logo

trugen jacn

ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

miilli öy7 

ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەقىش بېزەكلىرىنىڭ شەكلى ھەرخىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئىشلەتكەن ماتېرىياللار ۋە قوللىنىلغان ھۈنەر-سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ياغاچ ئويما نەقىش، خىش تىزما نەقىش، گۈللۈك خىش كاھىش، رەڭلىك ئويما نەقىش، خىش ئويما نەقىش، گەج ئويما نەقىش، خىش تىزما نەقىش، گۈللۈك خىش، كاھىش، رەڭلىك سىزما نەقىش قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەردە ياغاچ ئويما نەقىشلىرى ۋە رەڭلىك سىزما نەقىشلىرى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.

خىش قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەردە گەج ئويما نەقىش، گۈللۈك خىش، خىش تىزما نەقىش، كايىش ئاساس قىلىنىدۇ. خىش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەرنى زىننەتلەشتە ھەر خىل نەقىش، بېزەك، شەكىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جانلىق، سىپتا، كۆركەم بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ھەيۋەتلىكلىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نەپىس، گۈزەل سەنئەتلىكلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز جەلپ قىلىپ، بەدىئىي زوق، مەنىۋى ئوزۇق ۋە ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ماكانى ئورمانلىقلار، غار-ئۆڭكۈرلەرنى تاشلاپ بۈگۈنكىدەك باغ-ۋارانلىق، ھويلا-ئاراملىق، پېشايۋان-سوپىلىق، دەھلىزە-قازناقلىق، تۆر پەرگاھلىق، تەكچە مېھرابلىق، ۋاسا جۈپ-ناۋالىق، ئەگىمە ئىشىك-دېرىزىلىك، گۈل مەنزىرىلىك ئۆيلەرگە؛ ئۇزۇن سېپىللىق، گۈمبەز-مۇنارلىق، رەستە-كوچىلىق، تاغ-دەريالىق، يېشىل ئورمانلىق، خۇش ھاۋالىق ئاۋات شەھەرلەرگە كۆچكەنلىكى ھەرگىزمۇ ساپالسىز، نەقىش-بېزەكسىز مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ساپالنىڭ رولى ناھايىتى زور بولغان…ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە گۈل نەقىشلىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي، بەدىئىي سەنئىتى نامايان قىلىنغان ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەقىش بېزەكلىرىدە
شەكىل بىلەن مەزمۇن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلىدۇ

ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش تۈرلىرى ئىچىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، ئىشلەش ئاسان ھەم رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان خىش تىزما نەقىشلىرى-ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش تۈرلىرى ئىچىدە خىش تىزما نەقىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق ساھەسىدە نەقىشى كەڭ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. خىش تىزما ئىمارەتلەرنىڭ سۇۋالمايدىغان تام يۈزلىرى، سىرتقى پەردازلىرى، مۇنار يۈزىدىن ئىبارەت كۆزگە چېلىقىدىغان قىسمىغا خىشلارنى ئالاھىدە تاللانغان نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن تىزىش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا، خىش تىزما نەقىش بىلەن گەج ئويما نەقىش ھۈنەر سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىپ ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى ھاسىل قىلىدۇ. خىش تىزما نەقىشنى ئىشلەشتە شەكىللىرى بىر قەدەر ئاددىي بولغان گېئومېتىرىك تۈز سىزىق ئاساسىدىكى نەقىش تۈرلىرىدىن گۈل-چېچەك، چاقماق، كەكلىك قېشى، ساندۇقچە، توقۇناق، پەتنۇس، شەيتان قۇلۇپ قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل نەقىشلەر كۆپىنچە ئىككى تەرەپكە، تۆت تەرەپكە داۋاملاشتۇرۇلغان ھالدا، بەزىلىرى نەقىش ئىشلىنىدىغان ئورۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا مۇستەقىل بىر ئۆرنەك قىلىپ ئىشلىنىدۇ.

خىش تىزما نەقىشىنى ئىشلەش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: خىشنى ھەرخىل گېئومېتىرىك شەكىل بويىچە ۋە نەقىش تەلىپىگە ئاساسەن تىزىپ تام قوپۇرۇش، تىزىلغان خىشلار ئارىلىقىدىكى بوشلۇقلار زىننەت-بېزەك تەلىپىگە ئاساسەن، ئاق ياكى باشقا رەڭ ئارىلاشتۇرۇلغان ھاك، گەج لاي بىلەن پىلتا تارتىلىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن نەقىش ئىشلەنگەن تاملار ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، خۇددى سىزىلغان نەقىشتەكلا كۆرۈنىدۇ ھەمدە ناھايىتى پۇختا بولىدۇ.

يەنە بىر خىلى خىشلارنى ئالدىن يونۇش، كېسىش ئارقىلىق رومبا، ئۈچبۇلۇڭ، كوۋادىرات شەكىللىرىگە كەلتۈرۈۋېلىپ، قۇم قەغەزدە سىلىقلاپ، ئاندىن تاللانغان نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن بۇ خىشلارنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ تىزىش، يەككە تىزىش ياكى تىكلەپ تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. مۇنداق ئۇسۇل بويىچە تىزىلغان خىشلاردىن چېچەك، غۇنچە، يېرىم غۇنچە، چاسا غۇنچە، يۇلتۇز، كۆپتۈرمە يۇلتۇز، ساندۇقچە، كەكلىك قېشى، شەيتان قولۇپ قاتارلىق نەقىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەلەمپەي، پېشايۋان سوپىسى، زەگۈندە قاتارلىق ئىمارەتنىڭ ئۇلى بىلەن دېرىزە تەكچىسى ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا، دېرىزە بىلەن دېرىزە، دېرىزە بىلەن ئىشىك ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا پىلتا-ناۋا شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن خىشلارنى رامكا قىلىپ، باشقا خىشلارنى يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىدۇ.

ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا ئاپتونوم رايوندىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان كېسەك، كېسەكتىن ياسالغان سېپىل، مۇنار ۋە ئۆي-ئىمارەت ئىزلىرى بايقالغان. بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا ئۆي-ئىمارەت سېلىشتا تام سوقۇشتىن كېسەك بىلەن تام قوپۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، كېسەك بىلەن سېلىنغان ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ، ئۇنى شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان تەكرار ئىشلىتىش جەريانىدا كېسەكلەرنى ھەر خىل شەكىلدە تىزىش ئارقىلىق تام قوپۇرۇش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

لېكىن ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئۇرۇش ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ، بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، خىش تىزما نەقىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەمۇنە ئۆرنەكلىرى ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن، مەسىلەن، خىشلارنى تىزىش ئارقىلىق ئون نەچچە خىل نەقىش چىقىرىلغان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى، ئاپئاق خوجا مازىرى، خوتەن ۋە كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ دەرۋازا مۇنارلىرىدا خىش تىزما نەقىشنىڭ كۆركەملىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئومۇمەن، خىش تىزما نەقىشلىرى ئۇيغۇر مېمارچىلىق تېخنىكىسى، نەقىش-بېزەك سەنئىتى، ماتېرىيالچىلىق قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىزدا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە.
.

http://madaniyat.bagdax.cn/3/2011/0523/209.html

Share
2920 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.