logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىي سادىقلىقى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتىكەن

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

قۇتلان

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىي سادىقلىقى قاتتىق تەكشۈرۈلگەن.

بۈگۈن «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىگە «شىنجاڭدىكى يۈزلىگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دۆلەتكە بولغان ساداقىتى تەكشۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چارە كۆرۈلگەن كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى 2013-يىلىغا قارىغاندا 6 ھەسسە كۆپەيگەن. يەنى 2014-يىلىدا تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى 355 نەپەرگە يەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا چارە كۆرۈلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر قىسمى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلار دۆلەتكە بولغان «سىياسىي سادىقلىقى» دا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن تازىلانغانلىقى مەلۇم.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال تىبەتتىمۇ كۆرۈلگەن، يەنى ئۆتكەن بىر يىلدا تىبەتتىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىچىدىن 15 نەپەر تىبەتلىك كادىرنىڭ خىتايغا بولغان «سىياسىي ساداقىتى» دە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن جازالانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئىشلىتىش ھەم ئۆستۈرۈشتە ئۇلارنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىي ساداقىتىنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/sadiq-emeldar-02022015161143.html

Share
1327 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.