logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدە 10 ئاي ئىچىدىلا 3890 كىشى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان

Zoriah-AIDS

24-نويابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 283 كە يەتكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئىچىدە 9156 نەپەر ئەيدىز بىمارى بار ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىدىغان ئەڭ ئاساسىي قاناللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، 2015-يىلى جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى %85.5 كە يەتكەن. بۇ يىل ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر تېز بولغان بولۇپ، پەقەت بۇ يىل يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە بولغان 10 ئاي ئىچىدىلا 3890 كىشى يېڭىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ۋە كۆلىمى چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ئامېرىكىدىكى تونۇلغان تور ژۇرناللىرىدىن بولغان «ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۈمىد» ناملىق تور بەتتە كەيسى خالتىر ئىسىملىك تەتقىقاتچى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق كەڭ يامراپ كېتىشىدە رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي بېسىم ۋە مىللىي كەمسىتىش سىياسەتلىرىنىڭمۇ رولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-eydiz-11252015162804.html

Share
1590 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.