logo

trugen jacn

ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ مەشقاۋۇلى – «ساقاللىق گېنېرال» رىبالكو-1

 

ئۈمىدۋار

2015-u0127-pmn.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

20 – ئەسىرنىڭ 30 – 40 – يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسى تەقدىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ رايونغا ئۆزىنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرى ۋە خادىملىرىنى كىرگۈزدى، ھەتتا سودا – ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن مونوپول قىلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەن ھەربىي – سىياسىي خادىملىرىنىڭ بىر قىسىمى كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر ھەربىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە رەھبەرلىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 1934 – 1935 – يىللىرى قەشقەردىكى ماخمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنىغا مەسلىھەتچىلىك قىلغان، 1941 – 1945 – يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تانكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بولۇپ، مارشاللىق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان پاۋېل رىبالكودۇر. بۇ شەخسنىڭ مۇرەككەپ ھاياتى ھەققىدە كۆپلىگەن يېڭى مەلۇماتلار ئېلان قىلىنماقتا.

رۇسىيە تارىخچىسى ئاپتېكارنىڭ يېزىشىچە، 1933 – يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1934 – يىلىنىڭ 2 – ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك قوشۇنلىرى «ئالتايىسكىي» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىپ، ما جوڭيىڭ ۋە جاڭ پېييۈەن قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ. ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنى قوغداپ قالدى.

ئەنە شۇ 1934 – يىلىنىڭ ئاپرىل ئيىدا «ئالتايىسكىي» نامىدىكى سوۋېت قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى ۋەتىنىگە قايتىپ، تەخمىنەن بىر ئاتلىق پولك، برونېۋىك ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن ھەمدە نەچچە ئونلىغان ھەربىي مەسلىھەتچى ۋە مەشقاۋۇللار ئۆلكە ئارمىيەسىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن قالدۇرۇلدى. مانا شۇ ۋاقىتتا قىزىل ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىغا قاراشلىق قىزىل ئارمىيە رازۋېتكا بۆلۈمى تاتار مىللىتىدىن بولغان ئادى مالىكوۋنىڭ باشچىلىقىدا پاۋېل رىبالكو قاتارلىق بەش كىشىلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. رىبالكو ئاساسىي جەھەتتىن قەشقەردە تۇرۇپ، ماخمۇت مۇھىتى قوشۇنىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىش نامى بىلەن نازارەتچىلىك قىلغان ئىدى. ئۇ، باشقىلار تەرىپىدىن « ساقاللىق گېنېرال» دەپ ئاتالدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/ribalko-01272015212717.html

Share
1474 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.