logo

trugen jacn

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە تارىخچى ئالىم تۇرغۇن ئالماسنىڭ مىراسىغا يۇقىرى باھا بەردى

Turghun Almas

ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەدەبىي ۋە ئىلمىي مىراسىنىڭ باشقا مەملىكەتلەر قاتارىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچىلار ھەم كۆپلىگەن تارىخ ئىشقىۋازلىرىنىڭمۇ قىزىقىپ ئۆگىنىشىگە مۇيەسسەر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئالماتادا ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا قايتا نەشر قىلىنىپ، مىڭلىغان نۇسخا بىلەن تارقالغان ئىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى تۇرغۇن ئالماس ھايات بولغان بولسا، بۇ يىلى 90-باھارىنى قارشى ئالاتتى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى يېزىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى نېمىدىن ئىبارەت بولغان؟ بۇ ئەمگەكلەرنىڭ ئەھمىيىتى نېمىدە؟

بىز بۇ ھەقتە، قىرغىزىستانلىق پېشقەدەم زىيالىي نازىم قەمبىرى، ئۆزبېكىستانلىق تارىخچى ئالىم ئابدۇخالىق ئايتبايېف ۋە قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن خەلق

نازىم قەمبىرى تۇرغۇن ئالماس ئەسەرلىرىدىكى تارىخىي ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى:
– تۇرغۇن ئالماس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچقاچان خىتاي دۆلىتىنىڭ تەركىبىدە بولمىغانلىقىنى، ئەزەلدىن مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، تارىخىي ھەقىقەتنى، رەت قىلىپ بولمايدىغان دەلىل-ھەقىقەتلەر بىلەن ئىسپاتلىغان ئادەم. شۇنىڭدەك ئۇ ھېچقانداق خۇشامەتچىلىككە يول قويماي، ھەقىقىي تارىخنى جاھان ئەھلىگە جاكارلىغان ئادەم. ئەينى شۇ چاغدىكى، يەنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ۋەتىنىمىزنى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە تۇرغان ھۆكۈمران ۋاڭ ئېنماۋنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۇرغۇن ئالماسنى قاتتىق تەقىب قىلىپ، كىتابىنى چەكلىدى ۋە بۇرۇن نەشر قىلىنغان كىتابلىرىنى يىغىۋېلىپ يوقاتتى. بۇنىڭدىن شۇ نەرسىنى بىلىمىزكى، بۇلارنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارغا كۆز يۇمۇپ ياكى بولمىسا مۇتتەھەملىك ھالدا قىلغان نەيرەڭلىرىنى تۇرغۇن ئالماس چۇگۇپ تاشلىدى ۋە رەددىيىسىنى بەردى.

«ئۇيغۇرلار» پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەس، بارچە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىدۇر

ئا. ئايتبايېف ئالىم ئەمگەكلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەر تارىخى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى:
– تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» كىتابى ئۇيغۇرلار تارىخىنى ئۆگىنىشىمدە قايسى نەرسىلەرگە ئېتىبار بېرىشىم كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭدەك بۇ كىتاب ھازىر ئۈستىلىمدە دائىم كۆرىدىغان قوللانما سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. تۇرغۇن ئالماس بۇ كىتابنى يېزىشتا ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىمىزنى بىلىشتىن تاشقىرى رۇس ۋە خىتاي تىللىرىنى ياخشى بىلگەنلىكىدىن خىتاي مەنبەلىرى ۋە رۇس ئەدەبىياتىدىن تولۇق پايدىلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخلىرى ئىچىدە مۇكەممەل تارىخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىمكى، «ئۇيغۇرلار» دېگەن ئەسەر پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەس، بارچە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى. ئېنىقىراق ئېيتقاندا، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخىدۇر. ئۇنىڭ كىتابى مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن تارىخى بىرلىكلىكى بىر پۈتۈن تارىخ بولۇپ مۇجەسسەملەشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ يازغان تارىخى تۈرلۈك تىللاردا يېزىلغان. ئەسەرلەر ئۆزىنىڭ مىللىيلىكى، تارىخىي ھەقىقەتلىكى، ئېنىقلىقى ۋە تولۇقلۇقى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەت

ق. غوجامبەردى تۇرغۇن ئالماسنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يېرىم مىڭ يىللىق تارىخىنى يېزىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى:
– «ئۇيغۇرلار» دېگەن ئەسىرىدە تۇرغۇن ئالماس، ئاساسەن، ھونلار تارىخىدىن باشلاپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردىن تا مىلادى 18-ئەسىرىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى مەۋجۇت تارىخىي پاكىتلار، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قەدىمىي تارىخىي مەنبەلىرىدىن، چەتئەل ئالىملىرىنىڭ مەنبەلىرىدىن، شۇ ۋاقىتتىكى مەۋجۇت ھەر خىل ئارتېپاكىتلارنى، قىياتاشلارنى ۋە باشقىلاردىن پايدىلىنىپ، سېلىشتۇرۇپ، ئانالىز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىستېمىلىق بىر يېرىم مىڭ يىللىق تارىخىنى يېزىپ چىققان. بۇ ئارقىلىق تۇرغۇن ئالماس شۇ ۋاقىتتىكى مەۋجۇت خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتلىرى بولمىغان»، «قەدىمىيدىن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تەركىبىدە بولغان» ۋە ھاكازا ئويدۇرمىلىرىنى بىت-چىت قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ھازىرقى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېررىتورىيىسى قەدىمىيدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ، خانلىقلىرىنىڭ تېررىتورىيىسى بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەت ئىكەنلىكىنى، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە قايسى يېقىدىن بولسۇن، تۈركىي خەلقلەر بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە، خىتايلار بىلەن، ئېنىقىراق ئېيتقاندا، خەنسۇلار بىلەن ھېچقانداق مەدەنىي، دىنىي ئورتاقلىقى يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/turghun-almas-12092014163115.html

Share
2227 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.