logo

trugen jacn

ئۇيغۇر بۇلاق ناملىق كىتاب ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

 

ئالىمجان ئىنايەت

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر بۇلاق» ئاتلىق بۇ كىتاب ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگە تارىخنى سۆيدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر ئەسەردۇر. ئەدەبىي خاراكتېرلىك بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ناھايىتى جانلىق ۋەقەلىك ئارقىلىق ئاممىباب تىل بىلەن، گۈزەل ئەدەبىي ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندا كىشىگە مىڭلارچە يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر يېقىندىلا بولۇپ ئۆتكەندەك ھېس بېرىدۇ.

بولۇپمۇ بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ئۆسمۈرلىرىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شانلىق كەچمىشىگە قىزىقماي تۇرالمايدۇ، تارىخىمىز ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ، تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر ئوقۇشقا، ئىزدىنىشكە ئىنتىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مۇشۇ يەردە.

ئەسەر ئەدەبىي خاراكتېرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ بولمىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ يەردە غايىۋىلەشتۈرۈلگەن، بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن بىر تارىخ ھەققىدە بايانلارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ. ئەدەبىي ئۇسلۇب ۋە ئەدەبىي توقۇلما تارىخىي ۋەقەلەرنى يۈز بەرگەن تەرتىپ بويىچە بايان قىلىشقا ئىمكان بەرمەيدۇ. مەسىلەن 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇسۇلمان بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ پايتەخت قەشقەردە ئىسلام ھەققىدە مۇنازىرەلەرگە ئىشتىراك قىلىشى تارىخقا ئۇيغۇن بولۇشى ناتايىن. تەڭرىتاغ بويلىرىدىن بارغان بىر بۇتپەرەس ئۇيغۇرنىڭ ئۆتۈكەندىكى يەنە بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۇچرىشىپ مۇڭدىشىشىمۇ بىر ئېھتىماللىق مەسىلىسى.

ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭلىك، ھۆرلۈك ۋە ئادالەت دېگەندەك دۇنياۋى قىممەتلەردىن ئېغىز ئېچىشى پەقەتلا بىر تەسەۋۋۇر . ئەمما شۇنداق دۇنياۋى قىممەتلەرنى قۇچاقلاپ ياشىمىغان بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنگە قەدەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى ۋە شانلىق تارىخ يارىتالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇنداق تەسەۋۋۇرنى كىتابقا كىرگۈزۈش ۋە بۇنى ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش تامامەن زۆرۈرىيەت. چۈنكى يەر شارىدا بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار، دۇنياۋى مىللەتلەر قاتارىدا بىزنىڭمۇ دۇنياۋى قىممەت قاراشلار بىلەن پەرزەنتلەرنى قوراللاندۇرۇش بۇرچىمىز بار.

ئەسەردە پاراسەتلىك ھۆكۈمدارلار، باتۇرلار، ئالىملارنىڭ ئوبرازى ئۇچرايدۇ. بۇنداق تارىخى شەخسلەرنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى يارىتىش بەكمۇ زۆرۈر. پەرزەنتلەر شۇنداق ئوبرازلار ئارقىلىق تارىخنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، ئۆزىنى خان ئەۋلادىدەك، ئالىملارنىڭ ۋارىسىدەك، باتۇرلارنىڭ ئىزباسارىدەك ھېس قىلىپ كۆڭلىدە ئۇلارنى تىرىلدۈرۈپ تەقلىد قىلىدۇ، بىللە ياشىيالايدۇ ۋە خىيالەن مۇڭدىشىپ شۇلاردەك ئادەم بولۇشقا تىرىشىدۇ.

ئەسەردە يەنە «خوتەندىن كەلگەن تۇپراق »، «ئۇيغۇر بۇلاقنىڭ خىسلىتى» قاتارلىق ماۋزۇلاردا ۋە كارىزنىڭ قېزىلىشى، تۈمەن دەرياسىنىڭ ئىسمى، كۆنچى ۋە ئىلى دەريالىرىنى مەزمۇن قىلغان تارىخى ھېكايىلەر بېرىلگەن بولۇپ بۇ ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئەۋلادلار ئۆزىنى ئانا يۇرتىغا باغلايدۇ. بۇنداق تەسىرلىك ۋەقەلەر پەرزەنتلىرىمىزدە ۋەتەن سۆيگۈسى يېتىلدۈرىدۇ. ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈ ۋە غۇرۇر يېتىلگەندىلا ئاندىن ئۇلار دائىم ئۆزىنى ۋەتەنگە مەسئۇلىيەتچان ھېس قىلىدۇ.

ئەپسۇسكى، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ”بىلگە قاغان“ ناملىق بىر قاغاننىڭ ئىسمى خاتا بولۇپ قالغان. بىلگە قاغان ئۇ دەۋردە تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇنۋان بولۇپ مەلۇم بىر شەخسنى ئىپادىلىمەيدۇ. كىتابنىڭ كېيىنكى نەشرىدە بۇ كەمچىللىك تۈزىتىلسە دېگەن ئۈمىدتىمەن .

ئەسەردە تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بەزى رەسىملەرمۇ ئىشلىتىلگەن. 43-بەتتىكى رەسىم ئىپارخاننىڭ رەسىمى بولۇپ بۇ ۋەقەلىكتە بايان قىلىنغان ئىسكەندەر ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. 69-بەتتىكى رەسىم تىبەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. 93-بەتتىكى رەسىم ئوسمانى قوشۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

قىسقىسى، بۇ ئەسەرنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە تارىخنى سىڭدۈرۈش، سۆيدۈرۈش، ئۇلارنى تارىخقا قىزىقتۇرۇش مەقسىتى بىلەن يېزىلغان ئەدەبىي خاراكتېرلىك بىر ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئەسەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە كۈچلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە «بۈيۈك بىرلىك، بۈيۈك ئۇيغۇر» دېگەن ئاڭنى يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇۋەلى ئەپەندىنى تەبرىكلەيمەن.

ئالىمجان ئىنايەت

2020-يىل 6-ئاينىڭ 19-كۈنى

Share
7642 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.