logo

trugen jacn

ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى

el-profesor-ilham-tohti-en-su-casa

ئەكرەم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ، دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە تونۇلغان 400 نەپەر كىشىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقالدى.

گېرمانىيەدىكى «كۈندىلىك گېزىت» مۇ 15-يانۋار كۈنى «ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېتىراز» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىتاي بىلەن مۇجادىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنىڭ 2 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر ۋە ئانالىزلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ھەقسىزلىق قىلغانلىقىغا ئائىت پىكىرلەر يازمىلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلدى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

بىز خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان تۇتقۇندىكى ئىلھام توختىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىلارغا قارىتا ئىنكاسىنى بىلىش ئىستىكىدە ئۇنى زىيارەت قىلدۇق.

بىز يەنە خەلقئارادا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تىلەش پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە د ئۇ ق نىڭ ئىلھام توختى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىدۇق.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۆزەتكۈچىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنى «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نائىل قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ilham-toxti-01222016121548.html

Share
1496 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.