logo

trugen jacn

ئۇيغۇر مەسىلىسى , نى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈچەيلى


شىريار ئىدىرىس

       ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتقان ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكلاتلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر جامائەتى، ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر، دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋە دېموكراتىك زاتلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى  نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسىلىلەر قاتاردىن ئورۇن ئالدى. شۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە دۇنيادا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ئاساسەن ئا قى شى ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك كۈچلەر فرونتى ( لاگىرى ) ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى   مۇستەبىت كۈچلەر فرونتىدىن ( لاگېرىدىن ) ئىبارەت ئىككى لاگېر شەكىللىنشقا باشلىدى. نۆۋەتتە بۇ ئىككى فرونت ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كەسكىن سىياسىي كۆرەشلەر داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇر مەسلىسىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىشى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا دۇنيانىڭ بۇندىن كېيىن دېموكراتىك يۇلۇنۇش ياكى مۇستەبىت يۇلۇنۇش بۇيىچە تەرەققى قىلىشىدىكى ھالىقىلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

      ھەممە ئىش- پائالىيەتلىرىدە پۈتكۈل دۇنيانى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان دۇنيادىكى دېموكراتىك كۈچلەر ۋە دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر جۇملىدىن « ئۇيغۇر مەسىلىسى » نى ھەل قىلىشتا ئاۋانگارتلىق رول ئويناۋاتقان ئا قى شى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جىددىي ھالدا خەلقئارالشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار دۆچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش ئۇچۇن قالتىس ئشلارنى قىلغانلىقتىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دەسلەپكى قەدەمدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ ئاجايىپ ئىشلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىش- پائالىيەتلەرنى مىسالغا كۆرسىتىش مۇمكىن: 

       ئا قى شى نىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنېس، ئا قى شى كونگرېسنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى، ئا قى شى كونگېرىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مەنەندەز، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرسىتوفىر سمىت قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار ئۆز نۇتۇقلىرىدا « ئۇيغۇر مەسىلىسى » ھەققىدە  نۇقتىلىق ھالدا توختالدى. 

       11- سېنتەبىر «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى « ئۇيغۇر مەسىلىسى » نىڭ بىر بالداق كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى بىر ۋەزىيەتكە كېرگەنلىكىنىڭ ناماياندىسى بولۇپ قالدى. «  ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى رەئىسى جىم ئىنخوف بىلەن دېموكراتىك ھەيئەت ئەزاسى جەك رېد تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا مەكتۇپ يېزىپ، چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. »، « مەكتۇپتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىشى چوڭقۇر ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، < بىز بېيجىڭنىڭ ئىزچىل كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان دىنىي ئاز سانلىقلارنى باستۇرۇشىغا قارىتا داۋاملىق تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقىشىڭىزنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىڭىزنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرىغا < يەر شارى ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى> نى ئىشقا سېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز> » دېيىلگەن.

       ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى تالىشىش سايلىمىنىڭ 12‏- سېنتەبىر كۈنى فلورىدا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامراتلار مۇنازىرىسىدە دېموكراتىك پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ بىرى جۇلىئان كاسترو  ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: « بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش ساھەلەردە رەھبەرلىك ئورنىمىزغا قايتىپ كېلىشىمىز كېرەك. بىزگە خىتايدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى مەلۇم. ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ كىشىلەر تۈرمىلەردە خورلاشقا ئۇچرىماقتا. »  دېگەن.

        ئا قى شى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى « زامانىمىزدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاي ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى بىز ياشاۋاتقان 21- ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن بىر داغ. » دەپ كۆرسەتتى. 22-  سېنتەبىر مىنىستىر مايك پومپېيو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا « مەن شۇنى ئېنىق ئېتىمەنكى، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېرورىزم بىلەن بىر ئالاقىسى يوق. بۇ خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدۇر. بىز بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا چاقىرىمىز. » دېدى.        

     ئا قى شى پرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىنىي زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى— ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەكىلى  ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان— بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئاق سارايدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغاندا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامدىن دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى سۆرىدى.

