logo

trugen jacn

ئۇيغۇر بۇلاق تىن ئوخچىغان ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى

 

سەمەت ئابلا

”ئۇيغۇر بۇلاق“ نىڭ نەشىردىن چىققانلىق خەۋىرى مېنى خۇشال قىلغان ئىدى. كېيىنچە بۇ كىتاپ ھەققىدە ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا بولۇنغان بەس- مۇنازىرىلەر قىزىقىشىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى. مانا ئاخىرى ئوقۇپمۇ چىقتىم.

خۇددى كىتاپنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا پروففېسور،دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بىز ئۆز تۇپرىقىمىزدا ياشاپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى تارىخىنى ئۈگۈنۈش، ئۆز كىملىگىمىز ئۈستىدە چۇڭقۇر ئىزدىنىش، تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىرىمىزدىن ئىبرەت دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدۇق. مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تارىخى ئۇقۇشلىغىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. بۇمۇ ئاخىرقى ھېساپتا بىز دۇچار بولغان رەزىل مۇستەملىكىچى تۈزۈم ۋە قانخور خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مىللىتىمىزگە قىلغان ھىساپسىز زىيانكەشلىكلىرىدىن بىرى خالاس. بۈگۈن چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسىۋاتقان، ۋەتەننى كۆرۈپ باقمىغان پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىلەش،ۋەتەننى ۋە تارىخىمىزنى ئۇيغۇن بىر شەكىلدە ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش ھەم ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان، ھەم بېشىمىزنى قاتۇرۋاتقان بىر مەسىلە. بولۇپمۇ مىللى مەۋجۇتلىغىمىز ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالغان بۈگۈنكىدەك خەتەرلىك پەيتتە بۇ تېخىمۇ مۇھىم. ئۆزىنى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئانا تىل مائارىپىنى قانات يايدۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ئىشتا يەنە باشلامچى بوپتۇ،سۈيۈندۈم. بىر مىللەت ھەردائىم يول ئاچقۇچى پىدائىلارغا مۇھتاج. يول ماڭغاندىن كېيىن ئېچىلىدۇ،راۋانلىشىدۇ. مەن ئاۋۋال ئابدۇۋېلى ئايۇپقا، بۇندىن بۇرۇن ھىچ قىلىنمىغان، ئەمما ھازىر قىلىنىشى ئىنتايىن زۈرۈر بولغان – بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخ ئوقۇشلىغى تەيارلاش ئىشىدا باشلامچى بولغانلىغى ۋە سەرپ قىلغان ئەجىر-مېھنىتى ئۈچۈن ھۇزۇرىدا رەخمەت ئېيتىمەن!

”ئۇيغۇر بۇلاق“ ئۇيغۇرلۇققا تۇتاشقان يولدۇر

”ئۇيغۇر بۇلاق“ تا يوللار ھىكايىلەر ياردىمىدە ئۇيغۇر بۇلاققا، ئوپالغا،قەشقەرگە، تارىم-تەكلىماكانغا، ئۇتۈكەن يايلاقلىغا ۋە يىراق رىم ۋە ماكىدونىيەلەرگە تۇتىشىپ كېتىدۇ. ھىكايىلەردە ئۇيغۇرنىڭ مەنىسى، قانداق بولۇپ مىللەت بولغانلىغى ،نەدىن كەلگەنلىگى، قەيەرلەردە ياشىغانلىغى، ئۇيغۇرلار ياشىغان دالا-سەھرالار، بېسىپ ئۆتكەن تاغ-داۋانلار، يۇرت-شەھەرلەر بايان قىلىنىدۇ.

