logo

trugen jacn

 «ئۇيغۇر بۇلاق»تىكى ئۇيغۇرلۇق

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

1

بالىلىق چاغلىرىمدا ئۆيىمىزگە ئابدۇقادىر ئىسىملىك بىر كىشى كەلگەن ئىدى.  ئۇ ئادەم چۆچەك، ھېكايىلەرنىڭ ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ  قامۇسى ئىدى. ئېيتسا-ئېيتسا ھېكايىسى تۈگىمەيتتى. ھەر كۈنى يېڭى ھېكايە ئېيتاتتى. مەھەللىمىزدىكىلەر چوڭلاردىن تارتىپ كىچىكلەرگىچە ئۇ ئادەمنىڭ ھېكايە، چۆچەكلىرىگە خۇمار بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئادەم مەھەللىمىزدە ئىككى يىل تۇردى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ھېكايە ۋە چۆچەكلىرى بىلەن ھۆرمەت تېپىپ، چىرايلىق مېھمان بولۇپ، يۇرتىغا قايتتى. مەن « ئۇيغۇر بۇلاق»نى ئوقۇۋېتىپ بالىلىق چاغلىرىمدا ئاشۇ ئادەمدىن ئاڭلىغان  ھېكايە، چۆچەكلەر ئېسىمگە كەلدى. ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا ئاڭلىغان ئاشۇ ھېكايە، چۆچەك ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى تېخىچە يادىمدا ئىدى. مەن كېيىنكى ھايات مۇساپەمدە ئاشۇ بالىلىق چاغلىرىمدا ئاڭلىغان ھېكايە، چۆچەك ۋە رېئالنى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا ئىگە، تەسۋىرلەرگە باي چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەر ۋە ۋەقەلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. گەرچە بۇ ھېكايە، چۆچەك ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەينى چاغدا چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ، ئەمما بۇلار ھېكايە سۆزلەش ۋە چۆچەك ئېيتىش شەكلىدە ئېيتىلغان بولغاچقا، ماڭا ناھايىتى قىزىقارلىق تۇيۇلغان، ئېسىمدىمۇ ئاسان قالغانىدى. بىراق كېيىنكى ھاياتىمدا بالىلىق قەلبىمگە ئۇيۇپ كەتكەن ئاشۇ ئادەمدەك ھېكايىچى بىر ئادەم ئۇچۇرمىدى ياكى تارىخىمىز، رېئاللىقىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بالىلارغا خاس ھېكايە شەكىلدە يېزىلغان بىرەر ھېكايە كىتاب  مەيدانغا كەلمىدى. بالىلىرىمىز چوڭلارغا ئاتاپ يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇپ چوڭ بولدى. مەكتەپلەردىكى  بالىلارغا ئاتالغان ئەسەرلەر باشقا  مىللەتلەرگە ئائىت ھېكايە، چۆچەك ۋە مەسەللەر بولدى. ئۆز خەلقىمىزنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر نامىنى، ئۇيغۇرلۇق روھىنى ھېكايە شەكىلدە ئاممىباب تىل بىلەن تەسۋىرلەيدىغان ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە زار بولدۇق.

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقى ئېغىز ئەدەبىياتىغا ناھايىتى باي خەلقتۇر. خەلقىمىز تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ مۇرەككەپ تارىخىي ۋەقەلىرىدىن تارتىپ، ئادەتتىكى ئوي خىياللىرىغىچە ھەممىسىنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھېكايە، چۆچەك، داستان، شېئىر، قوشاق شەكىللىرى بىلەن بايان قىلىشقا  ئادەتلەنگەن. خەلقىمىزنىڭ تەپەككۈرىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسلۇبقا كۆنگەن. ھەتتا بىز تەربىيەلەنگەن مائارىپمۇ مۇشۇ خىل شەكلىگە ئۇيغۇنلاشقان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا « ئۇيغۇر بۇلاق» نامىدا تارىخىي ۋەقەلەرنى ئاممىباب ئۇسلۇبتا بالىلارنىڭ تىلى بىلەن ھېكايە شەكىلدە بايان قىلغان بىر ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى، مۇشۇ تىپتىكى ئەسەرلەرنىڭ يەنە تۈركۈملەپ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە ھېكايىنى تارىخ دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ ئىلمىي نۇقتىدىكى تارىختىن پەرقلىنىدۇ. لېكىن « ئۇيغۇر بۇلاق» تا تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلەشتۈرۈلگەن تارىخ يەنىلا ئۇيغۇر تارىخنىڭ، ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇنى ياش ئەۋلادلارنىڭ روھىيىتىدە ساقلاش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلۇق تەشەببۇس قىلىنغان «ئۇيغۇر بۇلاق»قا ئوخشاش ئەسەرلەرگە موھتاج بولۇمىز. ئۇيغۇر كىملىكى ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيتى، ئۇيغۇر كۈلتۈرى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە دىننىي ئېتىقادىنىڭ يىغىندىسىدۇر، ئۇنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئۇيغۇرلۇقتۇر.

