logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدە يانفون، كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرىدۇ

indir

ئۇيغۇر ئېلىدە يانفون ۋە مۇناسىۋەتلىك ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى باشقۇرۇش نىزامنامەسىنىڭ تۈزۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

   ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يانفون ۋە مۇناسىۋەتلىك ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامنامەسى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، نىزامنامەدە يانفون ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە نىمكەش يانفون ،كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچىلارنى تىزىمغا ئېلىش بەلگىلەنگەن.
مەزكۇر نىزامنامەنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، مەدەنىيەت نازارىتى، ج خ نازارىتى، ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسى، مىللەتلەر كومىتېتى(دىنىي ئىشلار ئىدارىسى) تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى قاتارلىق ئالتە ئورگاننىڭ بىرلىشىپ تۈزۈپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، بەلگىلىمىنىڭ ئاساسلىقى يانفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەۋەردە، نىمكەش يانفون سېتىۋالغۇچىلارنىڭمۇ تىزىمغا ئېلىنىدىغانلىقى؛ بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلاردىن پايدىلىنىپ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كومپيۇتېر ۋە يانفون سېتىش دۇكانلىرىغا چوقۇم تېلېكامېرا ئورنىتىش، تېلېكامېرا ئۇچۇرلىرىنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 30كۈن ساقلاش شەرت ئىكەن. كوچىدا جۇغلىشىپ نىمكەش يانفون سودىسى قىلىش، «قارا كارت» ۋە زىيانلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق يانفون زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىش چەكلەنگەن. نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىلگىرى يانفون كارتىسى سېتىۋالغانلار بېكىتىلگەن نۇقتىلارغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1565 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.