دەرۋەقە، بۇنىڭدىن ئىككى-ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇنقى تارخىمىز ھەققىدە يازما خاتىرلەر ئىنتايىن كەمچىل، بولسىمۇ كۆپۈنچە ياتلارنىڭ قالدۇرغان پارچە-پورات خاتىرلىرى.بولۇپمۇ تارىخمىزدا ئۆتكەن بۈيۈك سىمالىرىمىزدىن بولغان فارابى، مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس خاجىپ ۋە باشقا بىرمۇنچە شەخسلەرنىڭ شەخسى ھاياتى-پالىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلار يوقنىڭ ئۇرنىدا. شۇنداق بولغاچقا، ئاپتور ”ئۇيغۇر بۇلاق“ تا، تارىخى ۋەقەلەر ۋە تارىخى شەخسلەرگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھىكايە-رىۋايەتلەر نى تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ توقۇغان، ئەمىلىيەتتە بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ باشقىچە بىر چارىسىمۇ يوق.

دەرۋەقە،ئۇ زامانلاردا تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن، ئالېكساندىر ماكىدونىسكىنىڭ قەدىمقى يۇنان شەھەرلىرىدە سودىگەر ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىمۇ بىر خىيال. ئەمما بىز ئۇيغۇرلار، شۇ تارىم ۋادىسىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلاتلىرى، قەدىمدە تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز سودىدىكى ماھىرلىغى بىلەن داڭ چىقارغان ۋە سودا قىلىش ئۈچۈن جاھاننىڭ يىراق يەرلىرىگە بارغان. ئىنسانلارنىڭ يىراق قەدىمقى تارىخى ھەمىشە ئەپسانە-رىۋايەتلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلارغا تارىخى چىنلىققا، ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇش دىگەن تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ. خۇددى قەىمقى يۇنان ئەپسانا-رىۋايەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ”ئوغۇزنامە“ ”چىن تۆمۈر باتۇر“ داستانلىرىغا ئوخشاش.

بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، ۋەتەننى كۆرۈپ باقمىغان،“ئۇيغۇر“ لۇق چۈشەنچىسى پەقەتلا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۆزى ئۇچراشقان ساناقلىق ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلەنگەن چەتئەلدىكى پەرزەنتلىرىمىزنى يىپ-يېڭى ۋە تولۇمۇ كەڭ بولغان بىر ئۇيغۇرلۇق دۇنياسىغا باشلاپ كىرىش، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىگەن بىر مىللەتكە مەنسۇپلىغى، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ دۇنيانىڭ قەيىرىدە ئىكەنلىكى، ئەجداتلىرىنىڭ كىم بولغانلىغى، تارىختا قانداق ياشاپ ئۆتكەنلىكى … ھەققىدە ئەڭ دەسلەپكى بىلىم ۋە تەسىراتقا ئىگە قىلىش. بۇ نۇقتىدىن ئويلىغاندا، ”ئۇيغۇر بۇلاق“نى مۇشۇ يولدا بېسىلغان مۇھىم ھەم ئىجابى بىر قەدەم دىيىشكە بولىدۇ.

”ئۇيغۇر بۇلاق“ – ئۇيغۇرلۇققا ۋە ئۇيغۇر مىللى روھىغا ئۇقۇلغان مەدھىيەدۇر!

تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز بۇندىن ئۈچ مىڭ يىللار بۇرۇن تەكلىماكان ئىتەكلىرىدە شەھەرلەرنى بىنا قىلغان،يېزىق ئىشلەتكەن ۋە ئۆزگىچە بىر تارىم بوستانلىق مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە قۇدرەتلىك ۋە مەدەنى سانىلىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەر تېخى ئىپتىدائى بىر ھاياتتا ياشاۋاتقان ئاشۇ قەدىمقى دەۋرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئەجداتلىرىمىز ئېرىشكەن بۇ مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە دىيىشكا ئەرزىيتتى. مىلادى 700 -يىللارنىڭ ئۇترىلىرىدا، ئۆتۈكەن دالىسىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز زور بىر كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە كىرىپ كەلدى. ئۇيغۇر نامى بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇردى، ئۇيغۇر نامى بىلەن يېزىق ئىشلەتتى. ساندا ئۆزلىرىدىن نەچچە ئۇن ھەسسىلەپ كۆپ بولغان،ئەينى زاماندا ئۆزىنى ئاسىيادا ئەڭ قۇدرەتلىك سانايدىغان خىتاي(تاڭ سۇلالىسى) نى ئۆزلىرىگە تىز چۆكتۈردى. بۈگۈن بۇلارنى سۆزلەش ئادەمگە خۇددى چۈشتەك، رىۋاياتتەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىختا راست بولغان ئىشلار ئىدى. ”ئۇيغۇر بۇلاق“ تا تارىخىمىزدا ئۇيغۇرلۇق – قۇدرەت، مەدەنىيەت ۋە شان-شەرەپ سانىلىدىغان ئاشۇ سەلتەنەتلىك دەۋرنى يورۇتۇشقا ئالاھىدە ئورۇن بېرىش بىلەن بىللە،تېخىمۇ مۇھىمى، ئاشۇ ھۆرلۈك، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە سەلتەنەتنىڭ بەرپا بولۇشىغا خۇرۇچ – مەنبە بولغان ئۇيغۇر مىللى روھىنىڭ جەۋھىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىغىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پەۋقۇلاددە كۈچ سەرپ قىلىنغان. كىتاپتىكى، مەڭگۈ تاشلارغا باغلانغان بايانلار، تارىملىق ئۇيغۇر بىلەن ئۆتۈكەنلىك ئۇيغۇرنىڭ مۇنازىرىسى، ئۆتۈكەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ئۇيغۇرلىرىنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇشلار ، ئۆتۈكەندىكى ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىنكى چوڭ كۆچ ۋە ئۇلار كۆچۈپ بارغان يەرلىرىدە قۇرغان دۆلەتلەر مۇشۇ تېمىغا بېغىشلانغان. كىتاپتا، بۈيۈك ئىستالاچى ئلېكساندېر ماكېدونىسكىنىڭ ئۇرۇشتا ئۇيغۇرلاردىن يېڭىلگەندىن كېيىن تارىخچىسىغا يازدۇرغان تۆۋەندىكى قۇرلار ئۇچرايدۇ:

”دۇنيا بىلسۇنكى ئۇلار ئۇيغۇرلاردۇر، ئۇلار ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئاتىدۇ. ئۇلار ھىچكىمگە بېقىنماي مۇستەقىل ياشايدۇ،ئۆزىنىڭ ئۇزۇقىنى ئۆزى تاپىدۇ، بۇلارغا ئۇچرىغان ئوۋ ئامان قالمايدۇ، بۇلارغا چېقىلغان دۈشمەن يېڭىلىدۇ. ئۇيغۇرلار باشقىلارغا موھتاج بولمايدۇ، باشقىلارنىمۇ موھتاج قىلمايدۇ. ئۇلار تەڭلىكنى تەڭرىدەك ئۇلۇغلايدۇ، شۇڭا يا باشقىلارنى قۇل قىلمايدۇ، ياكى باشقىلارغا قۇل بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، ئەركسىز ياشاشتىن قورقىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرنى ئۇرۇشتا يەڭگىلى،ئەسىر ئالغىلى بولمايدۇ“.

بۇ سۆزلەر گەرچە ئالېكساندېر ماكېدونىسكىنڭ تىلىدىن بېرىلگەن بولسىمۇ ئەمىليەتتە، بۇنى، شۇندىن مىڭ يىل كېيىن ئۆتۈكەندە قۇرۇلغان قۇدرەتلىك ئۇيغۇر ئىمپېريەسىنى قۇرغان ئۇيغۇرلاردا يېتىلگەن ۋە بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېڭىغا سىڭگەن مىللى روھنىڭ يىغىنچاقلانغان جەۋھىرى دىيىشكە بولۇدۇ.

