logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ناھىيەلەردە ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي – جايلىرى چېقىلىش نىشانى قىلىنماقتا

8524cd42-8788-40fb-b19f-6d6a9217f94e

قۇتلان

2014-u1119-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل مايدا چۆچەك ۋىلايىتىگە قاراشلىق قوبۇقسار ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ ئۆي – جايى مەجبۇرىي چېقىلىپ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى قاتتىق تاياق يېگەن.

بۇ ۋەقە ئۆز ۋاقتىدا قوبۇقسار ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.

ئۆي ئىگىسى سەيپىدىن ئەينى ۋاقىتتا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ناھەقچىلىكنى ئاشكارا قىلغان ئىدى. بۈگۈن ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى ئىككىنچى قېتىم قوبۇل قىلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ 5 ئايدىن بۇيانقى ئېغىر قىسمەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان كۆپ مىللەتلىك ناھىيە. قوبۇقسار ناھىيەسى غەربتە قازاقىستان بىلەن، شىمالدا ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە قازاق، موڭغۇل، خىتاي ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئون نەچچە مىللەت ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان. سەيپىدىننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ناھىيە بازىرىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نوپۇسى مىڭ نەچچە يۈز كېلىدىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى ناۋايچىلىق، ئاشخانا ۋە باشقا ئۇششاق تىجارەتلەر بىلەن شوغۇللىنىدىكەن

بۇ ناھىيەدە ياشىغىلى 20 نەچچە يىل بولغان سەيپىدىن بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ناھىيە بازىرىدىن كۆلىمى 300 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بىر قورو – جاينى سېتىۋالغان. شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خىتاي باشلىقى ئەينى ۋاقىتتا قوبۇقسار ناھىيە ئىچىدىن 7 يۈرۈش قورۇ – جاينى سەيپىدىنگە ئوخشاش ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت تىجارەتچىلىرىگە سېتىپ ئاق قەغەزگە ئىمزا قويۇپ ئىسپات چىقىرىپ بەرگەن. يەر خېتى ۋە باشقا قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى كېيىن بېجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ باشقا جايغا يۆتكىلىپ كەتكەن

بۇ يىلنىڭ بېشىدا سەيپىدىن كونىراپ كەتكەن ئۆيلىرىنى يېڭىلاپ قايتا ياسىماقچى بولغاندا، شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ ئۆيىنىڭ خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىدىن رېمونت قىلغان ۋە بىرقانچە ئېغىز ئۆي سالغان. ھالبۇكى، بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىرقانچە تىراكتۇر ۋە ماشىنىلار بىلەن تۇيۇقسىز كېلىپ سەيپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۆيىدە يوق چاغدا ئۆينى تۈرتۈپ چېقىشقا باشلىغان. سەيپىدىننىڭ ئاكىسى بىلەن ئىنىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ۋە ئۆي ئىچىدىكى مۈلۈكلەرنى ئېلىۋېلىشنى ئېيتقان

بۇ ۋاقىتتا شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىلەن بىللە كەلگەن 5 – 6 ئادەم سەيپىدىننىڭ ئاكىسى ئابلاجان سىدىقنى «خىزمىتىمىزگە توسقۇنلۇق قىلدىڭ» دەپ تۇتۇپ قاتتىق ئۇرغان. سالاھىيىتى نامەلۇم بۇ كىشىلەر ئابلاجان سىدىقنى نۆۋەت بىلەن ئۇرۇپ مەيدىسىگە قاتتىق تىزلىغان

ئۇلار ئابلاجان سىدىقنىڭ ئىنىسى بىلەن ئايالىنى ئۇرۇپ بىر بولكىۋاي ئاپتوموبىلغا سولاپ قويغان، ئاندىن ھۇشسىز ياتقان ئابلاجان سىدىقنى قوبۇقسار ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. ناھىيەلىك دوختۇرخانا ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قارامايدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقان. قارامايدىكى دوختۇرلار كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىشقا كۆزى يەتمەي ئۈرۈمچىگە يولغا سالغان

5 – ئايدىن بۇيان تاياق زەربىسىدىن چالا ئۆلۈك بولۇپ، يۈرەك رىتىمى ئاجىزلاپ كەتكەن ئابلاجان سىدىق تېخىچە كېسەلدىن ئۆرە تۇرالمىغان. ئۆي ئىگىسى سەيپىدىن يوقىرى – تۆۋەن قاتراپ ئىدارىمۇ – ئىدارە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە چىقىرالمىغان. ئۆيسىز قالغان بۇ ئائىلىگە ئاھالىلەر كومىتېتى 40 – 50 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ۋاقىتلىق تۇرالغۇ تېپىپ بەرگەن

ئۇنداقتا، بۇ ناھەقچىلىكنىڭ ئاخىرى قانداق بولدى، سەيپىدىننىڭ ئاكىسى ئابلاجان ئەسلىگە كەلدىمۇ؟ ئۇلار تۆلەمگە ئېرىشتىمۇ؟ ئادەم ئۇرغۇچىلار جازاغا تارتىلدىمۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-oy-11192014233544.html

Share
1495 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.