logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىدا ئەندىشىلىنەرلىك ئۆزگىرىشلەر ئاشكارىلانماقتا

 indir


گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كۆپ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراش دەرىجىسى ئېغىرلاپ، خىتاي بويىچە تارقىلىش سۈرئىتى ۋە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان رايونلار قاتارىدا كەلمەكتە ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى گەرچە مۇقىم ھالەتكە كېلىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئازراق تۆۋەنلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىلگىرى ئەيدىز يۇقۇمى تۆۋەن بولغان ۋە كۆرۈلمىگەن قىسمەن جايلاردا يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا ئىكەن. يۇقۇش يوللىرى ئۈزلۈكسىز مۇرەككەپلىككە يۈزلىنىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش، شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش شەكلىگە ئايلىنىپ قالغان، ئەر ھەمجىنسلەر ئارىسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇتەخەسسىسلەردە يەنە يېڭى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە 1995-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقىلىپ تاكى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 94 ناھىيە (شەھەر، رايون) دوكلات قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار جەمئىي 43555 غا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 8102 كىشى قازا قىلغان. نۆۋەتتە ھايات يۇقۇملانغۇچى 27373 بولۇپ، بىمار 8058 كەن. ئەر-ئاياللارنىڭ جىنس پەرق نىسبىتى بويىچە 1.4:1 بولغان.

ئەمما، ئىلگىرى خېلى ئۇزاققىچە ئەيدىز بايقالمىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى شەھەر ۋە ناھىيىلەردە، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ يامراش سۈرئىتى تېز بولغان، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش مەزگىلىگە قەدەم قويۇشى سەۋەبلىك داۋالاش ۋەزىپىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىشقا باشلىغان.

يۇقۇملىنىش يوللىرى جەھەتتە ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللارغا قەدەر يۇقۇشنىڭ ئاساسلىق يولى زەھەر قوللانغۇچىلار ئورتاق شپىرىس ئىشلىتىش بولغان بولسا، ھازىر بۇ خىل يول بىلەن يۇقتۇرۇۋالغانلار 36% نى، 50% تىن كۆپرەكىنى بولسا ئاساسەن جىنسى ئالاقە يولى بىلەن يۇقتۇرۇۋالغانلار ئىگىلىگەن.

10-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، نەچچە يىلدا تەكشۈرۈشتىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىلەن ئۆلگۈچىلەر سانى ئۈزلۈكسىز كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەيدىز كېسىلى تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار يىلسېرى كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئامىللىرى يەنىلا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغانلىقتىن ئالدىنى ئېلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز زورايغان.

تارقىلىش يولى جەھەتتە، شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن تارقىلىشنىڭ ئورنىنى جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە زەھەر چېكىشتىن تارقىلىش نىسبىتى بىرقەدەر تۇراقلىق بولغان، ئەرلەرنىڭ ئۆز-ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولغان. بۇ خىل يۇقۇملاندۇرغۇچىلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولغانلىقى بەكرەك ئەندىشە قوزغىماقتا.

ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرىدىن، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدا زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ يېڭى بايقالغان يۇقۇملىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى، يىللاردىن بېرى ئىسلاھ قىلىنماي ئوخشاش داۋاملىشىۋاتقان ئوكۇل ئۇرۇپ زەھەر چېكىش تەشۋىقاتىنىڭ ئورنىنى، جىنسىي ساغلاملىق تەشۋىقاتى ئېلىپ، ئاساسلىق تەشۋىقات شەكلىگە ئايلىنىشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان بەلگىلىك نۇقتىدىكى ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش ئاپپاراتىدىن 89 ئى بولۇپ، گەرچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى «بالدۇر بايقاش، بالدۇر باشقۇرۇش ۋە بالدۇر داۋالاش» قا پۇختا ئاساس سېلىنغانلىقىنى، «ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم تەكشۈرۈش» ۋە مۇھىم نۇقتىلاردا «نىكاھ مەزگىلى چوقۇم تەكشۈرۈش» سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى ھەر يىلى دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرى سانى 4500 دىن 5500 گىچە بولغان، لېكىن 40% بىمار يەنىلا بايقالمىغان.

مەمتىمىن ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا ئاقما نوپۇسنى كۆپەيتىشى بىلەن بىر پەيتتە، ئىجتىمائىي قاتلامدىكى مۇرەككەپلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە تېخىمۇ زور رىقابەت يارىتىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بۇ يەردىكى بوشلۇقنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر ۋە يۇقتۇرۇۋېلىش ۋە يۇقتۇرۇش خەتىرى بولغان كىشىلەر توپىنىلا ئاساسلىق نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە يەنىلا مەنبەگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. دائىرىلەر، بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلەردىن ئاتالمىش نىشانلىق ياردەم بېرىش شامىلى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا باشقا جايلاردىن ئۈزلۈكسىز كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇن ئىشلەمچىلەر، سودىگەرلەر، ساياھەتچىلەر، يوشۇرۇن پاھىشىۋازلىق قىلغۇچى، جىنسىي كېسەللىك بىمارى، ئەرلەر ئارا ئۇچراشقۇچىلارغا ئوخشاش ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى بايقاش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن قاراتمىلىق 100% لىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇشى كېرەك، سىرتتىن كېلىۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپلىك كىشىلەر توپى ئارىسىدا كېسەللىك تارقىتىشتىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghurda-eydiz-04022015143718.html

Share
1528 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.