logo

trugen jacn

ئۇيغۇر خەلقى مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنى چوڭقۇر سۆيگۈ بىلەن ياد ئەتمەكتە

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1995-يىلى 5-ئۆكتەبىر كۈنى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشوپ ئۆتكۈر ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.

ئۆز خەلقىنىڭ قوينىدا يېتىشكەن ئوت يۈرەك شائىر خۇددى ئۆز شېئىرلىرىدا تەكىتلىگەندەك، ئۆز خەلقىنىڭ قۇچىقىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۆتكۈر ئەپەندى ئالەمدىن كەتتى، ئەمما ئۇ ئۆز ۋەتەنداشلىرىغا بىر يۈرۈش ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ھەمدە ئۆز خەلقىنى ئۈمىدكە ۋە ئەرككە چاقىرىدىغان يالقۇنلۇق مىسرالارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

بىر ئۆمۈر ئۆز خەلقىنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، مىللىي قەدىرىيىتىگە ھەمنەپەس بولۇپ كەلگەن بۇ ھارماس قەلەم ئىگىسىنىڭ يالقۇنلۇق مىسرالىرى ئۆز خەلقىنىڭ ناخشا كۈيلىرىگە سىڭىپ كەتتى.

ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىلا ئەمەس، بەلكى تەڭرىتاغلىرى بويلىرىدىن ھالقىپ چىقىپ يىراقتىكى ئانادولۇ تۇپراقلىرىدىمۇ تۈرك ئاھاڭلىرىنىڭ تەڭكىشىدە ياڭرىدى.

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق مەشھۇر شېئىرى بابۇرىيلار سەلتەنىتى يىمىرىلىپ بىرقانچە يۈز يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان بىلەن ئورتا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا باغلاشتىكى ئىلھام پىلتىسى بولدى. ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بۇ يىل يازدىكى قازاقىستان زىيارىتىدە «ئىز» ناملىق بۇ شېئىرنىڭ مىسرالىرىنى ئوقۇپ ئورتا ئاسىياغا خىتاب قىلدى.

ئۆتكۈر ئەپەندى 1940-يىللاردا يازغان «مۇزلىغان شەھەر»، «باھار چىللايمەن» ناملىق بىر يۈرۈش يالقۇنلۇق شېئىرلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرلۈككە بولغان چوقانلىرىنى نامايىش قىلدى. ئۇ شۇ يىللاردا ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ قاباھەتلىك يىللىرىدا ئۆزىنىڭ مەڭگۈ بىر «ئەركىنلىك كۈيچىسى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇ ئۇيغۇر خەلقى تارىخنىڭ ئېغىر سىناقلىرى ۋە قىيىن تاللىشىغا دۇچ كەلگەن ئاشۇ يىللاردا يەنە ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن ۋەتەن خائىنلىرىغا لەنەتلەر ئوقۇدى.

1949-يىلىدىن كېيىنكى قاباھەتلىك يىللار ئۇيغۇر خەلقىنى سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلدى. ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ نەچچە ئون يىللار مابەينىدە قەلەمدىن ئايرىلدى. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە چاچلىرى بىلەن قاش-كىرپىكلىرىگە ۋاقىتسىز ئاق كىرگەن شائىر دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرغان قەلبىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى «قەشقەر كېچىسى» ناملىق داستانىدا ئىپادە قىلدى.

بېشىدىن شۇنچە ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتكەن، مىڭلاپ كېچىكلەر كەچكەن شائىر ھاياتىنىڭ ئەڭ قىيىن يىللىرىدىكى ئىجادىيەتلىرىدىمۇ «ۋەتەن» دىن ئىبارەت مۇقەددەس تېمىدىن ۋاز كەچمىدى.

دەرۋەقە، شائىر ئۆز ھايات مۇساپىسىنىڭ قانچىلىك ئەگرى-توقاي، قانچىلىك مۇرەككەپ ۋە قانچىلىك قىيىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مىللەتكە ئۈمىد، ۋەتەنگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىدىن بىر مىنۇتمۇ بوشىشىپ قالمىدى.

مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى 60 ياشقا يېقىنلاشقاندا «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىي ئەسىرىگە قەلەم تەۋرىتىپ ئۆز ھاياتى ئۈستىدە قايتا ئويلاندى. ئۆمۈر مەنزىللىرىدىن مىللەتنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە ۋە زىيالىيلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىگە نەزەر تاشلىدى. ھەقنىڭ نامى ۋە ئىمانىي ۋىجدانى بىلەن ئۆزىگە ھەم بىلىم ئادەملىرىگە خىتاب قىلدى.

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ خەلقنى كۈرەشكە، ئىجاتقا ۋە ھۆرلۈككە ئۈندەيدىغان يالقۇنلۇق شېئىرلىرى، مىللەتنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ئويغاتقان بىر يۈرۈش رومانلىرى شۇنداقلا مىللىي ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد، غۇرۇر ۋە ئىشەنچ بېغىشلاپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/abdurehim-otkur-10062015141624.html

Share
1237 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.