logo

trugen jacn

ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇيغۇر ساتقۇنلار

 

1 .    ئاسىناشىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى. كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583-يىلى غەربى تۈرك خانلىقى ۋە شەرقى تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626-يىلى شەرقى تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقى تۈرك خانلىقىغا قارشى ئېسىيان كۆتەردى. دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقى تۈركلەر خاقانى قارا خاقان بۇ ئېسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاسىناشىر  بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇننى ماڭدۇردى. ئاسىناشىر ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى __ بوسات تېكىن تەرپىدىن ئېغىر  مەغلۇپ بولدى. مىلادى 629- يىللىرى ئاسىناشىر يەنە بىر قېتىم بوسات تېكىن تەرپىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھازىرقى جىمسار ئەتىراپىغا كېلىۋالدى. شۇ يىلى شەرقى تۈركلەر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن غەربى تۈركلەر ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىمۇ ئىچكى ماجرا يۈز بېرىدۇ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئەقىللىق ئاسىنا شىر غەربى تۈركلەر تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ غەربى تۈركلەر زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى دۇب خاقان   دەپ جاكارلىغان. دەل شۇ پەيتتە شەرقى تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى سىرتاردۇشلار خانلىقى(مىلادى 628~646-يىللار) ئىگەللىگەن. غەربى تۈرك خانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى ئازىراق كۈچلەندۈرگەن ئاسىناشىر شەرقى تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان سىرتاردۇشلار خانلىقىنى ئىگللەپ شەرقى تۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلىمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ قېتىممۇ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنىدۇ.      تۈركلەرگىمۇ، سىرتاردۇشلارغىمۇ ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ قاتتىق نارازى بولغان ئاسىنا شىر مىلادى 635-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ. ئۇ تاڭ تەيزوڭنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ سولقانات باقاۋۇللار ئۇلۇغ سانغۇنى دېگەن مەنسەپكە تەيىنلىنىپ خاننىڭ سىڭلىسى نەنياڭ مەلىكىگە ئۆيلىنىدۇ، ئاسىناشىرمۇ  تاڭ تەيزوڭغا ناھايىتى ساداقەتمەن بولۇپ خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ.     مىلادى 637-يىلى تاڭ سۇلالىسى شەرقتە باش كۆتەرگەن ئۇيغۇرلار ئىتىپاقىدىكى سىرتاردۇشلار خانلىقىنىڭ، شەرقى-جەنۇبتا تىبەت خانلىقىنىڭ، غەربتە غەربى تۈركلەر ۋە غەربتىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا تاڭ تەيزۇڭ « ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى يوقىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دېگەن ئەنئەنىگە ئاساسەن، غەربى تۈركلەرنى ئاسىناشىر ئارقىلىق يوقىتىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسناشىرنى غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلارنىڭ باش سانغۇنى قىلىپ تەيىنلەپ 40 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈشكە يولغا سالىدۇ. ئاسىناشىر ئالدى بىلەن قۇجۇ خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا قۇجۇ خانلىقىنىڭ خانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ. بۇ قېتىم ئاسنا شىر توسالغۇسىزلا ئىدىقۇتنى ئالىدۇ ھەمدە قېينىئاكىسى تاڭتەيزۇڭغا بۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. ئاسىناشىر چىڭخەيدىكى تۇيغۇنلارنى ، ئاندىن قومۇلنى، قۇجۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئالغاندىن كېيىن، غەربى تۈركلەر جىددى تەدبىر قوللىنىپ كۆسەنگە بولغان كونتۇرۇللۇقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن، ھەتتا كىنگىت(ھازىرقى قارا شەھەر) خانىنىڭ قىزلىرىغا غەربى تۈرك يابغۇسى چۇلى ئاكا-ئۇكىلار ئۆيلىنىپ قۇدىلاشقان. مىلادى 644-يىلى ئاسىناشىر 40 مىڭ كىشلىك قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كىنگىتكە ھۇجۇم قىلىپ ئۆز ئارا ئۇرىشىۋاتقاندا غەربى تۈركلەر بىلەن كۆسەن خانلىقى ئاسىناشىرغا قارشى زور قوشۇن چىىقىرىپ، كىنگىتنى ماددى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. يەنە كېلىپ ئاسىناشىر قوشۇنلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇنى چېكىندۈرگەن. مىلادى 648-يىلغا كەلگەندە تاڭ تەيزۇڭ كۆسەنگە ئىككىنچى قېتىم ئاسىناشىر قوماندانلىقىدىكى 100مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىدۇ.ئاسىنا شىر بۇ قېتىم كۆسەن خانلىقى بىلەن غەربى تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن بىر يۆلىنىش قوشۇننى كۆسەننىڭ شەرقى شىمالىغا ھۇجۇم قىلدۇرغان. دەل ھالقىلىق پەيتتە غەربى تۈركلەرنىڭ يابغۇسى قۇلۇبۇ بىلەن شىخۇي تۈركلەرگە ئۆزلىكىدىن تەۋەلىك بىلدۈرۈپ تاڭ قوشۇنلىرىغا يول باشلىغۇچى بولغان. شۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ئاسىناشىر بىرقانچە قېتىم ئېلىشىش ئارقىلىق كۆسەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كۆسەن خانى خېلىبوسبى ۋە باش سانغۇنى جالالىدىن قاتارلىقلارنى تىرىك ئەسىر ئالغان. كۆسەن ۋەزىرى نالى كېچىدە قېچىپ كېتىپ غەربى تۈركلەر تەرەپكە بېرىپ ياردەم سوراپ ھەمدە قالدۇق كۆسەن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، كۆسەن شەھىرىنى ساقلاشقا قالغان گوشىيۋلۇ ئاتا-بالا ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ كۆسەن شەھىرىنى ئىگەللىۋالغان. بۇنى ئاڭلىغان ئاسىناشىر كۆسەنگە قايتا يۈرۈش قىلغان ،بۇ ۋاقىتتا نالىنى كۆسەنلىكلەر ئۆزلىرى تىرىك تۇتۇپ ئاسىناشىرغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئاسىناشىر ئىلگىرى –ئاخىر بولۇپ بەش چوڭ شەھەرنى ۋە 70 نەچچە كىچىك شەھەرنى تاڭ سۇلالىسىگە قارام قىلىپ بەرگەن.        