      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ  2019 – يىللىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ( 74- قېتىملىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى )  مەزگىلىدە  « 23- سېنتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ نيو يوركتىكى باش شىتاپ بىناسىدا چاقىرىلغان < دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەققىدە دۇنياۋى چاقىرىق > تېمىسىدىكى يىغىندا  ئا قى شى پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆز نۇتۇقىدا < ھازىر دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ % 80 تى ياشاۋاتقان مەملىكەتلەردە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەككلىنىۋاتقانلىقى، تەھدىتلەرگە ئۆچراۋاتقانلىقى ياكى مەنئى قىلىنىۋاتقانلىقىنى > سۆزلەپ < دىنىي جامائەت ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ چەكلىشىگە، زىيانكەشلىك قىلىشىغا، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىشىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارغا ئادەمنىڭ راستىنلا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. >، < گۈللەنگەن ۋە ئاۋاتلىققا پۈركەنگەن بىر جەمئىيەت ئۈچۈن بىراۋنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا ئەگىشىشىدىنمۇ مۇھىمراق ھوقۇق بولغان ئەمەس > دەپ كۆرسۈتۈش بىلەن بىرگە ھەر قايسى مەملىكەتلەرنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى. ئۇ يەنە < بىر پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش مەن ئىزچىل قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنىڭدەك ئەڭ ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ بىرى. >  » دېدى.

      ئا قى شى نىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېتى مايك پەنس مەزكۈر يىغىندا قىلغان نۇتۇقىدا « < نۆۋەتتە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ بىۋاستە ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى > سۆزلەپ ، < نۆۋەتتە دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭ چەكلىنىشى ۋە جامائەتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا مىسال قاتارىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ چېركاۋ ۋە مەسچىتلەرنى چېقىۋانلىقى، پوپلارنى تۇتقۇن قىلىپ << ئىنجىل >> نى مەنئى قىلىش بىلەن بىرگە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. > ».

       ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن مەزكۈر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، يىغىن سەھنىسىدە پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن بىر قاتاردا ئورۇن ئالغان « ئۇيغۇر ھەرىكىتى » تەشكىلاتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار دىرېكتورى جەۋھەر ئىلھام ئۆز نۇتۇقىدا  « دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ھەقىقەتنى ياقلاش ۋە ئۆز ئېتىقادىغا ئەگىشىشنى تاللىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆمۈر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى،ئەمدىلىكتە بولسا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاشۇنداق مەھكۇملۇققا گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ ھەممىسىلا ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقى» نى سۆزلەپ كېلىپ « خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھازىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى جىنايەت. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى تېررورلۇق ياكى بۆلگۈنچىلىك ئەمەس. » دېدى.           

       24- سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيو يوركتىكى باش شىتابىدا ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۇنداقلا كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ قوشۇمچە ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن « شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سوللىۋېن ئۆز سۆزىدە : « ئوخشىمىغان مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇ يەردىكى تۇتقۇنلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قوپال مۇئامىلە ۋە ئىسكەنجە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇھىم ئىسپاتلار بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنى < كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش ئورنى> دېسىمۇ، ئەمما پاكىتلارنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە < < دوكتورلار ۋە پروفېسسورلارغا كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا بولۇشى كېرەك>>  > دەپ كۆرسەتتى. » .  ئۇ يەنە « خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن بىز بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بىز باشقا دۆلەتلەرنى خىتايدىن بۇ زۇلۇمىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا ئىشتىراك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى تارىخ سىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلارنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقىغا قىلىنىۋاتقان بۇ ھۇجۇمدا قايسى تەرەپتە تۇرغىنىڭلارغا باھا بېرىدۇ. بىز بۇ زۇلۇمنى بىرلىكتە چۈشىنىشىمىز ۋە ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. » دېدى. مەزكۈر يىغىندا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارىنىڭ خەلقئارالىق ھوقۇقلارنى قوغداش بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى كېررىن سىمىس خانىم سۆزگە  چىقىپ « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى پەرقلىق مىللەت، پەرقلىق دىن، پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى تەھدىت دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى بايلىق ۋە قۇدرەت دەپ قارىشى ۋە ئۇنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ». مەزكۈر يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلىپ، يىغىن سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر خەلقنىڭ ۋەكىللىرىدىن سىياسىي پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، تىببىي پەنلەر دوكتورى رىشات ئابباس؛ سىياسىي پائالىيەتچى، ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەللەر يىغىن ئەھلىگە شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەر جۇملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى زىيانكەشلىكلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىرى ھەققىدە  مەلوماتلارنى بەردى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغان زۇمرەت داۋۇت ئۆزنىڭ تۈرمىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ گۇۋالىق بەردى.      

