logo

trugen jacn

ئۇيغۇر شەھىتنىڭ ئائىلىسىدىن 10 كىشى تۇرمىغا تاشلاندى

 

ئۈرۈمچى پويىز ئىستەنزىسىدە ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلدى دىيىلگەن ئىككى ئۇيغۇردىن بىرسىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلاندى
ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بومبىنى پارتلىتىپ نەخ مەيداندا ئۆلگۈچىلەردىن بىرسىنىڭ ئىسمى سەدىردىن ساۋۇت،39 ياش، ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيەسى،گۈلباغ يەزىسى،سايباغ مەھەللىسىدىن
پويىز ئىستەنزىسىدىكى پارتلاشتا ئۆلدى دىيىلگەن ئىككىنجى ئۇيغۇر ھەققىدىكى مەلۇماتلار ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىدى.ۋەقە يۈزبەرگەن (4.ئاينىڭ 30.كۈنى) ئاخشىمى ”تەرورىست” دەپ دۇنياغا ئىلان قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇر ئىچىدىكى ئىسمى تەخىچە ئاشكارىلانمىغان بىرەيلەن يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىرەيلەن بولۇپ،پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن،پەقەتلا ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈنلا ئۇنىمۇ قوشۇپ “تەرورىست” دەپ ئىلان قىلىۋەتكەن.شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئىلان قىلىنمىغانلىغى پەرەز قىلىنماقتا
سەدىردىن ساۋۇتنىڭ ئايالى،ئاكىسى،سىڭلىسى،ئاچىسى ،69 ياشلىق دادىسى ھەتتا 77 ياشلىق چوڭ دادىسى (ئانىسىنىڭ دادىسى)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 كىشى تۇتۇپ تۇرمىغا تاشلانغان

f8df69303fe98c8
خىتاي كومىنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چاپلانغان “جىنايەتلەر” 60 يىلدىن بويان خەلمۇ-خىل ئىسىم بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ،ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگۈتىش نىشانى ئۆزگەرگىنى يوق؛ 1950-1955.يىللىرى “پومىشچىك، ئۈچكە قارشى ئۇنسۇر”، 1957-1961.يىللىرى “ئوڭچى،يەرلىك مىللەتچى ”، 1961-1965.يىللىرى “سەۋىت شۇجىڭجۇيچىلىرىنىڭ گۇماشتىسى”، “1966-1976.يىللىرى “ئەكسىل ئىنقىلاپچى،جىن-شەيتان،روس جاسۇسى”، 1977- 2001.يىللىرى “مىللىي بۆلگۈنچى،دىنىي رادىكال ئۇنسۇر” ، 2001-2014.يىللىرى “دىنىي ردىكال،مىللىي بۆلگۈنچى تەرورىستلار” … ئۇيغۇرلارغا بىرىلگەن “ ئىنۋان”لار دەۋىرگە قاراپ ئۆزگۈرۈپ تۈرسىمۇ,يوقۇتۇش نىشانى ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار بولۇپ كەلمەكتە.ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قوغداشتىن باشقا چىقىش يولى يوقتۇر

Share
2664 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.