بۇندىن باشقا كىتاپتا يەنە،بىلگە قاغاننىڭ :“ بىز كۆك تەڭرىنىڭ قوڭۇر يەردىكى ئەركىلىرى بىز. بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن مىللەت. بىز ۋەتەن، تەڭلىك، ئادالەت ۋە سۆيگۈ ئۈچۈن ياشايدىغان مىللەت. بىز ئۇيۇشقان ئۇيغۇر….“ دىگەن سۆزلىرى شۇنىڭدەك، توقۇلما ئوبراز- تەڭرىتاغلىق دانىشمەن ئەندىرنىڭ تاش كىتاپ(مەڭگۈ تاش) لاردىن نەقىل ئالغان:

”زېمىندا بىر ئۇيغۇر قۇل بولسا،پۈتكۈل ئۇيغۇرلار قۇلدۇر“،“ ئۇيغۇر ياشىسا ھۆر ياشايدۇ،ئۆلسە ھۆرلۈك ئۈچۈن ئۆلىدۇ“، ”بىر ئۇيغۇرنىڭ پۈتىغا تىكەن كىرسە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى قانايدۇ “ ،“ ئوردا كۈل بولسا بولسۇن، ئۇيغۇر قۇل بولمىسۇن“… دىگەندەك دۇردانە سۆزلەر ۋۇجۇدىمىزنى لەرزىگە سالىدۇ.

پەرزەنتلىرىمىزگە ئەجداتلىرىمىزنى ھۆرلۈك، قۇدرەت ۋە كۈچلۈك ھاكىميەتكە ئېرىشتۈرگەن مىللى روھنىڭ نىمىگىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىمۇ شۇ خىل روھ بىلەن يېتىشتۈرۈش بىزدەك ئۇزۇن مۇددەت قۇللۇق ئاسارىتىدە ياشىغان ۋە ھۆرلۈك، مۇستەقىللىقنى ئارمان قىلىۋاتقان مىللەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

”ئۇيغۇر بۇلاق“ يەنە – بىز بىر زامانلار يوقاتقان ۋە بۈگۈن ئەڭ مۇھتاج بولغان ”ئۇيغۇرلۇق“ ھەسرىتىدۇر!

تارىختا ئورتاق بىر مىللى كىملىك ئاستىدا ئۇيۇشقان قەبىلە-خەلىقلەرنىڭ رەسمى بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە ئېنىق بىر مىللەت نامى بىلەن ئاتىلىشى ئۇزۇن جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتى. مەسىلەن، بۇندىن 1000 يىللار بۇرۇن ھازىر دۇنيادا بىز كۆرۈپ تۇرغان مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. تېخىمۇ ئېنىقىنى دىسەك، ئۇلار ھازىر بىز بىلگەن مىللەت-دۆلەت ناملىرىدا ئاتالمايتتى. 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا كېيىنچە، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيادا مىللى ئويغىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ يات مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسىدە ياشىغان مىللەتلەر ئۆزىنىڭ يىلتىزى – كىملىگىنى ئىزدەشكە باشلىدى، نەتىجىدە يېڭى ناملار بىلەن ئاتالغان مىللەتلەر بارلىققا كەلدى، كېيىنچە بۇ يېڭى مىللى دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول ئاچتى. بۇنىڭدىن كۆرۈش مۈمكىنكى،بىر مىللەتنىڭ بارچە ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان، شۇ مىللەتكە خاس مىللى كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كۈچلىنىشى، مەدەنىيەتنىڭ، ئويغاقلىقنىڭ، ئۇيۇشقانلىقنىڭ، كۈچلەنگەنلىكنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بىر مىللى دۆلەت ئاشۇنداق كۈچلۈك مىللى كىملىك ئاستىدا ئۇيۇشقان مىللەتلەرگە نېسىپ بولىدۇ.

