logo

trugen jacn

ئۇچتۇرپاندا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلگەن، ناھىيەدە جىددىي ھالەت جاكارلانغان

شىنخۇا تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن، يەنى 14 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دە ئۇچتۇرپاندا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاپتوموبىل ۋە موتوتسىكلېتلارغا پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى قاچىلاپ، پالتا – پىچاقلار بىلەن قوراللانغان بىر توپ ئۇيغۇر ياشلار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە چارلاپ يۈرگەن ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا ئىككى نەپەر ساقچى بىلەن يەنە ئىككى نەپەر پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى ھەمدە 5 دانە چارلاش ئاپتوموبىلىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۇرۈلمەكتە.

خىتاي تەرەپ ھازىرغىچە بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، ساقچىلار نەق مەيداندا 8 نەپەر ئۇيغۇر ھۇجۇمچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىر نەپىرىنى تىرىك تۇتقان، يەنە ئۈچ نەپەر ھۇجۇمچى ئۆزلىرى ياسىغان بومبا پارتلاپ كېتىپ ئۆلگەنلىكى مەلۇم.

بىز خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان ئۇچۇردىن باشقا بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، ھەرقايسى ساقچىخانا، دوختۇرخانا، بانكا ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيە ياركۆۋرۈك ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى خادىم تېلېفوننىڭ «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» مۇخبىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئاچىتاغ ساقچىخانىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ياردەمچى ساقچى ئىكەنلىكىنى، چەتئەل مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئارقىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇر دوختۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.

بىز ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇچتۇرپان شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

بىز ئاخىرىدا ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تەمىنات قەرز كوپىراتىپىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى خادىم بىر قىسىم سوئاللىرىمىزغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uchturpan-qanliq-toqunush-02142014222722.html

Share
1684 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.