2

«ئۇيغۇر بۇلاق»نى ئوقۇش جەريانىدا، «ئۇيغۇر بۇلاق»نىڭ بىر ئاتىنىڭ بالىسىغا ئۇيغۇرلۇق ھەققىدە قىلغان خىتابى، ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدىكى نەسىھەتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ھەرقانداق ئاتا پەرزەنتىنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان مىللىي كىملىككە ۋارىسلىق قىلىشىنى ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىغا داۋاملاشتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاتا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر زامان ئۆزىنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنى ۋە كىتابتىن ئالغان بىلىمىنى بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل كىملىكىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنى  ئىزچىلىققا ئىگە قىلىشتا  بالىلار ئوقۇشلۇقىغا تايىنىدۇ. بولۇپمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىدەك ئۇيغۇرلۇق مەدەنىيەت مۇھىتى تار بولغان شارائىتتا، بالىلار كىتابى بالىلارغا ئۇيغۇرلۇقنى ئۆگىتىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتىدۇر.

«ئۇيغۇر بۇلاق» ئانچە چوڭ بولمىغان كىتاب بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم ۋەقەلەرنى، تارىخىي جەريانلارنى، كۈلپەتلىك كەچمىشىنى،  دۆلەتسىز قالغان بىر مىللەتنىڭ  روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارنى ۋە بىر قىسىم تارىخىي شەخسىلەرنىڭ قەھرىمانلىق قىسسىلىرىنى  بالىلارغا  ھېكايە سۆزلەش ئۇسلۇبى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن. كىتابتا بالىلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن قىممەتلىك مەزمۇنلار بار. بىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن  ئىنسانلىق قەدىر قىممىتىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى، ھۆر، ئەركىن ھاياتىمىزنى، ئەجدادلىرىمىز ياشىغان، مەدەنىيىتىمىز بەرپا بولغان تۇپرىقىمىزنى، مىڭ يىللاردىن بېرى روھىيىتىمىزگە تۈرۈك بولغان دىنىمىزنى قوغدىيالايدىغان جاسارەت، ھەق ۋە ئادالەتنى قوغدىيالايدىغان قانۇنىي ئاڭنى بالىلىرىمىزغا ئۆگىتىشىمىز كېرەك. «بىزدە ئەر دېگەن سۆز ئەسلى ئىنسان دېگەنلىك بولىدۇ. ئەرك دېگەن سۆز ئەردىن كەلگەن بولۇپ، ئىنسانىيلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. ئەرك بولمىغان، ھۆرلۈك بولمىغان يەردە ئەرلىك بولمايدۇ، ئەركىن بولمىغان ئىنسان ئىنسان ئاتالمايدۇ. بىز ھۆر يارالدۇق، ھۆرلۈكتە ياشايمىز. بىز دۇنياغا تاراپ مال ساتىمىز، ئەمما  ئەل ساتمايمىز. چۈنكى ئەل دېگەنلىك تىلىمىزدا دۆلەت، مىللەت، ۋەتەن دېگەن مەنىدە. بىز تىلىمىزدىن چىققاننى تىلخەت دەيمىز، كېڭەشتىن چىققاننى قانۇن دەيمىز، شۇڭا تىلىمىزنى كەسسەڭمۇ تىلخەتتىن، قېنىمىزنى ئىچسەڭمۇ قانۇندىن ۋاز كەچمەيمىز. بىز ھۈنەرنى، تاۋارنى، مالنى سوغا قىلىمىز، ئەمما باشقىلارغا ئىنسان يوللاپ سوغاتلاشمايمىز. بىز ئۈچۈن بۆشۈكتىكى بوۋاقتىن تارتىپ، قەبرىدىكى ئۆلۈككىچە ئوخشاش قىممەتلىك. بىزگە ئىنساننىڭ جېنى، تېنى، ئېتىقادى، مال ۋە نومۇسى چېقىلغۇسىز مۇقەددەستۇر. سەن مەندىن قىرىق مىڭ ئۇيغۇر قۇل تەلەپ قىلىپسەن. ئۇيغۇر تىرىكلا بولسا ئەردۇر، ئەركىندۇر، ھۆردۇر، ھەرگىز قۇل بولمايدۇ. بىز ھەممىمىز سامادىن تەڭرىتاغقا ساقىغان يۇلتۇزلارمىز. بىز تارىمغا ياققان يامغۇر، تەكلىماكانغا ئۈنگەن يۇلغۇنمىز. بىز بۇ يەرنىڭ، ئاسماننىڭ، سۇنىڭ، ۋە ھاۋانىڭ ئىگىسى، ئەمما ھېچكىم بىزنىڭ ئىگىمىز ئەمەس. بىز ھەق سۆزگە باش ئېگىمىز،  ئۆتكۈر قىلىشقا ئەمەس. بېشىمىزنى قىلىچ بىلەن ئەگمەكچى بولساڭ قىلىچ بىلەن جاۋاب بېرىمىز». مەنچە يۇقىرىدىكى بايانلار «ئۇيغۇر بۇلاق» كىتابىنىڭ جەۋھىرىدۇر. بالىلارنىڭ روھىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان روھتۇر. ئىنسانىيەت ئالىمىگە ئورتاق بولغان قىممەت قاراشنىڭ بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلۇقنىڭ تۈپ پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بالىلارنى تار دائىرىدىكى مەلۇم رايوننىڭ، مەلۇم توپلۇقنىڭ ياكى مەلۇم بىر شەخسىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ، كۆز قارىشىنىڭ ۋە دىننىي چۈشەنچىسىنىڭ  قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش بالىلىرىمىزغا ۋە كەلگۈسىمىزگە قىلىنغان ئېغىر خىيانەتتۇر. بالىلىرىمىز دۇنيانى چۈشىنىشى، دۇنيادىكى ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنى ئۆگىنىشى، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئىلغار كۆز قاراشلار بىلەن قوراللىنىشى كېرەك.