ئۆتۈكەندە ياشىغان ئەجداتلىرىمىز،بۇندىن 1300 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر مىللى كىملىگى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتپاقىنى تەشكىل قىلغان ۋە شۇ ئاساستا كۈچلۈك ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ ”ئۇيغۇر“ نامى ھەم بىر مىللەت(قەۋىم) ھەم دۆلەت(ئەل) نامى بىلەن ئاسىيانىڭ مەركىزىدە جەۋلان قىلدى. كېيىن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مۇڭغۇل ئمپېريېسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىنىشى ۋە ئىمپېرىيەدە خىزمەت قىلغان مەلۇماتلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ بولىشى سەۋەپلىك ”ئۇيغۇر“ نامى تېخىمۇ يىراق جايلارغا تارالدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئارىدىن ئاز كەم 1000 يىل ئۆتۈپ، ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامى تامامەن ئۇنتۇلدى. مىللى كىملىك تۇيغۇمىز يوقالدى،ئەينى دەۋىردە بىزنى ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چاپتۇرغان،زىمىنىمىزغا كۆز تىككەن ياۋلاغا قارشى شىردەك ئېتىلدۇرغان،نۇمۇسلۇق قۇللۇقتىن شەرەپلىك ئۆلۈمنى ئەلا بىلىدىغان…مىللى روھ ئۆلدى. ئاقىۋەتتە، ئىچكى نىزاغا پاتتۇق، تاجۇ-تەختىمىز گۇمران بولدى، ياتلارغا قۇل بولدۇق. بۇنىڭ سەۋەپلىرى كۆپ ۋە مۇرەككەپ. ”ئۇيغۇر بۇلاق“ تا ئاپتور،ئۆتۈكەنگە قېچىپ بارغان تارىملىق بۇددىست ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتۈكەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سۆھبەت مۇنازىرلىرى، تەڭرىتاغلىق دانىشمەن ئۇيغۇر ئەندىرنىڭ تارىملىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلارغا زۇلۇم قىلغان دۈشمىنىگە قارشى ھۆرلۈك كۈرىشىگە چاقىرىش جەريانىدىكى بايانلىرى ۋە يەنە تارىم باغرىدىكى تاغلىق راھىپلار بىلەن شەھەرلىك راھىپلار ئوترىسىدا يۈز بەرگەن ئىچكى نىزا، جەڭگى- جىدەللەر ئارقىلىق تارىخمىزدىكى بۇ چۈشكۈنلۈك ۋە چېكىنىشنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدىكى ئوي-قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مېنىڭچە بولغاندا بۇ بايانلار يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئەۋج ئالغان ئاق تاغلىق- قارا تاغلىق خوجا-ئىشانلار جىدىلى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە سەئىدىيە خانلىقنىڭ گۇمران بۇلغانلىقى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىمىزنىڭ شۇنىڭدىن باشلانغانلىقىغا ھەم ماس كېلىدۇ. چۈنكى، بۈگۈن بېشىمىزغا كەلگەن بۇ پاجىئەنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە ئاخىرقى 350 يىللىق قان- ياشلىق تارىخىمىزنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئۇيغۇر، مۇناپىق ئاپپاق غوجا ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان تەرىقەتچى سوپى- ئىشانلارنىڭ ۋەتەنگە-مىللەتكە قىلغان خائىنلىقى ۋە ئېلىپ كەلگەن بالايى- ئاپەتلىرىنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. ئەمما، ئادەمنى تولۇمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى، بۈگۈن ۋەتەندە خەلقىمىز ئۇيغۇر بولغانلىغى ئۈچۈنلا،خىتايلار تەرىپىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، مىللەت سۈپىتىدە يوق بولۇپ كېتىش خەۋىپىدە تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا بىر قىسىم كىشلەر ئۇيغۇر كىملىكىمىز ئۈستىدە تالاش-تارتىشلار قىلۋاتىدۇ ھەتتا ئۇيغۇر كىملىكىمىزنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز بۈگۈن،ئۇيغۇر كىملىكىگە ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك مۇھتاج!

