logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ياشنىڭ سەھنىدىكى ماھارىتى باھالىغۇچىلارنى تاڭ قالدۇردى

3257251385ygurencetenek
بۈگۈن كەچ (2014- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى) تۈركىيەنىڭ داڭلىق خۇسۇسىي قاناللىرىنىڭ بىرىدە ئېغىزى ئارقىلىق ئارابەسك مۇزىكىسىنى ئورۇنداپ سەھنىگە چىققان دىليار ئابدۇغېنى ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ كۆرسەتكەن ماھارىتى ھەم باھالىغۇچىلار ھەيئىتى ھەم كۆرۈرمەنلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. 17 ياشلىق ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر ياش دىليار ماھارىتىنى ئاخىرلاشتۇرا – ئاخىرلاشتۇرمايلا ھەم باھالىغۇچىلار ھەم كۆرۈرمەنلەر بىردەك <قايتا>، <قايتا> دەپ ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم نومۇر كۆرسىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىباھالىغۇچىلار ھەيئىتىدىكى داڭلىق ناخشىچى مۇرات بوز، كىنو – فىلىم ئارتىسى ئۆزگۈ نامال، كومېدىيە ئارتىسى ئەسەر يەنەنلەر ۋە داڭلىق پىروگرامما تەقدىم قىلغۇچىسى ئاجۇن ئىلىجالى قاتارلىق تۆت كىشى ھاياتىدا بۇ ساھەدە بۇنداق يۇقىرى ئىقتىدارلىق بىرىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقلىرىنى ئېغىزى – ئېغىزىغا تەگمەي ماختىدى. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دىلياردىن ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان باھالىغۇچىلار، ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق ھەققىدىمۇ توختىلىشتىمۇسابىقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا تۆت باھالىغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ قوللاش ئاۋازىغا ئېرىشكەن دىليار ھەققىدە توختالغان رىياسەتچى ئاجۇن ئىلىجالى، ئەگەر ئورۇنداشتا بىرەر خاتالىق سادىر قىلىپ قويمىسىلا، ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى2012- يىلى 4 ياشلىق (ئەينى ۋاقىتتا) ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىت كاشىغەرلى مەزكۇر سەھنىدە شېئىر ئوقۇپ تۈركىيەنى ھەيران قالدۇرغاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1955 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.