     « 24- سېنتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن ب د ت  بىناسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى دېيۋىد ستىلۋېل بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ساھىبخانىلىقىدا  ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇيىچە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن مەيدانىغا ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن باشقا داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ جەم بولغان ئىدى. ». « يىغىن بېشىدا ياردەمچى مىنىستىر دېيۋىد سۆز ئېلىپ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. بولۇپمۇ ھازىر ئۇيغۇرلاردىن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىپادە قىلغانلىكى كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ». ياردەمچى مىنىستىر دېيۋىد يەنە مۇنداق دېدى: « بىز بۇ مەسىلىگە تۇنجى قېتىم ئىنكاس قاتۇرۇۋاتقىنىمىز يوق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئوخشاش ئوي- پىكىردىكى 22 دۆلەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلەش مەزمۇنىدىكى بىر پارچە مەكتۇپ ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي دەرھال بۇنىڭغا قارشى 37 دۆلەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قارشى مەكتۇپ تەييارلاپ چىقتى. ئەمما ئاشۇ قارشى مەكتۇپقا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ساھىبخانىلىق قىلغان تۈنۈگۈنكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تېمىسىدىكى يىغىندىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئال ئەڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى پائالىيەتلەردىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاساسلىق تېمىلاردىن بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭ بۇلارنى تىلغا ئېلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ يالغۇز ئامېرىكا قىلىۋاتقان ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. چۈنكى ھازىر < سۇ > نىڭ تېمپېراتۇرىسى راۋۇرۇس ئۆرلەۋاتىدۇ. بۈگۈنكى يىغىننىمۇ بىزگە ئوخشاش بەش دۆلەت ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇردۇق. بىز ئەمدى بېيجىڭ بۇ ئىشلارغا نېمە دەيدىكىن، دەپ قاراۋاتىمىز. ».

       ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرىسە پەيىن 23‏- سېنتەبىر كۈنى: « مەن توردا تارقالغان ئادەمنى قاتتىق بىئارام قىلارلىق بۇ سىن كۆرۈنۈشىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن ئىلگىرى ئاۋسترالىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشىدىن تۇيغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدىم،» دېگەن. ئۇ يەنە « بىز خىتاينى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشقا ئىزچىل چاقىرىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا ياكى ئالاقىدار خەلقئارا يىغىنلاردا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز» دېگەن.

        « 24- سېنتەبىر نيۇ- يوركتا ئېچىلغان ب د ت     نىڭ 74- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەمىنلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانى خىتايغا < قەستەن تۆھمەت چاپلىدى > دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ دۇنيانى بۇنداق < يالغانچىلىق > لارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىككە چاقىرغان. » 25- سېنتەبىردىكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋاڭ يىنىڭ يۇقىرىقى گەپلىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۈچلۈك رەددىيىسىگە ئۇچرىغان ».  ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي مۇئاۋىن ۋەكىلى جوناسان كوھېن ئى ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ىنكاس بىلدۈرۈپ،« ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە < خىتاينىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش دۆلەت ئىچىدىكى ھەقىقىي تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ھوقۇقى بار. ئەمما بۇ ھوقۇق تىنچ يوسۇندا دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك > » دېگەن. 

       « ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 26‏- سېنتەبىر كۈنى نيۇ- يورك شەھىرىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ زۇۋان سۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. » ، ئۇ مۇنداق دېگەن: « گەرچە بۇ پائالىيەتكە ( 23- سېنتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ نيو يوركتىكى باش شىتاپ بىناسىدا چاقىرىلغان « دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەققىدە دۇنياۋى چاقىرىق » تېمىسىدىكى يىغىننى دېمەكچى) 30 نەچچە دۆلەت قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇ < بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ 21‏- ئەسىرىدىكى بۇ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئاۋازىنى چىقىرىشىغا ئېھتىياجلىق > » دېگەن. 