”ئۇيغۇر بۇلاق“ چەتئەلدە ئۆسىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان، شۇنداق بولغاندىكىن كىتاپنى بالىلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنەلىشى ئىنتايىن مۇھىم. مەن 10 ياشلىق قىزىمغا ”ئۇيغۇر بۇلاق“ نىڭ بەزى يەرلىرىنى ئاستا ئوقۇپ بەردىم، بەزى يەرلىرىنى ئۆزىگە ئوقۇتتۇم ۋە قانچىلىك چۈشەنگەنلىكىنى سورۇدۇم. دەسلەپ ئانچە چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى، مەن قايتا ئۇقۇپ بېرىپ ۋە ئاز-تولا قۇشۇمچە ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن ئاندىن چۈشەندى. شۇنداق قىلىپ،ئوپالنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگى، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ كىم ئىكەنلىگى، ”دىۋان“نىڭ قانداق كىتاپلىقىنى بىلىۋالدى. بۇنىڭدىن ھىس قىلدىمكى،مېنىڭ قىزىمنىڭ يېشىدىكى، ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسى ياخشى بولغان بالىلار تارىخىمىزنى بىلىدىغان ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا كىتاپنى چۈشىنەلەيدىكەن، بولمىسا قىيىن كېلىدىكەن.

باشتا دەپ ئۆتكەندەك ”ئۇيغۇر بۇلاق“ مۇشۇ ساھەدە يۇرۇق كۆرگەن تۇنجى ئەسەر. شۇنداق بولغاچقا كىتاپنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىنى، ھەممە كىشىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشىشنى كۈتۈش مۈمكىن ئەمەس. مەن كىتاپتا ساقلانغان ۋە كېيىنكى قىسىملىرىنى تۈزۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بىر قانچە نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن:

بىرىنچى،كىتاپ بالىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قىزىقارلىق تۈزۈلىشى كېرەك. بۇنىڭدا باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ ئالقىشلىق كىتاپلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش. ئۇندىن باشقا كىتاپقا رەسىملەرنى كۆپ كىرگۈزسە بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولۇدۇ. تەيار، مۇۋاپىق رەسىم تېپىلمىسا ئۇيغۇر رەسساملارغا سىزدۇررۇش مۈمكىن.

ئىككىنچى، كىتاپنىڭ تىلىنى يەنىمۇ ئاددى، ۋە يەڭگىل قىلىش كېرەك، بولمىسا بالىلارنىڭ ئوقۇپ چۈشۈنىشى تېخىمۇ تەس بولۇدۇ.

ئۈچۈنچى، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىنى، تارىخى تەرتىپ بويىچە تۈزمەستىن، دەسلەپكى قەدەمدە، تارىخمىزدىكى مەشھۇر شەخىسلەر ۋە ۋەقەلەرنى ئايرىم – ئايرىم ھىكايەلەشتۈرۈپ چىقىش، بالىلار بۇنى ئۈگۈنۈپ بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى قەدەمدە مەلۇم بىر دەۋرنى بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ دەرسلىك تۈزۈش، ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىنى تەيارلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۆتىنچى، ”ئۇيغۇر بۇلاق“ تا،بالىلار چۈشىنىشى قىيىن بولغان بىر بۆلۈك ۋەزنى ئېغىر دىيالۇگلار، ئۇزۇن بەس- مۇنازىرىلەر ۋە چوڭلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرقىسىم مۇلاھىزىلەر يەر ئالغان. بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىدا، ھىكايە سۆزلەش ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلىشنى، ۋەزنى ئېغىر مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىلەرنى مۈمكىن قەدەر كىرگۈزمەسلىك ياكى بەك ئاز كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلىمەن.

بەشىنچى،بالىلار ئۈچۈن تارىخ كىتابى تۈزۈش كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ۋە مەسئۇليىتى ئىغىر بىر ئىش. شۇڭلاشقا، كىتاپنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى تۈزۈشتىن بۇرۇن ۋە يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدە يېتىشكەن كىشلىرىمىز ۋە مائارىپ ساھەسىدە تەجىربىسى مول ئادەملەردىن پىكىر ئېلىش ئويلۇشۇپ كۆرۈلسە دەيمەن.

ئاخىردا، كىتاپ ئاپتورىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادى ئەمگەكلىرىگە ئۇتۇقلار تىلەپ سۆزۈمنى تاماملايمەن.
2020- يىل 7 – ئاي، نورۋېگىيە
Share
5877 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.