logo

trugen jacn

ئۇيغۇر گۇماندارنى ئېتىۋېتىشتىن قورقمىغان ساقچى تۇرغۇنجان مامۇت مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن قورقتى

0bc10668-84e5-4ed5-853b-eb6cf8136b63

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

جىنايىتى ئايدىڭلاشمىغان بىر ئۇيغۇر گۇماندارنى ئېتىپ تاشلاشتا ئىككىلەنمىگەن ساقچى تۇرغۇنجان مامۇت مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتە ئىككىلەندى. ئۇ ناھىيىلىك تەشۋىقات ئىدارىسىدىن مەلۇمات ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىپ، قىلمىشىنى بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

خىتاي خەۋەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ئەترىتى گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىمنى قورشاۋغا ئالغان ۋە ئۇنى تىرىك ھالدا قولغا چۈشۈرگەن، مەمەت ئابدۇرېھىم يول ئۈستىدە قېچىشقا ئۇرۇنغان. بۇ چاغدا خىتاي ساقچىسى تۇرغۇنجان مامۇت ۋە سۇڭ گۇەننەن ئوق چىقىرىپ مەمەت ئابدۇرېھىمنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن. 8-ئاينىڭ 4-كۈنى شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ساقچى تۇرغۇنجان مامۇتنى 10 مىڭ سوم پۇل، سۇڭ گۇەننەننى 7 مىڭ سوم پۇل بىلەن مۇكاپاتلىغان، ئۇلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىسى»نى تەقدىم قىلغان. شۇ كۈنى ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بازارلىق ساقچىخانىغا كېلىپ، بۇ ئىككى ساقچىغا مۇكاپات پۇلى ۋە تەقدىرنامىنى ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلغان ھەم تۇرغۇنجان مامۇتنىڭ ساقچىخانا مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇمكى، تۇرغۇنجان مامۇت سۇڭ گۇەننەنگە قارىغاندا كاتتا مۇكاپات ئالغان، بۇنداق بولۇشى تۇرغۇنجان مامۇت ۋەقەدە دەسلەپتە ئوق چىقارغانمۇ ياكى ئەجەللىك ئوقنى ئاتقانمۇ بۇ ھەقتە خەۋەردە مەلۇمات بېرىلمىگەن ۋە ياكى تۇرغۇنجان مامۇت ئۆز مىللىتىدىن بولغان بىر كىشىگە ئوق چىقارغانلىقى ئۈچۈن سۇڭ گۈەننەنگە قارىغاندا ئۇنىڭ خىزمىتى كاتتا كۆرۈلگەنمۇ؟ بۇ ھەقتىمۇ خەۋەردە مەلۇمات يوق. بىز بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شايار بازارلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى خادىملىرى، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكە يېڭى كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. بىز ئارقىدىن تۇرغۇنجان مامۇتنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلدۇق.

گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىمغا ئوق چىقىرىشتا ئىككىلەنمىگەن تۇرغۇنجان مامۇت سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتە ئىككىلەندى. جىنايىتى ئايدىڭلاشمىغان بىر گۇماندارنى ئېتىۋېتىشتىن ۋە ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قورقمىغان تۇرغۇنجان، ۋەقە ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىدىن ۋە بۇ سەۋەبتىن باشلىقلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراشتىن قورقتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-saqchi-04142015151145.html

Share
1544 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.