logo

trugen jacn

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ يانفون ۋە كومپيۇتېرلارنى كىملىك بويىچە تىزىملاش تەدبىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

be27fdca-2d84-4780-84db-09eb0a89baca

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 29-يانۋار كۈنى يانفون ۋە كومپيۇتېرلارنى كىملىك بويىچە تىزىملىتىپ، سېتىش-سېتىۋېلىش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ بەلگىلىمە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى دائىرىلەرنىڭ بۇ تەدبىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنداق بىر بەلگىلىمىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەسلىدىنلا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ خىل ھەددىدىن زىيادە قاتتىق قول تەدبىرلەرنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 29-يانۋاردىكى خەۋەرلىرىدە 2-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەلىكىدە تېلېفون ۋە كومپيۇتېرلارنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىشتا، كىملىك بويىچە سېتىش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، مەدەنىيەت نازارىتى، ج خ نازارىتى، ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسى، مىللەتلەر كومىتېتى(دىنىي ئىشلار ئىدارىسى)، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى قاتارلىق ئالتە ئورگان بىرلىشىپ تۈزۈپ چىققان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يانفون ۋە مۇناسىۋەتلىك ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامنامىسى» دە، يانفون ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە نىمكەش يانفون، كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچىلارنى تىزىمغا ئېلىش بەلگىلەنگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان بۇ بەلگىلىمە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا بەرگەن باياناتىدا «بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپلا قالماستىن، ھەتتا شەخسلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيىتىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل تەدبىر رايونغا مۇقىملىق ئەكەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قاتمال ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە تۈركىيەدىكى ھامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەر ئېلان قىلغان«يانفون ۋە كومپيۇتېرلارنى كىملىك بويىچە تىزىملاش تەدبىرى» ۋە بۇ تەدبىر ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختالدى.

ئېلشات ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ بەلگىلىمىنى نۆۋەتتە ئاشكارا ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئاسارىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە ئېھتىيات قىلىشقا مەجبۇرلاپ، تېخىمۇ زور روھى بېسىم پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئاساسلىقى يانفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بەلگىلىمىدە، نىمكەش يانفون سېتىۋالغۇچىلارنىڭمۇ تىزىمغا ئېلىنىدىغانلىقى، ئىلگىرى يانفون كارتىسى سېتىۋالغانلارنىڭ نىزامنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بېكىتىلگەن نۇقتىلارغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. دائىرىلەر يەنە ۋە بۇ بەلگىلىمىنى تۈزۈشتىكى مەقسىتى زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ «تېلېفون ۋە كومپيۇتېرلارنى سېتىش-سېتىۋېلىشتا كىملىك بويىچە تىزىملاش تەدبىرىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىزاھاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنىڭمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئەڭ تۆۋەن ھالەتتىكى ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقمۇ دەپسەندە قىلىنغان بۇ خىل تەدبىر-سىياسەتلەرنىڭ رايون ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ھامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى دائىرىلەر ئېلان قىلغان بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ، 30-40-يىللاردىكى گېتلېر گېرمانىيىسىدە يولغا قويۇلغان«يەھۇدىلەرگە قارىتىلغان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى»نىڭ يەنە بىر شەكلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە «شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بارلىق سىياسەت -بەلگىلىمىلەرنى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yanfon-computer-02022015160330.html

Share
1469 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.