logo

trugen jacn

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ پاراۋوزى

 

نەزەر

 

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۋاتقانلىق مەسىلىسىگە دۆچ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ باسقۇچلىق ئىستراتېگىيىلىك نىشانىدا ئۆزگىرىش بولۇش- بولماسلىق مەسىلىسى بارلىققا كەلدى. چۈنكى بۇ مەسىلە توغرا ھەل قىلىنمايدىكەن، چەت ئەلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسىگە باش قاتۇرۇشنىڭ ئەمىلىي ئەھمىيىتى يوق بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى پەقەت شۇ جۇغراپىيىلىك جايدا– شەرقىي تۈركىستاندا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەۋجۇت بولىشى ۋە كۆرىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ خەلقلەر ئۇ يەردە مەۋجۇت بولمىسا، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە قانچىلىك كۆچ چىقارسىمۇ بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ. يەھۇدىيلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقالىشىدىكى  تۈپكى ھەل قىلىغۇچ ئامىل دىئاسپورادىكى يەھۇدىيلەر بولماستىن بەلكى بۇندىن بىر قانچە مىڭ ئىلگىرى يەھۇدىيلەر پەلەستىندىن پۈتۈن دۇنيا تارقالغان ۋاقىتتا ئۆز يۈرتىدىن كەتمەي شۇ يەردە قالغان يەرلىك يەھۇدىيلەردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ تۈپكى ھەل قىلىغۇچ ئامىل شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك خەلقنىڭ مەۋجۈت بولۇش-  بولماسلىقىدۇر.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى دۆچ كەلگەن يىڭى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنىڭ كۆرەش نىشانىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر باشلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھاياتنى ساقلاپ قىلىشقا ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، شەرقىي تۈركىستانلىق ئامما، خەلقئارالىق دېموكراتىك كۈچلەر، دېموكراتىك دۆلەتلەر، كەڭ كەڭ خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە  پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەردە خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسىي ۋەزىيەت شەكىللەندى. بىر قانچە دېموكراتىك دۆلەت  ھۆكۈمەتلىرى خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشنى ئىرقىي قىرغىچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتتى ۋە  خىتاي دۆلىتىگە قارىتا ھەر خىل ئىقتىسادىي جازالارنى يۈگۈزدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدى –  كېيىن بولۇپ « ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق  سىياسى قانۇنى»  ۋە « ئۇيغۇر مەجبۇريى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى » لىرىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ  شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىن ئۆزگىرىشگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك خىزمەت نىشانىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشقا ئۆزگەرتىپ بۇ جەھەتتە كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ھەمدە بۇ نەتىجىلىرى ئارقىلىق دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ پاراۋۇزىغا ئايلاندى. چەت ئەللەردىكى ئەسلىدە بار بولغان ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ئون نەچچە يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىي خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە تەشكىلىي قۇرۇلما جەھەتتىن ئىسمى جىسمىغا لايىق خەلقئارالىق بىر سىياسىي تەشكىلاتقا ئايلاندى. گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پروگراممىسىنى ئورۇنلاش مۇساپىسىدە ھەر خىل قىيىنچىلىق، قارشىلىق ۋە بوھتانلارغا ئۇچرىسىمۇ لېكىن ئۇ بىر بىپايان كەتكەن دىڭىزدىكى دەھشەتلىك دولقۇنلارنى ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن يىرىپ، قىرغاقتىكى ماياكقا قاراپ ئىلگىرىلىۋاتقان چۆكمەس مۇستەھكەم بىر پاراخوتقا ئوخشاش ئۆزىنىڭ بەلگىلىگەن مۇقەددەس ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

2021- يىلى دېكابىر

 

 

 

 

Share
1406 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.