       ب د ت نىڭ 42- نۆۋەتلىك ھوقۇق كېڭىشىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇتتۇرغا قويۇلۇپ، قىزغىن مۇنازىرىلەر بولماقتا. 

        « <  ئەنگلىيەدىكى << خىتاي كوللېگىيەسى >> ناملىق بىر مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى 24‏- سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42‏- نۆۋەتلىك يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈۋاتقانلىقى ۋە سېتىۋاتقانلىقى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ << ئىرقىي قىرغىنچىلىق >> بىلەن ئەيىبلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىنايەتكە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش << مەجبۇرىيىتى >> نىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ھامىد سابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لوندوندىكى << خىتاي كوللېگىيەسى >> ناملىق مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرىۋاتقانلىقىنىڭ << ئورۇنلۇق بىر گۇماندىن ھالقىغان رېئاللىق ئىكەنلىكى دەلىللىگەن. >> >،< ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ << ئىرقىي قىرغىنچىلىق >>  مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: << ھايات ياشاۋاتقان، چارىسىز، ھېچكىمگە زىيىنى يوق، تىنچ كىشىلەرنىڭ يۈرەك باغرى ۋە باشقا ئورگانلىرىنى كېسىپ ئېلىش دەۋرىمىزدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋەھشىيلىكتۇر. ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي پىداكارلىقتۇر. بىراق ئىچكى ئورگاننى دەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەت. ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بۇنى << ئىرقىي قىرغىنچىلىق>> مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قاراپلا قالماي، بەلكى << ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت >> دەپ جاۋابكارلىققا تارتىش مەجبۇرىيىتى بار. خىتاي كوللېگىيەسى بۇنىڭغا شۇنداق قارايدۇ. بۇ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسى. > ». 

       « ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي 18‏- سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، ب د ت نى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرگۈچى مەخسۇس ئەمەلدار تەيىنلەشكە چاقىرغان.».

        ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تىرىشچانلىق ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن     سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىنىڭ نەتىجىسىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى يېڭى بىر ۋەزىيەتتە كېرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ دېمەك، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتقان ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر بالدق يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ  كۈچەپ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يېڭى ۋەزىيەتنىڭ كېلىشى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىناىي قىلمىشلىرىنى توختىتىشنى تىزرەك قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلارنى كاپالەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ:

      بىرىنچى، تەشكىلىي بىرلىك مەسىلىسى :  ھەممىگە مەلۇم، ئۇيغۇرلاردا « ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە . »، « بىر چىۋىقنى سۇندۇرماق ئاسان، ئون چىۋىقنى سۇندۇرماق تەس. »، « يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس. »، « يالغۇز خىش تام بولماس.»، « يالغۇز يۇرۇپ يول تاپقۇچە چىشىڭ تۆكۈلەر. » دېگەندەك ئاتا- بوۋىلاردىن قالغان بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنىڭ نۇسرەت قازىنىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى مەزمۇن قىلغان بىر قاتار ماقال- تەمسىل ۋە ھېكىمەتلىك  سۆزلەر بار. ھەر قانداق بىر سىياسىي ھەرىكەتتە مۇۋەپپەقىيەت تاپماقنىڭ كاپالىتى بىرلىك، ئۆملۈك ۋە ئىتتىپاقلىق. بۇ نۇقتىنى باشقا مەملىكەت ۋە خەلقلەرنىڭ تارىخى تەجرىبە- ساۋاقلىرىغا مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا بىر نەزەر سېلىنسىلا كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇ: 1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماجۇڭيىڭنىڭ توڭگانلار قۇشۇنى تەرىپىدىن ئوڭايلا ئاغدۇرۇلۇپ تاشلىنىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى مەزكۈر جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قوماندانلىقىدىكى  قوراللىق كۈچلىرى بىلەن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمەسلىكىدە. ئەندى 1944– 1949 – يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقللىق ۋە ئازاتلىق ھەرىكىتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى مىللەت، ھەر قايسى سىنىپ، ھەر قايسى تەبىقە- قاتلام، ھەر قايسى ساھە ۋە دىني زاتلاردىن تەركىپ تاپقان غۇلجا ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ  ئاساسىدا تەشكىل قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمىتى ئەمىلىيەتتە بىر بىرلىك سەپ ھۆكۈمىتى بولغاچقا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسى جۇڭخۋا مىنگو دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زامانىۋىي قوراللار بىلەن قۇرالغان ئارمىيىسىنى يەڭگەن. 

       ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۇتقان ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا مەسىلىلىرىدە پەرقلەر بولۇشى تۈپەيلى چەت ئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بارلىققا كەلدى. بۇنداق ئەھۋالنىڭ سادىر بولۇشى بىر تەبىئىي ئىجتىمائىي ھادىسە. مەسىلە پەقەت مەۋجۇت مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىپ بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت، خالاس. تەشكىلاتلارنىڭ كۆپۈنچىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە قۇرۇلغان بولغاچقا، بىرلىككە كېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇچۈن يەنە بىر ئاز ۋاقىت  ۋە جەريان كېرەك؛ چۈنكى بۇ تەشكىلاتلار ئۆز ئەمەلىيەتلىرى ئارقىلىق مەلۇم تەجرىبە- ساۋاقلارغا ئىگە بولۇشىقا مۇھتاج. شۇڭلاشقا ھازىرچە بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشۇپ بىر تەشكىلاتقا ئايلىنىىشىنىڭ شەرت- شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى.، شۇڭلاشقا ھازىرچە تەشكىلاتلارنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۈچۈن ھە دەپ كۈچەش ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىشىنىڭ ئانچە ھاجىتى يوق.

        ئۇيغۇر داۋاسى  ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خەلقئارادا پەيدا بولىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايىدىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرچە « بىر ياقىدىن باش،بىريەڭدىن قول چىقارماق » تەس بولغان ئەھۋالدا « ئىككى ياقىدىن باش، ئىككى يەڭدىن قول چىقىرىپ تۇرۇش » چارىسى بىلەن ئىش- پائالىيەت قىلىپ تۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە  بىر خىل ئېقىمدىكىلەر ( مەزھەپدىلەر ) ئارىسىدىكى بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندا چوڭراق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىكىدە چوڭراق ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىل ئېقىمدىكى تەشكىلاتلار ئالدى بىلەن چوڭ رايون- قىتئەلەر بۇيىچە تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ،ئاندىن بۇ بىرلەشمىلەرنىڭ دۇنياۋى بىرلەشمىلەر كومىتېتىنى قۇرۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندا بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ئىككى بىرلەشمە كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى توغۇلىدۇ.

        ھەر قايسى ئېقىمدىكى تەشكىلاتلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە كىشلىك ھۆقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ  « ئۇيغۇر داۋاسى » ۋە « ئۇيغۇر مەسىلىسى » دە ئۆزلىرى تاللاۋالغان ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا بۇيىچە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشىدا قانۇنى ھوقۇقى بار. بۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشلىك ھوقۇقى. ئۇلارنىڭ بۇ قانۇنى ھوقۇقلىرى دەخلى- تەرۇزسىز.  ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ھەر قايسى ئېقىمدىكىلەر، ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھۆقۇق پائالىيەتچىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېچىنشلىق ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزئارا « ئەيىبلەش » ۋە ئۆزئارا « كونا خاماننى سورۇش » قاتارلىق بۆلمىغۈر ئىشلارنى يىغىشتۇرۇپ، « ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات » پوزىتىيىسىنى تۇتۇپ، ئۇرتاق نىشان ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ئاتلىنايلى،ھېچ بولمىغاندا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشايلى، باشقىلارنىڭ باشقىچە يول بىلەن ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويايلى، « ھەر قايسى يوللار رىمغا باشلاپ بارىدۇ » دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزنىڭ  مەنىسىنى چۆشىنىشكە تېرىشايلى. ئۇرتاق دۆشمەن ئالدىدا بىر نىشان ۋە بىر مەقسەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان سىياسىي تەشكىلاتلار، سىياسىي پائالىيەتچىلار ۋە كىشلىك ھۆقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئەيىبلەشلىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي دۆشمەنلىرىنى خوشال قىلىدۇ، دۇسىتلارنى يىغىلىتىدۇ، خالاس.