كىتابتا يەنە  قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەرنىڭ ھېكايىسمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىسكەندەرنىڭ يالغۇز ئىستېلاچىلا بولۇپ قالماي، يەنە مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە پىكىر ئېقىمى توشۇغۇچى ئىكەنلىكىمۇ ھېكايە قىلىنىدۇ. كىتابتىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسكەندەر  ھازىرقى شىمالىي ماكىدونىيەدە تۇغۇلغان بۈيۈك ئىستېلاچى بولۇپ، بۈيۈك پەيلاسوپ، بىرىنچى ئۇستاز دەپ ئاتالغان ئارىستوتېلنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان. ئۇنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ قەدىمقى چېگرالىرىغىچە يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيەسى ۋە قىممەت قاراشلىرىنىڭ دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بىلەن تۇتۇشىشىغا يول ھازىرلىغان. ئۇ يۇنان پەلسەپەسىنىڭ ئاساسچىلىرى بولغان سوقرات، پىلاتون ۋە ئارىستوتېلنىڭ ئىدىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا تۈرتكە بولغان. كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئىسكەندەر ھېكايىسى ئۇيغۇر ئېلىدە پەيدا بولغان قىممەت قاراش ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنىڭ  تەكلىماكان چۆللىكىنى چېگرا قىلغان تەنھا مەدەنىيەت ھادىسى بولماستىن، بەلكى شەرق ۋە غەرپ ئارلىقىنى باغلىغۇچى بۈيۈك مەدەنىيەت كارىدورى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

خەلقىمىزدە: «بۆلۈنگەننى بۆرە يەر» دېگەن بىر ھېكمەتلىك سۆز بار. بۆلىنىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارىختىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېغىر ئىللەتتۇر. بۇنىڭ ئىپادىلىرى ھازىرمۇ خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى روشەندۇر. كىتابتا بەش ئوغۇلنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق، تارىختا قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئىگە ئۇيغۇر خەلقنىڭ قانداق قىلىپ، بۈگۈنكى دۆلەتسىز  ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى چىرايلىق ھېكايە شەكلى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.

بالىلار ھېكايە، چۆچەك، مەسەل ئوقۇشقا خۇشتار كېلىدۇ. «ئۇيغۇر بۇلاق» كىتابى بالىلارنىڭ مۇشۇ خىل قىزىقىشىنى چىقىش قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىنى ئاددىي تىل بىلەن ھېكايە قىلىپ توقۇپ چىققان. كىتابنى ساۋاتى چىققان بالىلار ئوقۇسىمۇ، ئاتا-ئانىسى ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە قانداق كىتابنى ئوقۇش مەسىلىسىدە ھەركىمنىڭ تاللاپ ئوقۇش ئەركىنلكى بار، خۇددى يازغۇچىنىڭ نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش ئەركىنلىكى بولغاندەك. مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارىمايلى «ئۇيغۇر بۇلاق»تەك بىر كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقىدا بالىلارغا نېمىلەرنى يېزىپ، قانداق كىتابلارنى نەشر قىلىش ھەققىدە يېڭى بىر يول ئېچىپ بەردى. يول ماڭغاندا ئېچىلىدۇ، ئېچىلغان يولدا ماڭغانغا قارىغاندا، يول يوق يەردىن يول ئېچىپ مېڭىش تېخىمۇ قىيىندۇر.

2020-6-04

Share
4589 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.