، ئەمەتقارى مامۇت(27)، ئەزىز جۇماق(30)، تاھىر ئەيسا(25)، يۈسۈپ كەنجى(33) ۋە مەردان تۇرسۇن(18) قاتارلىقلار

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-olturulgen-07142014164544.html

Share
1681 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.