        ئىككىنچى، ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچە مەسىلىسى : ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بولسا بىر سىياسىي مەسىلە. يەنى ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بولسا ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ۋە كىشلىك ھەق- ھوقۇقلارغا ئېرىشىش مەسىلىسىدۇر.  شۇڭلاشقا بۇ مەسىللىلەر سىياسىي ئۇسۇللار ۋە چارە- تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى شەرت. ئەگەر بۇ مەسىلىلەر سىياسىي تەرەپتىن ھەل قىلىنسا،ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى مەسىلە— دىنىي مەسىلە، مەدەنىيەت مەسىلىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلسىنى ھەل قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھازىرلىنىدۇ.  سىياسەت جەمىئەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىللەرنى ھەل قىلىشنىڭ ھەم ئاچقۇچى ھەم ۋاسىتىسى. سىياسەتنىڭ بۇ فۇنكسىيىسىنى يېقىنقى زامان تارىخى ۋە ھازىرقى زاماندىكى بىر قاتار ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ بىر ئەمەلىيەت ۋە پاكىت. 

       1770- يىللاردىكى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابى دەۋرىدە چوڭ قۇرۇقلۇق قورۇلتىيىغا قاتنىشىپ « مۇستەقىللىق خىتاپنامسى » غا قول قويغۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خرسىتىئان دىنىغا ئتىقاد قىلغۇچىلار بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى سىياسى تەرەپتىن قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئا قى شى دۆلىتىنىڭ كونستتۇتسيىسىدە  گراژدانلارنىڭ كىشلىك ھەق- ھوقۇقلىرى ۋە دنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرى كاپالەتلەندۈرۈلگەن. ھىندىستاندا موھەندەس گەندى سىياسىي كۆرەش ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرگەن. جەنۇبىي ئافرىكىدا نېلسون ماندېلا سىياسىي كۆرەش ئارقىلىق ئىرقىي كەمستىش ۋە ئاپارتېىد تۈزۈمى ئاساسىدا قۇرۇلغان دۆلەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.  ئامېرىكىدا مارتىن لۇزە كىڭ گەرچە ئۆزى پروتېستانت چېركاۋنىڭ پوپى بولسىمۇ، سىياسىي كۆرەش ئارقىلىق ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۆرەش قىلىپ، قارىلارنىڭ كىشلىك ھەق- ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۇرگەن. 1944 –  يىلى ئىلىخان تۆرە گەرچە ئۆزى ئىسلام دىنىي ئالىمى ۋە ئىمام بولسىمۇ،لېكىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىغا سىياسىي تەرەپتىن رەئىسلىق ۋە ھەربىي تەرەپتىن  قوماندانلىق قىلىپ، قوراللىق كۆرەش ئارقىلىق جۇڭخۋا مىنگو دۆلىتىنىڭ شىمالىي شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 

       ھازىرقى زاماندا ھەر قانداق دىن  بىر شەخس ياكى مۇئەييەن جەمىئەتتىكى بىر بەلگىلىك ئىجتىمائىي توپلۇقنىڭ ئاللاھ ياكى خودا بولغان ئىتىقادى بولۇپ ھىساپلىدۇ. ئۇنىڭ جەمىئەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىللەرنى ھەل قىلىش فۇنكسىيىسى يوق. ھازىرقى زاماندىكى قىسىمەن ئەرەپ ئىسلام  دۆلەتلىرىدە يۈرگۈزۈلۋاتقان شەرىئەت بولسا ئىسلام دىنى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل قانۇن- تۈزۈم سېستىمىسى. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە گەرچە بۇ قانۇن- تۈزۇمنىڭ سىياسەت بىلەن زىچ بۇناسىۋېتى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى زامانغا كەلگەندە بۇ ئىسلامى قانون- تۈزۈملەرنىڭ سىياسەت بىلەن مۇناسىۋېتى ئاساسەن ئۇزۇلگەن بولۇپ، پەقەت دۆلەتنىڭ قانۇن- تۈزۈمى ئورنىدا ئىشلىتىمەكتە. 

       ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە پايدىلىق ھالدا ھەل بولۇشىدا  تۈپكى ئىستراتېگىيە « تەرغىپ- تەشۋىقاتتا ئۆزلىرى ۋە دۇنيادىكى دېموكراتىك  تەشكىلاتلار ۋە كۈچلەرگە تايىنىش، ھەل قىلىشتا ب د ت ۋە ئا قى شى باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرگە تايىنىش » دىن ئىبارەت ئىستراتېگىيە بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق تەرغىپ- تەشۋىقات ئىشلىرى ۋە  سىياسىي پائالىيەتلەردە سىياسەت بىلەن دىننى قەتئى ئايرىش زۆرۈر، شۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ئەمەلىي ياردەملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىر قانچە ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ كاساپىتىدىن ئىسلام دىنىنىڭ دۇنياۋى  ئىناۋىتى سەلبىي تەسىرىگە ئۆچرىغان ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارىتا ھەر خىل مۇجمەل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە ،  دۇنيادا ئىسلام دىنىنىڭ ۋەزىيىتى ھازىرچە ۋە ۋاقىتلىق ئانچە ياخشى ئەمەس بىر ئەھۋالدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە سىياسى پائالىيەتلىرىڭىزگە دىنىي مەشغۇلاتلارنى قېتىپ ئالسىڭىز، سىزگە ياردەم بەرمەكچى بولغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى بەلىكىم ئۆزىڭىزدىن يېراقلاشتۇرۇپ قويىشىڭىز مۇمكىن. بۇ جەھەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي نەمۇنىلىك رول ئۆتۈشى لازىم. 

       ئۈچىنچى، قوراللىق كۆرەش مەسىلىسى: نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى- تاشقى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا ھېچقانداق ئىمكانىيەت  بەرمەيدۇ، بەلكىم يىراق بولمىغان كەلگۈسىدىمۇ قوراللىق كۆرەش قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى ھەم بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى بىر تەرەپتىن ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى ئۆز تېررىتورىيىسى ئىچىدە چەت ئەلنىڭ ئىشى ئۈچۈن قوراللىق كۆرەش قىلىدىغان بىرەر تەشكىلاتقا ھەربىي بازىس قۇرۇشىغا ئىجازەت بەرمىسە كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئويلاشقاندا  چەت ئەللەردە بىرەر قوراللىق گۇرۇپپا ياكى ھەربىي كومىتېت دېگەندەك تەشكىللەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئوڭايلا «تېررورلوق تەشكىللىرى » دەپ قارىلىپ قىلىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسلىىسىگە پايدىسىز ئەھۋاللارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقتىن ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسنى ھەل قىلىشتا پەقەت تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش ئىمكاتىيىتى قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۇرۇشتە « بىر قولدا سىياسەتنى، بىر قولدا قورالنى تۇتۇش كېرەك » دېگەندەك « قوراللىق كۆرەش قىلىش » ئىدىيەلىرىنى تاراتقۇلاردا تەشۋىق قىلىش ھەمدە قوراللىق كۆرەشكە دائىر ئوچۇق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش پايدىسىز.  ھازىرقى زاماندا غەلبە قازىنىشىنىڭ بىردىن بىر مۇۋاپپەقىيەتلىك يولى تىنچلىق يولى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىش. بۇ يول ھىندىستاندا موھەندەس گەندى، ئامېرىكىدا مارتىن لۇزە كىڭ ۋە جەنۇبىي ئافرىكىدا نېلسون ماندېلالارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئاللاقاچان ئىسپاتلانغان.

       قىسقىسى، بەلگىلەنگەن توغرا ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە توغرا سىياسەت يۈگۈزۈش ۋە توغرا سىياسىي  پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇر داۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۇسرەت تېپىشىنىڭ كاپالىتى.         

ئەسكەرتمە:  مەزكۈر ماقالىدىكى « × × ×  » بەلگە ئىچىدىكى نەقىللەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتىدىن ئېلىندى.                                                                                                                          

                                                                                                                                     2019- يىلى سېنتەبىر   

Share
1199 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.