ئاسىنا شىرنىڭ ھاياتى كېچە-كۈندۈز تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىش، تاڭ ھۆكۈمىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش، چېگرا رايۇنلىرىنى تېنىچلاندۇرۇش قاتارلىق  ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئۆتكەن . مىلادى 655-يىلى ئاسناشىر پايتەخت چاڭئەندە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندا تاڭ گاۋزۇڭ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ جەسىدىنى ۋاڭلىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇپ، قەبرىسى ئۈستىگە ئابىدە تىكلىگەن. ①
2 . قىرغىزلارغا تۆھپە كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سانغۇن ــــ كۇلۇگ باغا         مىلادى 839-يىلى ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىدا ئىچكى جەھەتتىن نىزا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە يۈز بەرگەن جۇدۇن ئاپىتىدە ئات-ئۇلاغلار، مال-چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ ۋابا كېسىلى تارقىلىپ، خانلىق قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇندىن سىرت ئۇيغۇر قاغانى كىسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى، تۆت ئۇيغۇر خانزادە بىر بىرى بىلەن زىددىيەت كۈچىيىپ ئۇرۇش قىلدى،بۇ پەيتتە ئۇيغۇر سانغۇنى كۇلۇگ باغا (تېگى قىرغىز)خاككاسلار(قىرغىزلار) تەرەپكە بېرىپ ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان خاككاسلارنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قوشۇنى كېلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارگاھى قارا بالغاسۇننى ئىشغال قىلىدۇ(ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر خەلقىنى تۆت خانزادە تۆت تەرەپكە بۆلۈپ كەتكەنلىكتىن پايتەختتە ھېچكىم يوق قۇرۇق شەھەر ئىدى).ئۇيغۇر خانلىقى ۋەيران بولۇپ بىرقانچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ ھەر تەرەپكە كۆچۈشكە باشلايدۇ. كىين قىرغىزلار ئۇ قۇرۇق شەھەرنى باشقۇرالماستىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال قايتۇرما زەربە بېرىپ جازالىشىدىن قورقۇپ ئۆزلىرىنىڭ ماكانىغا قېچىپ كېتىشىدۇ. تاڭ سۇلالىسىمۇ بۇ قۇرۇق شەھەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ياشىغانلىقىدىن سۈر بېسىپ ئۆزلىرىنى ئىنتايىن يىراق تۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر پايتەختى قارا بالغاسۇن قۇپقۇرۇق پېتى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇيغۇر خانزادىلەر بولسا ، بىرىنچى يۆنىلىش خانزادە ئۇيغۇر خەلقىنى باشلاپ ھازىرقى قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ بۈيۈك قاراخانىلار ئۇيغۇر سۇلالىسىنى قۇرىدۇ، ئىككىنچى يۆنىلىش خانزادە خەلقى بىلەن تۇرپانغا كېلىپ تۇرپاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ بۈيۈك ئىدىقۇت ئۇيغۇر سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئۈچىنچى يۆنىلىشتە ماڭغان ئۇيغۇر خانزادە كەڭسۇ (ھازىرقى گەنسۇ) دىيارىغا كېلىپ، ئۇ يەردە بۈيۈك كەڭسۇ ئۇيغۇر سۇلالىسىنى قۇرىدۇ. تۆتىنچى خانزادە بولسا خەلقىنى باشلاپ ئەينى ۋاقىتتا تاڭ خانلىقى ئۇيغۇر ئورخۇن ئىمپىرىيىسىگە بوغۇلغان قەرزىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن تاڭ خانلىقى زىمىنى بولغان سەددىچىننىڭ ئىچىگە كىرىپ تاڭ پادىشاھىغا قەرزنى دەرھال قايتۇرۇشقا بۇيرىيدۇ ،ئەپسۇس رەزىل ھىيلىگەر تاڭ خانلىقى ئۇلارغا قەرزنى دەرھال قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ۋە ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالغاندەك قىياپەتتە كېچىسى ئۇلارغا زەھەر بېرىپ نامەرتلارچە قەست قىلىپ يوقىتىدۇ.
3 . موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق غالچا ‹پادىشا› ـــ ئاباق غوجا   ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا ئىشان بولۇپ ، مىلادىيە 1626-يىلى لەنەتتەككۈر دادىسى ئۇيغۇر سەئىدىيە سۇلالىسى تەۋەسىگە پالچىلىق قىلغىلى چىگرا سىرتلىرىدىن كەلگەندە قۇمۇلدا تۇغۇلغان . دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ خۇجا مىلادىيە 1620 -يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن .  ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638-يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا ، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دادىسىدىن رەسمى سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان . 1667-يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ يەكەندە « ئىسھاقىيە » مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان جۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، ئاپپاق غۇجا ئۈزلىكسىز مۇرت كۆپەيتىش ، كۈچ توپلاش ۋە تەسىرى دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق ، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىنى پائالىيەتتىن ھالقىتىپ ، ھاكىميەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678-يىلى جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلەرنى باشلاپ كېلىپ ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنجى سۇلتانى ئىسمائىل خاننى ئاغدۇرۇپ ، تارىختا 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خۇجا خانلىقىنى تىكلەپ ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى .        ئاباق غوجا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋردە ، ئىلگىر كېيىن بولۇپ ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى. بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى . ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇقات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قىتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى .         ئاباق غوجا مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن يىلىغا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مىلادىيە 1679-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ ، غالچا يىگىت ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى .ئۇ يەنە  خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ ، مەسچت – مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈتەكخانىلارغا ئۆزگەرتتى ، قۇر ئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ ، مەدەنى مىراس ۋە تارىخى قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتتى . بۇنىڭغا نارازى بولغان  قارشى چىققان شەرىئەت پىشىۋالىرىنى ، دىنى ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى .② ئاپپاق غوجا مىلادىيە 1693-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بېشىدىكى بىر پەيشەنبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى . بىر كېچە-كۈندۇزدە يەكەندىن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ ، ھازىرقى ھەزرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان «مازارى شاھان» غا ئاپىرىپ دادىسىنىڭ ئايىغىغا دەپنە قىلىندى .
4 . تۈن بالىسى ـــ نىياز ھېكىم بەگ     پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ ، مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم -سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ ، نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ياقۇپ بەگ (بە دەۋلەت) نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ  تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپچىسىدۇر. نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىنى شۇنچە ئەتىۋارلىغان ياقۇپ بەگنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن « زوڭتۇڭ دارېن »  نىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى، ھېچ بولمىسا «چەنتو» لارنىڭ يېرىدە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا « زوڭتۇڭ دارېن» مىيىقىدا كۈلۈپ، «ئۆز پادىشاھىغا ئاسىلىق قىلغان كىشى ھامان بىزگىمۇ ئاسىلىق قىلىدۇ ،ئۇنى ئاپىرىپ تۇرمىگە تاشلاڭلار!» دەپ تۇرمىگە قامىغان. شۇندىن ئېتىۋارەن نىياز ھېكىمبەگ زىنداندا سۇنىڭ ئورىنىدا ھاراق ئىچىشكە ،ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان قورۇمىنى يىيىشكە مەجبۇر بولغان . شۇنداق قىلىپ 25 كۈن بولدى دېگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان ، زەي زىنداندا سېسىپ ،يىرىڭلاپ ،قۇرتلاپ ، بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان تېنىدىن جۇدا بولغان . ئۇنىڭ ئۈلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ ،كۈتەرتىپ يېڭىشەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ ،شۇ پېتى كۆمدۈرىۋەتكەن
5 . ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان ـــ ئەھمەد مەزىن        ئابدۇقادىر داموللام كېچىدە تەرەت ئالغىلى چىققاندا ئەھمەد مەزىن تەرپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرلىدۇ. ئەھمەت مەزىننىڭ ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بۇ دېلۇنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئەمەلدارلار(ئۆمەربەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار) شەھەر كاتتىسى تەرپىدىن سۈڭگۈتۈلگەن ئالتۇن يامبۇنىڭ كۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارلىماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ . ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كىرەكلىكى ، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئالاھىدە جىكىلىنىدۇ. لېكىن توختىماي قىلىنغان بۇ دەۋادىن زىرىككەن شەھەر كاتتىلىرى ئەھمەت مەزىننى تۆمۈر قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىۋېتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئىز قوغلىشىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز سۇنىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇنىڭغا قوشۇلماي پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنىمۇ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتىل ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ . لېكىن پەردە ئارقىسىدىكىلەر يەنىلا ئاشكارلانمايدۇ. قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئەھمەت مەزىن سولاقتىن بوشتىلىپ قويۇپ بىرىلىدۇ . بۇ قاتىل ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل -ئاھانەت ، دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي ، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ بېرىپ جان باقىدۇ . روھى جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئېلىشىپ قېلىپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى ، ھەتتا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېيىشكە باشلايدۇ . نەتىجىدە ئەنە شۇنداق ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆلىدۇ.  -1924يىلى ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ئۇنىڭ شاگىرتى ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯلىشىدۇ.

