logo

trugen jacn
04 فېۋرال 2015

ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ مەشقاۋۇلى – «ساقاللىق گېنېرال» رىبالكو

ئۈمىدۋار

2015-u0203-pmn.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەن ھەربىي – سىياسىي خادىملىرىنىڭ بىر قىسىمى كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر ھەربىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە رەھبەرلىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 1934 – 1935 – يىللىرى قەشقەردىكى ماخمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنىغا مەسلىھەتچىلىك قىلغان، 1941 – 1945 – يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تانكا – برونىۋىك قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بولۇپ، مارشاللىق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان پاۋېل رىبالكودۇر.

بۇ شەخسنىڭ مۇرەككەپ ھاياتى ھەققىدە كۆپلىگەن يېڭى مەلۇماتلار ئېلان قىلىنماقتا. ئۇنىڭ ئەسلىدە سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ رازۋېتكا خادىمى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر دىۋىزىيەسىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇچۇر توپلاش جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن ھەربىي ئۇنۋانى ئۆسكەنلىكى، ئاخىرىدا مايوردىن مارشاللىق دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

1934 – 1935 – يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ساقاللىق گېنېرال» دەپ ئاتالغان رىبالكونىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر قوشۇنىنى نازارەت قىلىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئائىت ئۇچۇر توپلاش ۋە باشقىلار ئىدى. ئۇ، قەشقەردىن قايتقاندىن كېيىن، 1937 – يىلى، پولشاغا، 1940 – يىلى خىتايغا ھەربىي مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتى بىلەن ئەۋەتىلگەن. ئۇ موسكۋانىڭ گومىنداڭ ئارمىيەسىدىكى مەسلىھەتچى – ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم كۆرسەتكەن.

سوۋېت – گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغاندا تانكا قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، كۆپلىگەن شەھەرلەرنى ئازاد قىلغان،ئەڭ ئاخىرىدا بېرلىننى ئىشغال قىلىشتا تۆھپە كۆرسەتكەندىن كېيىن مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن، ئەمما، ئۇ 1948 – يىلى، تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. بىر قىسىم رۇس تارىخچىلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق تۈس ئالغانلىقىنى يېزىشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/ribalko-02032015212636.html

Share
1409 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.