logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئەرلىرى ھەقىقەتەن ئەركەكمۇ؟


ئاھمەت كىلبىتمەز
‎ھاجى ئېھسان‎ تەرجىمىسى

يۇرتلىرىڭلاردا خوتۇن-قىزلىرىڭلارغا، ئانىلىرىڭلارغا تاجاۋۇز قىلىنىۋاتسا چەتئەلگە قاچقان ئۇيغۇر ئەرلىرى، سىلەر ئۆزەڭلارنى ئەركەك دەۋاتامسىلەر؟ ۋەتىنىڭلارنى قوغداشقا كۈچۈڭلار يەتمىسە، ۋەتەن يولىدا شەرىپىڭلار بىلەن ئۆلۈشنىڭ ئورنىغا ۋەتەن سىرتىغا قېچىپ باشقا مىللەتلەردىن ياردەم تىلەپ تۇرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئەركەك ساناۋاتامسىلەر؟ خوتۇنلىرىڭلارغا، ۋەتىنىڭلارغا تاجاۋۇز قىلىنىۋاتسا سىلەر ياۋروپا، ئامېرىكىلاردا كەيپ-ساپا، راھەت-پاراغەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ تۇرۇپ ئۆزەڭلارنى ئەركەكلەر قاتارىدىن ساناۋاتامسىلەر؟
ھەر يەردە ئاغزىڭلاردىن «بىز ئۇيغۇر» سۆزىنى چۈشۈرمەيسىلەر-يۇ، سۆز تېمىسى ۋەتىنىڭلاردىكى ئاياللارغا تاجاۋۇز قىلىنغانلىقىغا يۆتكەلگەندە «شەرقىي تۈركىستاندا تۈركلەرگە، مىللەتداشلىرىمىزغا تاجاۋۇز قىلىنىۋاتىدۇ» دىيەلىگۈدەك دەرىجىدە ئىككى يۈزلىمىچىلەرسىلەر. چۈنكى، «خوتۇن-قىزلىرىمىزغا تاجاۋۇز قىلىنىۋاتىدۇ» دېيىشكە تىلىڭلار بارمايدۇ.
پاناھلانغۇچى بولۇپ كەلگەن بۇ دۆلەتتە سىلەر ئەڭ كۆپ تەنقىت قىلىۋاتقان سۈرىيەلىكلەر بارغۇ، خاتىرجەم بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى سىلەردىن بەكرەك ئەركەك. ھېچ بولمىغاندا بىر سەۋەبى بار. دۆلەتلىرىدە ئىچكى ئۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن بىر-بىرىنى قىرغىن قىلماسلىق ئۈچۈن ۋەتەنلىرىدىن قېچىپ كېلىۋاتىدۇ. سىلەر نېمە ئۈچۈن ۋەتىنىڭلاردىن قاچىسىلەر؟
شەرىپىڭلار بىلەن ۋەتىنىڭلار ئۆلەلمىدىڭلار، ئۆلگۈدەك جاسارىتىڭلارمۇ يوق. جىق ماختىنىدىغان لېدىرلىرىڭلارمۇ ئۆز زامانىسىدا ۋەتىنى ئىشغال قىلىنغاندا ۋەتىنىدە قېلىپ ئۇرۇش قىلىش ئورنىغا، قورقۇپ چەتئەلگە قاچتى. ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆلۈپ مىللىتىگە ئۆرنەك بولۇشنىڭ ئورنىغا چەتئەلگە قېچىپ باشقا مىللەتتىن ياردەم تىلىدى. توغرىغۇ، بۇنداق قورقۇنچاق لېدىرلىرى بار مىللەتتىن نېمە كۈتۈلسۇن؟!
خوتۇن-قىزلىرىغا ئېگە بولالمىغان ئۇيغۇر ئەركەكلىرى! ئۆزۈڭلارغا ئەركەك مۇئامىلىسى بىلەن باقماڭلار! ئەركەكلىك بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئېگە بولۇش بىلەن پۈتمەيدۇ. سىلەردە ئەركەكلىكنىڭ ھېچنىمىسى يوق، سىلەر ھېچنىمە ئەمەس…

مەنبە:

UYGURLARIN ERKEKLERİ GERÇEKTEN ERKEK Mİ?

http://asyahaber.info/yazarlar/ahmet-kilbitmez/uygurlarin-erkekleri-gercekten-erkek-mi/19/?fbclid=IwAR07PTfYmZ1MsgqJflIlAorA_O1V5LVmUc0CBvENiBxQahc5zGu7jRRiHlU
Share
5925 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.