6 . شېڭ شىسەيگە ساداقىتىنى بىلدۈرگەن ـــ      ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﭘﻪﻳﺰﺍﯞﺍﺕ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩىنى ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﻳوﻗۇرﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻛﯩﺸﻰ ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺷﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺋﯘ 1934 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ  ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1935 – ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻟﻜﻪﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ« ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻛﻮﻧﻔﯩﺮﯨﻨﯩﻴﯩﺴﻰ » ﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﻼﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻡ شىڭ شىسەينىڭ « ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ » ﻧﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .        1936 ـ  ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﺪﺍ  ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﯞﺍﯓ ﺑﺎﯞﭼﻪﻧﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ «ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ئېكىسكۇرسىيە ﯞﻩ ﺯﯨﻴاﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﺩﺍ – ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎنلىقىنى ، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮىشى ﻻﺯىملىقى» نى ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﺷﯩﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 – ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﮔﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
7 .ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان شېڭ سىسەينىڭ سادىق غالچىسى ــــ روزى موللا           1933 ـ يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلىرىدىن ئەجەللىك زەربە يەپ، ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىۋاتقان شېڭ شىسەي تۇرپانغا كەلگەندە ، روزى موللا  شىڭ شىسەيگە غالچىلىق قىلىپ، ئېشەك مىنىپ ئالدىغا بېرىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنى « دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى» دەپ چاقىدۇ. شىڭ شىسەي بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13 -كۈنى سەبداشلىرى بىلەن باتۇرلاچە قۇربان بولىدۇ.
8 . لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ ھېكىم نۇر              ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دېگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل.مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكاىرلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپى  ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى ،  ل. مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم ل مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.
ئىزاھلار:
: ① ئابلىز مۇھەممەت سايرامى،«سۈي،تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر» 65~71-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىل 7-ئاي
: ② ئەخەت تۇردىنىڭ «بەخىتسىز سەئىدىيە» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى . : ③ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يازغان«بەدەۋلەت-ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى» ناملىق روماننىڭ 11-بابىدىن ئېلىندى.

http://bbs.bagdax.cn/thread-415-1-1.html

Share
1391 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.